سىز بۇ تېمىنىڭ 363 - كۆرۈرمىنى
igilik.com
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 71477
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-28

 ئەل ئىچى كارخانىلاردىكى ئاجىزلىقلار

ئۇيغۇر ئگلىك (igilik.com/bbs ) خەۋرى



ئىسلاھات جەريانىدا بارلىقققا كەلگەن ئەل ئىچى كارخانىلىرى ،بازار رىقابىتى جەريانلىرىدا تاۋلىنىپ،تالاي قېتىم يىقىلىپ،تالاي قېتىملاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەلدى.دۆلەتلىك سودا كومىتىتىنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا،دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 5.7يىل ئىكەن.يەنە باشقا مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا،دۆلىتىمىزدىكى چوڭ گوروھلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 7-8 يىل،كىچىك كارخانىلارنىڭ بولسا 3-5 يىلغىچە ئىكەن. كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى خەۋپ ۋە ئەنسىزلىكتىن ساقلىنالمايدۇ،بەزىلەرنىڭ شەرھىلىشىچە،بازار ئىگىلىك ساھەسى ئۇسۇل-سەنئەت ساھەسىگە ئوخشاش بولۇپ،بىر قىسىم چولپانلار يوقالغان ھامان يېڭى بىر تۈركۈم چولپانلار پەيدا بولىدۇ.ھالبۇكى ئىلگىرىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ سەھنىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئايرىلىش جەريانى كارخانىلارنىڭ ياخشى دەرسلىكىگە ئايلانغۇسى.
تۆۋەندە بىز ئەل ئىچى كارخانىلىرىنىڭ تىپىك مىساللىرىنى تەھلىل قىلىپ،بۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى سەۋەپلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.بىر كارخانىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى بىرلا خىل سەۋەپ كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ،بەلكى كۆپلىگەن مەسىلىلەر بىرلىشىپ پەيدا قىلىدۇ. )


1.دەسمايىدىن ئايرىلىش

ياخشى مەھسۇلات كارخانا پايدىسىنىڭ زۆرۈر مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ،بۇ يەردىكى «مەھسۇلات»بىر خىل كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم بولۇپ،مەسىلەن ئېيتايلۇق مەسلىھەتچىلىك شېركىتىنىڭ مەبلەغ مەسلىھەت مۇلازىمىتىمۇ بىر خىل مەھسۇلات ھىساپلىنىدۇ.كارخانىنىڭ بازارغا سالىدىغان مەھسۇلاتى بولمايدىكەن،ئۇنداقتا تىجارەت دەسمايە كاپالىتىمۇ بولمايدۇ.
ياخشى مەھسۇلات بازارنىڭ تەلىپىگە ماس كىلىشى،مۇقىم بولغان ئىستىمال توپىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى ئورنى ئېنىق بولۇشى،ئوخشاش خىلدىكى تاۋارلار ئىچىدە روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە پەرقى بولۇشى،باشقا خىل تاۋارلار ئورنىنى ئالالماسلىقى،يەنە مۇۋاپىق ھالدا پايدا كەلتۈرىدىغان بولۇشى لازىمدۇر.بۇ قارىماققا شۇنداق ئاددىي بىر «ئۇقۇم»دۇر.مەھسۇلاتسىز بازار خۇددى شورپىغا ئوخشاش بولۇپ،گۆش سالماي،خۇرۇچنى ئۆلگۈدەك سالساقمۇ،ئۇ يەنىلا شورپا بولالمايدۇ.قۇرۇق پاقلان گۆشنى قاينىتىپ،تۇز سالماي خۇرۇچلىرىنى تېتىتالمىساقمۇ،رىقابەتچىلەرنىڭ شورپىلىرىنىڭ تەمى ئالدىدا ئۇتتۇرۇپ قويىشىمىز تۇرغانلا گەپ!
«پىچاق»نىڭ «گال»لىقى نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ زورىيالماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.بۇ يەردىكى «پىچاق»دەل مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى،ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭىلىقلىقىدۇر.بازاردا سىزنىڭكىگە ئوخشاش مەھسۇلات كۆپەيگەنسىرى،رىقابەت كۈچىيىپ،ئېرىشىدىغان پايدا ئازىيىپ كىتىدۇ،بۇنداق بولىۋەرسە مەھسۇلاتىڭىزنىڭ بازاردىن چىكىنىشى تۇرغانلا گەپ.يىمەك ئىچمەك كەسپىنى مىسالغا ئالساق،بېيجىڭدا ھەر ئايدىلا 2000 ئاشخانا تاقىلىپ كىتىدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ باشقا داڭلىق ئاشخانىلارغا ئوخشاش ماركا مەھسۇلاتلىرى يوق بولۇپ،پەقەت ئادەتتىكى تائاملار بىلەنلا تەمىن ئېتىدۇ.شۇڭا رىقابەتتىمۇ تېزلا ئۇتتۇرىۋىتىدۇ.


