1. قۇلاق تەشمە
قۇلاق تىشىش: ئاساسەن قىزلارنىڭ 4-5 يېشىدا قۇلىقىنى تىشىدىغان ئادەت بۇلۇپ ، بۇ ئىسلام دىنى ئەقىدىچىلىگىنىڭ [ سۈننەت] قىلىش كاتىگورىيىسىگە كىرمەيدۇ. قۇلاق تىشىش ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى شامان دىنى دەۋرىدە بۇددىسلارنىڭ ئادىتى ئىدى، ئۇيغۇرلار 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ بۇ ئادەت ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ساقلىنىپ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. دىمەك قۇلاق تىشىپ مونجاق سالىدىغان ئادەت ، خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئادەت.ئلگىرى ئۇيغۇرلار قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشمەكچى بولسا ، بالىغا تۇخۇم پىشۇرۇپ تەييار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، بالىنى قۇلاق تىشىدىغان مەخسۇس ئادەم [ ئۇستام] قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ناھايىتىمۇ ئۇچلۇق بولغان جىگدە شۇخىسى بىلەن ياكى مەخسۇس تەييار قىلغان ئالتۇن دىرەپشە قۇلاقنى بوش ئۇۋۇلاپ قېنىنى قاچۇرۇپ [ پاس] قىلىپلا قۇلاقنى تىشەتتى. بالا يىغلىغان ھامان ئاغىزىغا تۇخۇم تىقىپ يىگۈزۈپ تۇرۇپ قۇلاقنىڭ تەشكەن جايىغا ئىشلىتىلمىگەن يەرلىك سۈپۈرگىنىڭ ياغىچىنى تىقىپ قۇياتتى . يېقىندىن بېرى ناھىيە مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا قۇلاقنى دۇختۇرلار تىشىدىغان ئادەت كىلىپ چىقتى . ئەمما سۈپۈرگىنىڭ ياغىچىنى تىقىپ قۇيۇش ئادىتى ئۆزگەرگىنى يوق.
ئىلگىرى بىر ئائىلىدە بىر قىزنىڭ قۇلىقىنى تەشسە ، ئۇرۇق- تۇققان، قۇلۇم- قوشنا ، يېقىن- يۇرۇقلار كىرىپ مۇبارەكلەپ چىقاتتى. ئەمما [ قۇلاق تەشمە توي ] دەپ مەخسۇس باغاق يېزىپ ، مىھمان چاقىرىدىغان ئادەت يوق ئىدى. ئاتا-ئانىسى ،ئۇرۇق-تۇققان، يېقىن- يۇرۇقلار قۇشۇلۇپ ئاددى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلەتتى. شۇ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى قىزنىڭ قۇلىقىغا ئالتۇن ياكى كۈمۈش ، ئىشقىلىپ تاپقىنىغا بېقىپ مونجاق سېلىپ قۇياتتى. يېقىندىن بېرى [ قۇلاق تەشمە توي] غا باغاق يېزىپ مەرىكىسىنى قىلىش كېريىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولۇپ ، ھازىرمۇ ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۇمۇملاشقان ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. قىسقىسى ئۆرۈپ ئادەت ، ئالاھىدىلىك جەھەتتە يېڭى بىر خىل شەكىل قوشۇلۇپ ، ئاياللار باراۋەرلىگى ئېڭى كىچىكىدىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى .
جۇۋان توي
جۇۋان توي قىلىش ئادىتى كېرىيلىكلەردە ئاتەشپەرەسلىك دىنى دەۋرىدىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىلگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئادەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ، جۇۋان توينى قىلىش ئاساسەن ئاياللار 32 ياشتىن 38 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى . جۇۋان توي قىلىش ئەرنىڭ ، ئايالىغا بولغان مىھرى -مۇھەببىتىنىڭ مەڭگۈ چىڭىپ بېرىشىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى جانلىق پاكىتى. شۇڭا جۇۋان توي قىلىشتا ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىغا [ جۇۋانچە كۆڭلەك] ۋە [ پەرەنجە ] تەييار قىلدۇرۇپ ، پۈتۈن تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم-قوشنىلارنى چىللاپ چوڭ قازان ئېسىپ، ئايالنىڭ جۇۋان تويىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.
جۇۋان توي بولغان كۈنى ،جۇۋان توينى قىلغان ئايال ماڭلاي چېچىنى كەينىگە تاراپ ، چېچىنى ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە ئايرىپ، ئىرى تىكتۈرۈپ بەرگەن [ جۇۋانچە كۆڭلەك] ئۈستىگە پەرەنجە كىيىپ ، ئاق ياغلىق چىگىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكنى قاداپ مىھمانلارنى خوشخۇيلۇق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنىلارمۇ قۇرۇق كەلمەيدۇ. [شوكۇم] ئېلىپ كىلىدۇ. جۇۋان تۇيى بولغان ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېينىئانا-قېينىئاتىسى بالىسىنىڭ جۇۋان تويىغا ئاتاپ پەرەنجە، جۇۋانچە كۆڭلەك قۇيۇپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ ئاتىغانلىرىنى جۇۋان تويدا بىرىۋالىدۇ. جۇۋانچە كۆڭلەك ئاياللارنى جەزبىدارلىققا ۋە كۆركەملىككە ئىگە قىلىپ ، ئاياللارنى ئاجايىپ جەڭگىۋار ۋە لاتاپەتلىك تۈسكە ئىگە قىلىدۇ.
جۇۋان توي كېرىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئۇرۇننى تۇتۇپ كەلگەن ئادەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ چوڭ بۇلۇپ قۇدىلىشىش باسقۇچىغا يەتكەنلىگىنى شەكىل جەھەتتىن يۇرۇتۇپ بىرىدىغان ۋە مىھرىبانلىقىنى ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە [ دىن بۇيان ] جۇۋان توي تەدرىجى ئىستىمالدىن قېلىپ ، ھازىرغا كەلگەندە پەقەت قىلىنمايدىغان بۇلۇپ قالدى .