ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 918 ـ ئوقۇرمىنى
uyghurjan
ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 10631
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2872
شۆھرەت: 2930 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 24350 سوم
تۆھپە: 238 نۇمۇر
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 ئۇيغۇر ئالىم ، دوكتۇر-ئەسئەت سۇلايمان

tilek
ئۇيغۇر ئالىم،دوكتۇر-ئەسئەت سۇلايمان


پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئەسئەت سۇلايمان







ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان _ گىرمانىيە پارلامېنىت بىناسى ئالدىدا _



  




ئەسەت سۇلايمان 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى قۇمۇل شەھەرلىك راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 1994-يىلى فولكلور ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.    شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانئغان. 1995-يىلى 10-ئايدىن 1996-يىلى 5-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىدا ھەمكارلاشما تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلىگەن. 1996-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۈچ يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە 1999-يىلى 7-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش تاماملاپ، ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
    شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا فلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىرىغا «ئېپوسلار تەتقىقاتى»، «مىللىي ئەدەبىيات ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات»، «دىنشۇناسلىق»، «سېلىشتۇرما ئەدەبىيات»، «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى»، «ئەپسانىشۇناسلىق»، «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات كەسپىدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئەپسانىشۇناسلىق»، «ئېپوسشۇناسلىق» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلدى.
     ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن سىرت، ئۇ پۈتۈن زېھنىنى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا قاراتتى ھەمدە بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» (2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»)، «خەمسىچىلىك ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (خەنزۇچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2002-يىلى)، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» --- ئەسەت سۇلايمان ئەسەرلىرى (1) (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى)، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» (2006-يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشرى) «ئەلىشىر ناۋائىي»، «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى ھەمدە ئىلمىي ساھەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەملىكەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ژۇرناللاردىن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «چەت ئەل ئەدەبىياتى ئوبزورى»، «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق يادرولۇق ژۇرناللاردا ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ژۇرناللاردا 50 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «مىراس» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت پسىخىكىسى ۋە بوستانلىق مەدەنىيىتىگە دائىر بىر يۈرۈش ماقالىلىرى خېلى زور تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت پسىخىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسىم-فامىلە مەدەنىيىتى ئىسلاھاتى» قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالىسى ياپونىيىدە، «ئالتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە يالماۋۇز ئوبرازى» ناملىق ماقالىسى تۈركىيىدە ھەمدە ئېپوسشۇناسلىققا دائىر بىر پارچە ماقالىسى قىرغىزىستاندا ئېلان قىلىندى.
     ئۇنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ئاساسىدا يوللىغان «پارس ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدىكى خەمسىچىلىك ھادىسىسى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات» ناملىق تېمىسى 2000-يىلى دۆلەت پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات تۈرى سۈپىتىدە تەستىقلاندى ھەمدە ئىككى يىللىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە غەلىبىلىك تاماملاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرقانچىگە قاتناشتى.
    دوكتور ئەسەت سۇلايمان 2002-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەشكە باشلىدى.
   دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ نەتىجىلىرى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلدى ۋە تەشۋىق قىلىندى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەكلىپ بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ 2000-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە فۇكۇكا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ياپونىيىدە بىر ئاي ئىلمىي زىيارەتتە بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ فۇكۇكا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا «زامانىۋىيلىشىش دولقۇنى ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى»، «ئۇيغۇر ئىسىم فامىلە مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتى» قاتارلىق تېمىلاردا بىرقانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى. شۇنداقلا ياپونىيىلىك كەسپداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2003، 2004-يىللىرى شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە ياپونىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خەلقئئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان ھەمدە ئىلمىي لىكسىيىلەردە بولغان. ئەسەت سۇلايمان 2005-يىلى پروفېسسورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر پوستدوكتور» بولۇپ باھالانغان. ھازىر 2007-يىلى تاماملىنىدىغان پوستدوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.





ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاۋىنى تورداشلارنىڭ ئوقۇپ چېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن












بىز كىم، بىزنىڭ مەدىنىيەتلەر جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە
سالاھىتىمىز نېمە، بىز بۈگۈنكى يەرشارى كەنتىدە باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزنى ۋە
كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟



___ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى
[ بۇ يازما uyghurjan تەرپىدىن2008-12-30 01:18دە قايت ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+5(@QAWANDAZ@)
  • ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-29 23:17 |
    Seher-Ay
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28301
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 192
    شۆھرەت: 193 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1639 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 299(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    راست بۇكىتاپ تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ، بىرقېتىم ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىگۈدەك كىتاپلاردىن بىرى.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:21 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2872
    شۆھرەت: 2930 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 24350 سوم
    تۆھپە: 238 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ئەزىز بوۋاق

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:23 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2872
    شۆھرەت: 2930 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 24350 سوم
    تۆھپە: 238 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك  دىگەن كىتابىدىن تەرمە





    ... پارىژ شەھىرىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ - داۋاملىق ئالدىغا مېڭىپ < زەپەر دەرۋازىسى > غا بارماقچى بولدۇق. دەريا ساھلىدىن ئايرىلىپ، چوڭ كوچىغا كىرىدىغان چاغدا يۈنلىشتىن ئېزىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق. فرانسۇزچە بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن يول بەلگىلىرىدىن يۆنلىشىنى بىلىۋالغىلى بولمىدى. ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئىت يىتىلىۋالغان بىر خانىم ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئەدەپ بىلەن ئىنگىلىزچە سورىدىم:

      - ياخشىمۇسىز، خانىم، زەپەر دەۋازىسىغا باردىغان چوڭ كوچىغا قانداق ماڭساق بولىدىكىن، كۆرسىتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟

        ھېلىقى ئايال فرانسۇزچە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى. بىز ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي، بېشىمىزنىڭ چايقىدۇق. برى چاغدا ھېلىقى ئايال كەسكىن بىر تەلەپپۇزدا ئاخىرى ئىنگىلىزچە گەپ قىلدى:

      - نېمىشقا فرانسۇزچە گەپ قىلمايسىلەر؟

        _ كەچۈرۈڭ، خانىم، - دېدىم مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا، - بىز فرانسۇزچە بىلمەيىتتۇق.

      - شۇنداقمۇ، - دېدى ھېلىقى ئايال سوغوق بىر تەلەپپۇزدا، - فرانسىيىدە، بولۇپمۇ پارىژدا فرانسۇزچە سۆزلەش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ خۇددى لوندۇن ياكى نىيۇيۇركتا ئىنگىلىزچە سۆزلەش مۇتلەق زۆرۈر بولغاندەكلا بىر ئىش! بوپتۇ، كىيىنكى قېتىم پارىژغا ساياھەتكە كەلگنىڭلاردا فرانسۇزچە سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يولنى دەپ بىرەي، موشۇ تارچۇقتىن ئۆتۇپ چوڭ كوچىغا چىقاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۇدۇل ماڭساڭلار بولىدۇ. زەپەر دەرۋازىسى يىراقتىن كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ.

      _ رەھمەت، خانىم!

        بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ھېلىقى ئايالنىڭ سۆزلىرى ماڭا باشقىچىلا تەسىر قىلدى ....

    - < ئۆزلۈك ۋە كىملىك > 409- بەت

      _______________________________

            ئويلىغانلىرىم
      
    بىز فرانسۇز ئايالنىڭ ئۆز تىلىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن، فرانسۇز مىللىتىنىڭ ۋەتەنگە، مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. مەن بۇنىڭدىن، بۇ خانىمىنىڭ ئۆز تىلىغا بولغان يۈكسەك رۇھىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بۈگۈنى مىللەت ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ مانا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق يارىتىلىغانلىقىنى بىلۋېلىشقا بولىدۇ. بىزچۇ؟ بىزمۇ شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟ ... ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن ... ئۆز تىلىمىز قانچە بىئەۋزەل ئورۇنغا چۈشۈپ قالسۇن - قالمىسۇن ئۇ ھامان ئۆزىمىزنىڭ. باشقىلارنىڭ تىلى قانچە ئەۋزەل بولسۇن، ئۇ بەرىبىر باشقىلارغا مەنسۈپ. باشقىلار كىلىپ تىلىمىزنى قەدرلەپ بەرمەيدۇ، ئۆزىمىز قەدرلىسەك ئاندىن باشقىلار ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ. < تىلغا ئىختىيارىسز، ئەلگە ئىتىبارسىز > بولمايلى! ھەر ئىشنىڭ باشلىنىش، تەرەققى قىلىش ۋە يۇقۇرى پەللىگە كۆتۇرۇلۇش باسقۇچى بولىدۇ. بۇنداق باشلىنىشتىن ھەر بىرىمىز ھوشيار بولايلى!