2.مەبلەغ ئېقىپ كىتىش

سۇئال:سىزچە كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ بېسىم قەيەردىن كىلىدۇ؟
جاۋاب:مەبلەغنىڭ يىتىشمەسلىكىدىن كىلىدۇ.
مانا بۇ نۇرغۇن مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشلىرىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ناھايىتى تىپىك بىر سۇئال جاۋاپتۇر.مەبلەغ مەسىلىسى كارىانىنىڭ جانىجان مەسلىسىدۇر،بۇنىڭدىن چاتاق چىقسا بولمايدۇ،نۇرغۇن ھاللاردا كارخانىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب دەل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈلۈشىنىڭ جانسىزلىنىشىدىندۇر.
ئەل ئىچى كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ مەسىلىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا قارىغاندا جاپالىق،بۇ خىلدىكى كارخانىلارنىڭ چوڭ تىپتىكى سودىلارغا كىرىشى ئىنتايىن مۇشكۇل،شۇڭا تەرەققىياتىمۇ بىر قەدەر ئاستا.كارخانا زورىيىش قەدىمىنى تېزلەتكەندە،كۆپ ئەھۋاللاردا مەبلەغدىن قىسىلىپ قېلىپ،پۇتكۇل كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ،يەنە بەزى ئەھۋاللاردا چوڭ سودىلارغا سەرپ قىلىنغان پۇل كۆپ بولغان ئەھۋاللاردا،پۇتۇن سودىنىڭ مەلۇم بۆلىكىدىن چاتاق چىقىپ قالسا،ئەسلىدىلا جىددىي ھالەتتىكى مەبلەغ مەسىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن قىيىنلىشىدۇ،بۇ خىل ئەھۋالدا پۇتۇن كارخانا ھالاك بولۇشىمۇ مۇمكىن.بۇ خىل مىساللارمۇ بەك جىق.
2001-يىلى،جۇڭگودىكى بىرىنچى زەنجىرسىمان ئاياق كارخانىسى دەپ نام ئالغان ۋېىنجۇ «بەيشىن»ئاياقچىلىق كارخانىسى،بانكا ياردىمىگە ئېرىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا،زور كۆلەمدە دۇكان ئېچىپ،دۆلىتىمىزدە 100 دىن ئاتۇق زەنجىرسىمان ئاياق بازارلىرىنى ئېچىپ،مەبلىغى خوراپ كەتكەن،ئاخىرىدا بۇ بازارنىڭ قۇرغۇچىسى قەرزنى تۆليەلمەي،باج ئوغرىلىغىنى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان،كارخانمۇ شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولغان،ئەسلىدىكى كارىانا سېتىلغان بولسىمۇ،قەرزنى قايتۇرۇشقا دالدا بولالمىغان.


3.تىجارەت ئورنىنى خاتا تاللاپ قېلىش

تىجارەت سورۇنى توغرا تاللانسا،كارخانا 70% مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ.بۇ خىل قاراش كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن قاراشتۇر.
يېقىندا،بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۇن خەيدىيەن تېخنىكا بىناسىنىڭ 1-2-قەۋىتىگە جايلاشقان «سەيبو ئېلىكتىر بويۇملار بازىرى»بۇ ياخشى ماكانىدىن ئايرىلىپ،ئاسىيا تەنھەرىكەت كەنتىگە كۆچتى،ھالبۇكى شۇلار بىلەن خوشنا «سېلىتسىي جىلغىسى»كومپۇتى بازىرى بولسا ھازىرمۇ شۇنداق بازار تېپىپ تۇرماقتا،ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان بۇ بازار نىمە ئۈچۈن جۇڭگۇەنسۇندىن چىكىنىپ چىقتى؟ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،بۇ بازار جۇڭگۇەنسۇندىن ئورۇن ئالغاندىن تارتىپلا زىيان تارتىپ كەلگەن،ئىجارىسىنىڭ قىممەتلىكى ۋە خېرىدارلىرىنىڭ ئازلىقى سەۋەپلىك، باشقا بازارلارغا يىتىشەلمىگەن،ئوخشاش كەسپتىكىلەرنىڭ باھاسىغا ئاساسلانغاندا،ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى سەۋەبنى ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن،بىرى تىجارەت دەسمايىسى يەنە بىرى بولسا ئۇلارنىڭ «بازارلاشقان»بازار قارىشى جۇڭگۇەنسۇننىڭ ئەسلىدىكى تىجارەت شەكلى ۋە «ئىكولوگىيىسى»بىلەن ماس كەلمىگەن.«سەيبو»نىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمۇ بازار ئورنىنى خاتا تاللاپ،يەرلىك بازارغا ماسلىشالمىغانلىقىغا ئىقرار بولۇشقان.


4.نىشانسىز كېڭەيمىچىلىك

خەلقارا بازارنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن،بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ دەرھاللا «يوغىناپ»كەتكۈسى كەلدى،كۆرەڭلەپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن يەرلەرنى قاشالاپ،بىرلىشىپ،قوشۇلۇپ زورايدى،مەسىلەن تىببىي-دورىگەرلىك ساھەسىنى ئېلىپ ئېيتساق،نۇرغۇن كارخانىلار «5يىل ئىچىدە تۈمەنلەپ زەنجىرسىمان دۇكان پەيدا قىلىمىز»دەپ جار سېلىشتى،بۇنداق بولغاندا كۈنىگە 5.5دۇكان ئېچىلىدۇ دىگەن گەپ،ھەر بىر دۇكاننى ئېچىشقا 500،000 يۇەن كىتىدۇ دەپ ھىساپلىساق،ھەر يىلى 1 مىليارد يۇەن سېلىنما كىتىدۇ دىگەن گەپ.ھالبۇكى بۇنداق شېركەتلەردە ئاخىرى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 1000 دۇكان ئاچالىدى .
«غازكاۋاپ»دىگەن دۇكاننىڭ تەجرىبە ساۋىقى دەل تىپىك نىشانسىز كىڭەيمىچىلىكتىن ۋەيران بۇلۇشنىڭ مىسالىدۇر.«غاز كاۋاپ»دىگەن شېركەت بىر مەھەل روناق تېپىپ،دۆلەتنىڭ ھەر قايسى يېرىدە 30 نەچچە رېستۇرانلىرى ئېچىلدى،بېيجىڭدا 7 يەردە دۇكىنى ئېچىلدى،ھالبۇكى ھازىر بولسا ئاران 9 دۇكىنىلا قالدى.«غازكاۋاپ»نىڭ قۇرغۇچىسى ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۈستىدە تەن بېرىپ مۇنداق دىگەن:«ئەينى چاغدا ھەمكارلىشىدىغانلار بەك جىق ئىدى،شۇنىڭ بىلەن كاللىمىز قىززىپ كىتىپتۇ،ھازىر ئويلىسام،شۇ ۋاقىتتا ئۇنداق كىڭەيمىچىلىك شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئىكەنمەن،شۇڭا بۇ سودىدا ۋەيران بولدۇم».1995-يىلى قاتتىق مودا بولغان«قىزىل قوناق»ماركىچىلىقىمۇ،جىڭجۇدىن بېيجىڭغا يۈرۈش قىلىپ،دۆلەتتە 20 نەچچە يەرگە كىڭەيگەن ئىدى،كىيىن داڭلىق شۇئارلىرى بىلەن 1998-يىلى بىراقلا ۋەيران بولدى.بوينىدىكى قەرزى 36مىليون يۇەندىن ئاشتى.