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:25 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2872
    شۆھرەت: 2930 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 24350 سوم
    تۆھپە: 238 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

          
    بىر يامغۇرلۇق كۈنى مۇستاپا كامال مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ،ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كىتىپ بارغاندايولدا بىر كالا ھارۋىسنى يېتىلەپ كىتىپ بارغان بىر ئايالغا ئۇچراپ قالىدۇ.ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى كىچىك بالا شىددەتلىك يامغۇرنىڭ دەستىدىن قاتتىق يىغلاۋاتاتتى،لېكىن ھېلىقى ئايال بالىسى بىلەن كارى بولماي ھارۋىنى ئەديال بىلەن يۆگەپ،قولىدىكى قامچىسى بىلەن كالىنى تېزراق مېڭىشقا زورلاۋاتاتتى . بۇنى كۆرۈپ مۇستاپا كامال ھېلىقى ئايالدىن سورايدۇ:
      __ ھەي ئايال،ھارۋىدىكى نىمە؟
    ___  قورال-ياراغ!
    __ نەگە ئېلىپ ماڭدىڭ؟
    __ ئالدىنقى سەپكە!
    __ ھارۋىنى نىمىشقا ئېرىڭ ھەيدىمىدى؟
    __ ئېرىم ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتتى!
    __ بالا ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ،ئەدىيال بىلەن بالىنى يۆگىۋېلىشىڭ كېرەك ئىدى!
    _  شۇنداق  بالامنى يۆگىۋالسام ياخشى بولاتتى، _ دەيدۇ ھېلىقى ئايال مۇستاپا كامالغا مەردانىلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ،__ لېكىن ھارۋىدىكى قورال-ياراغلار ھۆل بولۇپ كەتسە ۋەتەن مۇنقەرز بولىدۇ.بالام ئۆلۈپ كەتسە،يەنە بالا تۇغالايمەن،لېكىن ۋەتەننى قايتا تۇغالمايمەن؟!
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇستاپا كامال ئاتتىن سەكرەپ چۈشىدۇ-دە،ئۈستىدىكى يامغۇرلۇقنى سېلىپ،ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بالىنى يۆگەپ قويىدۇ.ئاندىن ھېلىقى ئايالغا قاراپ:
    __  ساڭا ئوخشاش ئۇلۇغ ئانىلار بولىدىكەن،تۈرك ۋەتىنى ھەرگىز مۇنقەرز بولمايدۇ ،  __  دەيدۇ...



    ____   ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى _

    ئەزىز بوۋاق

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:27 |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3206
    شۆھرەت: 71173 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6884 سوم
    تۆھپە: 145 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1315(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    يازغۇچى ، ئەدىپ ، پەيلاسۇپ ياش ئالىمىمىز ئەسئەد سولايمان -  ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىندىن كىيىنكى يەنە بىر نۇرلۇق چىراغ .

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:28 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2872
    شۆھرەت: 2930 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 24350 سوم
    تۆھپە: 238 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇر ئالىم ، دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ھازىرقى ئۇيغۇرنىڭ «جۇگېلىياڭ»ى  . . . . . . . .

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:30 |
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 736
    شۆھرەت: 792 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60633 سوم
    تۆھپە: 55 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 320(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.دوكتۇرغا سالامەتلىك،ئاسايىشلىق يار بولسۇن.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    بىز ياشاۋاتىمىز،مىلىيونلىغان ئادەملەرگە ئوخشاشلا يەر شارىنىڭ ئاتموسفېراسىدىن نەپەسلىنىۋاتىمىز،مىسلىسىز دەرجىدە يۇغۇرلىۋاتقان ئىنسانىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت قاينىمىغا قاراپ سىلجىۋاتىمىز.قارىغاندا بىز كۆنۈككەن تەپەككۇر ئەندىزىمىز بىر مەيدان كەسكىن ئىسلاھاتقا دۈچ كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.ئەمدى تار دائىردىكى رىقابەتتىن قاچىدىغان پاسسىپ پىسخىك قۇرۇلمىمىز بىزنى قوغدىيالمايدۇ.رېئاللىقتىن چەتنىگەن زىيادە رومانتىكىمۇ ئۈركىگەك مەنىيۋىتىمىزگە مەلھەم بولالمايدۇ.مېنېڭچە بىزگە ھەممىدىن زۆرۈرى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى بىز ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدۇر.(ئەسئەت سۇلايماننىڭ تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە ناملىق ئەسىردىن)
    ./?u=61829