5.ھەر تەرەپكە تەڭ قول سوزۇش

«ھەممە تۇخۇمنى بىر سېۋەتكە تىقماسلىق كېرەكمۇ» ياكى «ھممە تۇخۇمنى بىرلا سېۋەتكە تىقىپ،سېۋەتكە ئوبدان قاراش كېرەكمۇ؟».ئېنىقكى ھازىر كۆپىنچە كارخانىلار ئالدىنقىسىنى تاللايدۇ.شېركەتتە كۆپ خىل تىقارەتنى يولغا قويۇش كېرەكمۇ ياكى ئەمەسلىكىدە ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسىمۇ،ئەمما بىر نوقتا ئېنىقكى:باشقۇرۇش توغرا بولمىغاندا«كۆچنى مەركەزلەشتۈرۈش»ئارتۇقچىلىقىدىن مەھرۇم قېلىپ،ھەر تەرەپكە تەڭ قول سۇزۇپ تارتىشىپ قېلىشتەك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ. كۆپ خىل تىجارەت تۈرلۈك كارخانىلار ھازىر جىق ئۇچىرايدۇ،ئەمما پايدا ئالغانلىرى كۆپ ئەمەس.نۆۋەتتە،كۆپ خىل تىجارەتكە ئاتلانغان شېركەتلەر بىر قەدەر كۈچلۈك،مەركىزى تىجارەت تۈرىگە ئىگە كارخانىلاردۇر.ئەمما ئارىلاشقان ساھەلەر سالمىقى كۆپەيگەنسىرى،ھالسىرايدىغان ئىشمۇ يوق ئەمەس.مەسىلەن «ۋۇلىياڭيې»ھاراقچىلىق گوروھى نەچچە مىليارد مەبلەغ سېلىپ،كومپۇتىر ئۆزەكچىلىك ساھەسىگە كىرمەكچى بولغان،بۇ جەرياندا ئىختىساس ئىگىسى،كەسپى ئۇچۇر ۋە بايلىق،باشقۇرۇش تەجرىبىسى،كارىانا مەدەنىيىتى قاتارلىقلاردا ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا مەجبۇر بولغان.بۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئۇلارنىڭ دورىگەرلىك،ۋېسكى ۋە پىلاستىك ماتىرىيالچىلىق كەسپىمۇ ۋەيران بولغان ئىدى. )
بۇنداق مىساللار يەنە ئاز ئەمەس.مەسىلەن «活力28»دىگەن كىر پاراشۇكى ھەممەيلەنگە مەلۇم،ئۇلار مەملىكەتتە ماركىىسىنى تىكلىگەندىن كىيىن،قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدىلا كىر يۇيۇش ماشىنىسى،دورىگەرلىك،پىۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە ئارىلاشقان،ئاخىرىدا ئۇلارنى باشقۇرۇپ بولالماي ۋەيران بولغان.


6.ماركىغا سەل قاراش

2002-يىلى،بېيجىڭ،شىئەن ۋە جىنەن قاتارلىق چوڭ شاھەرلەردە «ئاچپاقا ئۆدەك»ماركىسى بىر مەھەل قاتتىق مودا بولغان ئىدى،ئەمما ھازىر ئاھاھەن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.كەسىپداشلارنىڭ قارىشىچە ئۇلار بىلىم مۆلۈكدارلىقى ۋە ماركا قوغداشقا ئەھمىيەت ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن ۋەيران بولغان.
«ئاچپاقا ئۆدەك»ماركىسىنى ئەڭ ئاۋال چۇڭچىڭ فىڭگۇاڭ ھەسسىدارلىق شېركىتى بارلىققا كەلتۈرگەن.2002-يىلنىڭ بېشىدا،بۇ ماركا زەنجىرسىمان دۇكان شەكلىدە پۈتۈن دۆلەتكە يېيىلىپ،قاتتىق دەۋىر سۈرگەن.ئەمما «ئاچپاقا ئۆدەك»ماركىسى تىزىملىتىلمىغان،شۇنىڭ بىلەن بازاردا يەنە ھەر خىل تۈردىكى «ئاچپاقا ئۆدەك»مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كىلىشكە باشلىغان،بۇ ماركىمۇ بارغانسىرى ئۆزلۈكىنى يوقاتقان،ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلارنىڭ ھۆنىرىمۇ ياخشى بولغاچقا،رىقابەت كۈچىنى يوقىتىپ قويغان،ھەتتا بەزى تىجارەتچىلەر پۇلنى قوغلىشىپ،كىسەل ئۆدەكلەردە تاماق قىلىپ سېتىشتەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن.بۇنداق قالايمىقان بازار ئەھۋالىنىڭ كاساپىتىدىن،ئىستىمالچىلار «ئاچپاقا ئۆدەك»ماركىسىغا بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقان.بۇ ماركىمۇ شۇنىڭ بىلەن ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن. :
بازاردا تاۋار ماركىسىغا بولغان دەتالاشلار ئاز ئەمەس،كۆپلىگەن داڭلىق كارخانىلار ماركىسىنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا،قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ قوغدانماقتا،مەسىلەن «خەيئېر»ماركىسى ئۆزىنى چۆرىدىگەن ھالدا 500 نەچچە پاتىنت ئىلتىماس قىلدى،مۇتەخخەسسىلەرنىڭ قارىشىچە:ياخشى مەھسۇلات بولۇپ،ماركىغا سەل قارالسا بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ بازىرى ساغلام تەرەققىي قىلالمايدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ كارخانىلىرىدىمۇ بۇ خىل ئەھمىيەت بېرىش قارىشى كۈنسىرى مۇكەممەللەشمەكتە.


7.باجدىن قېچىش

غەرىپلەردە مۇنداق بىر سۆز بار:«دۇنيادا ئىككىلا ئىشتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ،ئۇ يەنى باج ۋە ئۆلۈمدۇر.» باجدىن قېچىش ۋە كەم تاپشۇرۇش دۆلىتىمىزدە چەكلىنىدىغان ئەمما ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسىلەرنىڭ بىرىدۇر.تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ خىل كارخانا ھەركىتىنىڭ كەينىدىكى مۇرەككەپ سەۋەپلەر،ئەمەلىيەتتە شۇ كارخانىنىڭ ئۇنۋېرسال ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتىنى چىقارغان قارار ئىكەن.ھالبۇكى كارخانىلار مۇۋاپىق باجتاپشۇرسا ياكى باج سوممىسىنى تىجەپ قالسا بولىدۇ،ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى قانونغا رىئايە قىلىشتۇر.دەل مۇشۇنداق باجدىن قاچۇرۇش سەۋەپلىك،نۇرغۇن كارخانىچىلار تۇرمىگە سولاندى،ئۇلارنىڭ كارخانىلىرىمۇ ۋەيران بولۇپ كەتتى. يېقىندا،گۇاڭجۇ شەھەرلىك «پۇياۋتوڭ»خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى شېركىتى يالغان تالون ئىشلەتكىنى ئۈچۈن،مەسئول خادىمى قولغا ئېلىندى،بۇ تارىىتىن بۇيانقى ئەڭ زور باج ئوغرىلاش دىلۇسى بولۇپ،ئوغرىلىغان باق سوممىسى 200 مىلىيون يۇەنگە يەتكەن.شۇ شېركەتنىڭ نامىدىكى گۇاڭجۇ،بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى شېركەتلەرمۇ ھىساپنىڭ سىرتىدا ئىش قىلغاچقا،زور مىقتاردا باج ئوغرىلىغان،نۆۋەتتە بۇ شېركەتنىڭ مۆلكى توڭلىتىلدى،مەسئولىمۇ تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى
كەسىپداشلارنىڭ قارىشىچە،دۆلىتىمىزنىڭ باجچىلىق ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش ياسالماقتا،ئەگەر بۇ مەسىلىگە ئىلگىرى مەسىلىگە قارىغان نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىنسا،بۇنىڭدىكى ئاقىۋەت ئىنتايىن ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.شۇڭا كارخانىلار يالغان ھىساپ ياساش قىلمىشىنى تاشلاپ،باج سىياسىتىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ،كارخانىنى قانون بۇيىچە ئىدارە قىلىشى لازىمدۇر.


8.ئادەم ئىشلىتىشكە سەل قاراش

جۇڭگو كارخانىچىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش سېستىمىسىنىڭ 10-نۆۋەتلىك كارخانىچىلارنىڭ يېتىلىش ۋە تەرەققىيات تەكشۈرۈش دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا،3539 كارخانىنىڭ مەسئوللىرىنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتكەن،يەنى:«كارخانا باشقۇرۇشتا ئەڭ ئاسان كۆرۈلىدىغان مەسىلە»ئىچىدە «ئادەم باشقۇرالماسلىق» «پىلاندا خاتالىشىش»دىگەن تۈرنىڭ كەينىدىلا2-ئورۇندا تۇرغان.«ئادەمنى توغرا ئىشلىتەلمەسلىك»مەسىلىسى كارىانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان.
ئادەمنى توغرا ئىشلىتەلمەسلىكنىڭ شەكلى ھەر خىل،ئىختىساس ئىگىسىنىڭ ئورنىغا يېقىنلىرىنى قويۇش،ئىشەنمەسلىك تۈپەيلىدىن ئادەمنى خاتا تاللاپ قىلىش،رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنىڭ كەمچىلىكىدىن ئىختىساس ئىگىلىرىنى قاچۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلار...ئەمما ھەممىسنىڭ ئاقىۋىتى بىرلا،يەنى كارىانىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرى كىمىيىپ،مەركىزى ئادەم كۈچ كاپىتالىنى شگكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ.بىر مۇتەخخەسسىس مۇنداق دەپ ئېيتقان:«تېخنىكا،كاپىتال،مەھسۇلات،مۇلازىمەت رىقابەتلىرىنىڭ يىلتىزى ئادەم كۈچى رىقابىتىدۇر ».
يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن «بەيشىن»ئاياقچلىق كارخانىسى 100 نەچچە دۇكانغا كىڭىيىپ،بىر مەھەر قاھانغا تونۇلغان بولسىمۇ،ئاخىرىدا ۋەيران بولغان.بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ،ئۇلار باشقۇرۇش جەھەتتە پۈتۈنلەي«ئائىلىۋى جەمەت»تۈزۈمىنى قوللانغان،بۇ كارخانىنىڭ خوجايىنى لىجۇڭۋېن بارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى ئۆزىنىڭ تۇققانلىرى ۋە دوستلىرىغا بەرگەن،ئەمما ئاىىرىدا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ بولالماي قالغان.ئاقىۋەتتە لىجۇڭۋېن مەغلۇب بولغىنى بىلەن ،ئۆز ۋاقتىدا نۇرغۇن پارا ئالغان تۇققانلىرى ۋە دوستلىرى مىليونىرلاغا ئايلانغان.