    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:35 |
    otyak
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22209
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1517
    شۆھرەت: 1633 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 15240 سوم
    تۆھپە: 198 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 231 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 392(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

    ئەسئەت سۇلايماننى تەپسىلى تونۇشتۇرغۇنىڭىزغا رەھمەت. ھەممىمىز مۇنداق ئوغلانلاردىن پەخىرلىنىمىز . ئۇنىڭ ھەربىر ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى قۇتلۇقلايمەن.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:38 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2872
    شۆھرەت: 2930 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 24350 سوم
    تۆھپە: 238 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    Quote:
    بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىotyakنىڭ2008-12-29 23:38 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئەسئەت سۇلايماننى تەپسىلى تونۇشتۇرغۇنىڭىزغا رەھمەت. ھەممىمىز مۇنداق ئوغلانلاردىن پەخىرلىنىمىز . ئۇنىڭ ھەربىر ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى قۇتلۇقلايمەن.



    ئەسئەت سۇلايمان ئاكىنىڭ ھەر بىر ئۇتۇقى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۇتۇقى ؟!

    ئەزىز بوۋاق

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:42 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2872
    شۆھرەت: 2930 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 24350 سوم
    تۆھپە: 238 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    تۇنۇشتۇرۇش  

    ئۆزلۈكنىڭ چاقىرىشى



         
    بىز كىم، بىزنىڭ مەدەنىيەتلەر جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە سالاھىيىتىمىز نېمە، بىز بۈگۈنكى يەر شارى كەنتىدە باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزنى ۋە كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟



          شىمالىي ياۋروپادا ياشىغان بىر يىل جەريانىدا مەن بۇ سوئاللارنى ئۆز _ ئۆزۈمدىن تالاي قېتىملار سورىدىم. كۆك رەڭلىك ياۋروپانىڭ سوغۇق ۋە ھۆل رېئاللىقى ئىچىدىن يىراقتىكى ئانا يۇرتۇمنىڭ قۇرغاق كەيپىياتىغا نەزەر تاشلىدىم. ياۋروپا قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى يالتىراقلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىدە ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا باغلانغان بىر قەدىمىي خەلقنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ كۆزەتتىم. ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى ۋەتىنىمدە ۋە خەلقىمنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ ياشىغان شۇنچە ئۇزۇن يىللاردا ئەمەس، بەلكى ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرەتتە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ بىر يىل جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم...
          يىراققا سەپەر قىلدىم ھەم قايتىپ كەلدىم.
          قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياۋروپادىكى خاتىرىلىرىم ئاساسىدا بىرەر كىتاب يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇزاققىچە يازالمىدىم. تەسىراتلىرىممۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلاپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. دوستلىرىم كۆپ قېتىم مېنىڭ ياۋروپادىكى تەسىراتلىرىم ھەققىدە كىتاب يېزىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سەمىمگە سېلىپ تۇرۇشتى. بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىممۇ ماڭا يازغان خەتلىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىمىپ كەتكەنلىكىمنى تىلغا ئېلىپ، <<نېمە ئۈچۈن كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىڭىزنى يازمايسىز؟>> دەپ سوراشتى.
          كۆپ ئويلاندىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ساياھەت خاتىرىلىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ قەلەم تەۋرىتىش ئويۇمدىن يالتىيىپمۇ قالدىم. راستىنى ئېيتسام، چەت ئەللەردىكى كۆرگەن _ بىلگەنلىرىمنى پەش قىلىپ، ياۋروپانىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالتىراقلىرى بىلەن باشقىلارنى مەھلىيا قىلىدىغان تاشقى پوستىنى كۆپتۈرۈپ يېزىپ، ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ <<ياۋروپا چۈشى>> نى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشنى خالىمىدىم.
          بىر يىلغا يېقىن ۋاقتىم دېلىغۇللۇق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرىدا ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ، ياۋروپادا كۆرگەن _ بىلگەنلىرىمدە ئوقۇرمەنلىرىمنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ بېخىللىق بولىدىغانلىقىنى، تەسىراتلىرىمنى ئەينى قىياپىتى بويىچە خەلقىمگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.
    كىتابتىن تەرمىلەر
          مەن شۋېت ئارخىپلىرىغا كۆمۈلگەن يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ئۇنتۇلغان بەتلەرنى ۋاراقلىغانسېرى، بىزنىڭ 20 _ ئەسىردىن بۇيانقى روھىيەت تارىخىمىزنىڭ شۇنچىلىك مۇرەككەپ ۋە سىرلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا نۇرغۇن دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ھەمدە مۇشۇ دىنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەتلەر بىلەن دىئالوگلاشقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. مىلادىيە 8 _ ، 9 _ ئەسىرلەردە خرىستىئان دىنىنىڭ نېستورىيان مەزھىپىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىغا تارقالغانلىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نېستورىيان دىنىغا دائىر مۇقەددەس ناخشىلار ۋە <<ئىنجىل>> نىڭ پارچىلىرىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىن تېپىلغانلىقى بۇ نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر خەلقى مىلادىيە 10 _ ئەسىردىن بۇيان ئۇزاق مەزگىللىك ئىسلاملىشىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دىنىي ئېتىقادى قىلىپ تاللىغاندىن كېيىنمۇ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە شىمالىي ياۋروپادىن كەلگەن خرىستىئان دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى زەرەتلىشىگە ئۇچرىشى بىزنى ئويغا سالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.