9.ھۆكۈمەتكە زىيادە چاپلىشىۋىلىش

ھۆكۈمەت ھەر قانداق بىر كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم.دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن،ئەمما ئەل ئىچى كارخانىلىرىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال ساقلانماقتا.كارخانا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا شۇ يەردىكى باج ۋە ئىقتىسادى كىرىمنىڭ مۇھىم مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ،شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى نەتىجىسى ۋە ئوبرازى ھىساپلىنىدۇ،شۇڭا كارخانىلارمۇ قەرز ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا كارىانىلاردىن ئېمتىيازلىق ھىساپلىنىدۇ،ھۆكۈمەتمۇ كارخانىلارنىڭ تەمىنلىگۈچىسى ۋە خېرىدارىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.  
ئىلگىرى بايلىق تىزىملىكىگە تىزىلغان شەنشى ئەل ئىچى كارخانىسى «خەيشىن»گوروھى «21ئەسىر ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،2 مىلياردتىن ئارتۇق مۆلۈككە ئىگە ئىكەنتۇق،ئەمما ھازىرئۇلارنىڭ ئالغان قەرزىمۇ 2 مىليارد يۇەنگە يەتكەن.دىمەك بۇ شېركەتنىڭ پايدىسى نۆل دىگەن گەپ.«خەيشىن»شۇ جايدىكى بىردىنبىر داڭلىق كارخانا بولۇپ،شۇ يەرلىك كىرىمنىڭ 50 % مۇشۇ كارخانىدىن كىرىدۇ،ھەمدە نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن.
ھازىر نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن كارىانىلار ۋەيران بولۇپ كەتتى،بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ بىر «دۆت ئانا»سى بولغانلىقىدا!بۇ «دۆت ئانا»كارخانىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشالايدۇ،كارخانىمۇ ئۇلارنىڭ «چوڭ ھەم كۈچلۈك»بولۇش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن،ئۆزى بىلمەيدىغان كەسپى ساھەلەرگە قەدەم قويۇپ،قالايمىقان مەبلەغ سالىدۇ.ئاخىرىدا مادارىدىن كىتىپ،ھالسىراپ قالىدۇ.ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىنى قوللىشى بەك مۇھىم،ئەمما قوللاش بىلەن يولىنىۋىلىش ئىككى ئۇقۇمدۇر.


10.يېغى ياندىن،بالا قېرىنداشتىن!

مەرتلىك قىلىپ،«قۇدا»لاشقان كارخانىلارمۇ ئاز ئەمەس،بۇ خىل ئەھۋال يۇقۇرى پەن تېىنىكا كارخانىلىرىدا تېخىمۇ ئېغىر.
ئىگىلىك تىكلىگەندە،ھەممە مەرتلىك بىلەن بىر مەقسەتتە ئىشلىشىدۇ،ھالبۇكى ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى بۇ خىل تۇتۇق ئىگىلىك ھوقوق مۇناسىۋىتى شۇنداقلا تۇتۇق تەقسىمات مۇناسىۋىتى كۆپ ھاللاردا كارخانا باشقۇرۇشتا زىدىيەت ئۇرۇقىنى تېرىپ قويىدۇ.بۇ خىل مۇناسىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت كۆپىنچە ھاللاردا مۇنداق بولىدۇ،ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپىقىيەت قازانغاندا،كۆپچىلىك نام-ئەمەل ۋە تۆھپە تالىشىدۇ،ھوقوق تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ،كارخانا زورايغاندا،كارىانا باشقۇرغۇچىلار كارخانىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلاپلىشىدۇ،كارخانا شەكىل تۈزۈپ،كىڭىيىشكە يۈزلەنگەندە،بەزى باشقۇرۇچىلار گروھۋازلىق قىلىشىپ،بىر-بىرىنى چەتكە قېقىشىدۇ.
مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە،ئىگىلىك تىكلىگەندە،ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى ئورتاق ئارزۇ بولماستىن بەلكى ئورتاق مەنپەئەتتۇر،ئۇندىن قالسا،ئورتاق ئارزۇ بولغان تەقدىردىمۇ،ئەمما ھازىرقى زامان كارخانا تۈزۈمىنى قوللانغىلى،كاپىتال ۋە ئادەم كۈچىنى ماسلاشتۇرغىلى،تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇغىلى بولمايدۇ.شۇڭا كارخانىلارنىڭ ئىچكى بۆلۈنىشىنىڭ ئۇرۇقى كۆپىنچە ھاللاردا كارىانا قۇرۇلغان چاغدىلا پەيدا بولغان بولىدۇ.بۇ خىل ئىچكى بۆلۈنۈش كارخانىنى ھالسىرىتىپلا قالماستىن،ئاخىرىدا ئۇنى ئۇنى پارچە-پارچە قىلىۋىتىشىمۇ مۇمكىن .


11.باشقىلار بىلەن ئۈزلۈكسىز كۈچ سىنىشىپ،كۆرەڭلىك بىلەن «مۇش» ئىتىشىش

تا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر 1996-يىلىدىكى پۈتۈن دۆلەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن خەۋەرنى ئېسىدىن چىقارمىدى.66مىليون660مىڭ يۇەنلىك باھا بىلەن مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «ئېلان چولپىنى»غا ئايلانغاندىن كىيىن،«چىنچى»ھاراقچىلىقى 320مىليون يۇەنلىك باھا بىلەن،يەنە داۋاملىق شۇ شەرەپكە ئېرىشتى.
ھالبۇكى «چىنچى»ھاراقچىلىقى 320مىليونلۇق ئېلان سوممىسىنى ئەتراپلىق ھىساپلاپ چىقاردۇق دىگەن بولسىمۇ،رەزىل ھەقىقەت ئۇلارنىڭ ھىساۋاتىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى.«چىنچى»ھاراقچىلىقىمۇ سەپتىن چىكىنىپ،ۋەيران بولدى.دەسلەپتە بىر مەھەل جاھان سۈرگەن بۇ كارخانىمۇ،«ئۆزىنى بىر كۆرسۈتۈش»ئارزۇسىدا بۇ دۇنيادىن غايىپ بولدى.
كارخانىچىلارنىڭ قېنىدا ھەقىقەتەن تەۋەككۈلچىلىك قېنى بولىدۇ،ئەمما دونى بەك چوڭ تىكىۋەتكەندە،ئەقىلدىن ئادىشىپ،ئەمەلىيەتتىن يىراقلىشىپ كىتىدۇ.رىقابەتچىسى 20 دۇكان ئاچسا،مەن 30 نى ئاچىمەن دەپ قوغلىشىش،رىقابەتچىسى 500،000 يۇەنلىك يىللىق ئىش ھەققى بېرىپ ئادەم تەكلىپ قىلسا،مەن ئېيىغا 50 مىڭنى بېرىمەن دەپ كۆرەڭلەش...مانا مۇشۇنداق قالايمىقان رىقابەتلىشىش تەسىرىدە،كارخانىنىڭ «ئىچى»ۋە «تېشى»تەڭ يارىلىنىپ،ئاخىرىدا ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىشى مۇمكىن.


12.«شامال»غا ئەگىشىپ ئىش قىلىش.

پاي چېكى بازىرىغا قاتنىشىپ،مەبلەغ توپلاش كارىانا ئۈچۈن ناھايىتى زور قىزىقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە.ئەمما تەننەرقنى ئويلاشماي،«شامال»غا ئەگىشىش بەكمۇ خەتەلىك بىر خىل ئەھۋال.
بازارغا كىرىشتىن ئىلگىرى كارخانا تۈزۈمگە ئاساسەن باج تاپشۇرسىلا كارخانىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ھىچكىم ئارىلىشالمايدۇ،بازارغا كىرگەندىن كىيىن،شېركەت «ئاممىۋى شېركەت»كە ئايلىنىدۇ،ھەر قانداق ئىشنىڭ سۈزۈكلىكىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ،ھەمدە قەرەللىك ھالدا ئىقتىسادى ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش كېرەك بولىدۇ.كارخانىنىىڭ كىرىمى،ئومومى كىرىمى،ساپ كىرىمى،مەبلەغ سېلىش پىلانى قاتارلىق سودا مەخپىيەتلىكلىرى ئاشكارە بولۇپ،پايچىكلار بۇ ئۇچۇرنى بىلىپلا قالماستىن،رىقابەتچىلەرمۇ بۇ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن سەلبىي تەسىرلەر پەيدا بولىدۇ. *


13.ئىشەنچسىز بولۇش

نۇرغۇن يالغان مەھسۇلاتلار:«قارا»پاختا،«قارا»سانائەت ماي تۇزلىرى،«قارا»ئاشلىق،«قارا»ئاقارتىلغان كۆكتاتلار،«قارا»«تېرە»ئاياغلار،جاننى ئالىدىغان دورىلار...مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەل ئىچى كارخانىلىرىنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر ئارلاشمىقى بار بولىدۇ.پايدىنى قوغلىشىش نەتىجىسىدە،بەزى كارخانىلار ئاقىۋەت بىلەن ھىساپلاشماي ئىش كۆرۈپ،ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ «ئەجەللىك يۇقۇتۇش»دەپتىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.كارخانىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يوقىلىدۇ.
مەلۇم كارخانىنىڭ مەھسۇلاتى «قارا»مەھسۇلات قاتارىغا كىرمىسىمۇ،ئەمما سۈپىتى ناچار،شۇنداق بولسىمۇ كارخانا بولۇشىغا شۇئار تولاپ ساتقان،ئېلان سۆلىرىمى بەكلا ھەقىقەتتىن چەتنىگەن بولۇپ،ئاىىرىدا مەھسۇلات بازار تاپمىغان.بۇ خىل «تېز چوڭىيىش»تۈرىدىكى سودا سىتراتىگىيىسىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ،ئەمما تۈگمە ھامىنى تۆگە ئەمەس!ئامما ئۆزىنىڭ ئالدانغىنىنى ھىس قىلغان ھامان،بۇ خىل تاۋارنىڭ بازىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاياغلىشىدۇ.تېلىۋىزوردىكى ھەر خىل يالغان ساغلاملىق دورىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.  
كارخانا نەتىجىسىنى ئويدۇرپ چىقىرىپ،يالغان سان-سېفىرلارنى تۈزۈپ،بازارغا كىرىپ،مەبلەغ توپلاپ،فوندلارنى كونترول قىلىۋىلىپ،پايچىكلارنى ئالدايدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس.ئەمما پاختىنىڭ ئىچىدە ئوتنى ساقلىغىلى بولمىغىنىدەك،ئوت كىتىپ قالسىلا ئۇنى يىغىشتۇرىۋىلىش تەسكە چۈشىدۇ
مەنبە؛igilik.com

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-27, 15:08

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-27 22:36 |
MARSHALL
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 54081
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 101
شۆھرەت: 102 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1010 سوم
تۆھپە: 12 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 144(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

ناھايتى ياخشى ماقالە يوللاپسىز، بىزدە ئىقتىسادنى چۇشۇنۇش بەكلا كەمچىل...بىزگە ئىختىساسلىقلار ۋە  ئىقتىسادلىقلار تەڭلا كېرەك.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 00:33 |
rasimbulak
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 67115
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 117 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 990 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 419(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

رەھمەت سىزگە دۇستۇم ..مەن ھەممىنى كۈرۈپ چىقتىم .

ھەقىقىي مىسۋاك
./search.php?authorid-67115.html
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 00:36 |
Erdal
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34269
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 618
شۆھرەت: 619 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6130 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 392(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

مەن ساقلىۋالدىم، كىېيىنچە تەپسىلى كۆرۈپ چىقىمەن.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 01:09 |
saldat999
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31142
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 263
شۆھرەت: 504 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 140 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 309(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

ئىگىلىك تىكلىگەندە،ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى ئورتاق ئارزۇ بولماستىن بەلكى ئورتاق مەنپەئەتتۇر

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 01:46 |
gulum321
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 29600
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06

 

دۇنيادا مەڭگۇلۇك دوستمۇ بولمايدۇ،مەڭگۇلۇك دۇشمەنمۇ بولمايدۇ.پەقەت مەڭگۇلۇك مەنپەئەتلا بولىدۇ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 16:53 |
mnogan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72578
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

خېلى بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم خاخا رەھمەت سىزگە!

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-05 18:22 |
yarkin789
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72694
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 45 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 450 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

paydilik uqur ikan  man tapsili ukup qiktim rahmat sizga  

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 00:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تىجارەتچىلەر سورۇنىدىكى پاراڭلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-08 13:52, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