      مۇندەرىجە...
    مۇقەددىمە: ئۆزلۈكنىڭ چاقىرىشى
    1-باب: نوبېلنىڭ ۋەتىنىگە ئۇچۇش
    2-باب: ستوكھولمدىكى تۇنجى كۈن
    3-باب: شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىدا
    4-باب: FoCAS ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا كۈتۈپخانىسى
    5-باب: دېكابىردىكى ستوكھولم
    6-باب: شۋېتلارنىڭ خاراكتېرى
    7-باب: دانىيىگە سەپەر: ئاندېرسوننىڭ يۇرتىدا يېڭى يىلنى ئۆتكۈزۈش
    8-باب: مەركىزىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ياۋروپانىڭ تارىخىي دىئالوگى
    9-باب: سۋېن ھېدىن خاتىرە سارىيىدىكى ئىككى بوتۇلكا دۇغ سۇ
    10-باب: توبىئاسنىڭ ئازابى ۋە شۋېت شەرقشۇناسلىرى ھەققىدىكى تەنقىدىي ئويلار
    11-باب: شۋېت ئارخىپلىرىغا كۆمۈلگەن سىرلار
    12-باب: شۋېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى
    13-باب: لۈبېكتىن بېرلىنغىچە: گېرمانىيىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم
    14-باب: گۇننار ياررىڭنىڭ روھ ئالىمىنى ئىزدەپ
    15-باب: ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولغان كۈنلەر
    16-باب: قازاق قىزى ئايدا لۇند
    17-باب: ستوكھولمدا جەم بولۇش
    18-باب: قىزىم ۋە شۋېتسىيە باشلانغۇچ مائارىپى
    19-باب: يەتتىسۇلۇق بىر مۇساپىرنىڭ ھېكايىسى
    20-باب: خانلىق كۇتۇپخانىدا ئانا يۇرتنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن مۇڭدىشىش
    21-باب: ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئېچىلدى
    22-باب: فىنلاندىيە سەپىرىدە ئويلىغانلىرىم
    23-باب: رىمبو بازىرىدىكى تىپتىنىچ كۈنلەر
    24-باب: پارىژغا بېرىش: فرانسىيىگە نېمە بولدى؟
    25-باب: ئازابلىق سېنتەبىر: ستوكھولمدىكى ئاخىرقى كۈنلەر

    ئەزىز بوۋاق

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:44 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2872
    شۆھرەت: 2930 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 24350 سوم
    تۆھپە: 238 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ئۆزلۈك ۋە كىملىك -ئاپتۇرى ئەسئەت سۇلايمان







    ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئاكىنىڭ ئۆزلۇك ۋە كىملىك ناملىق كىتاۋىدا سېتوكھولىم تەپسىلىي بايان قېلىنغان ، ئۇ كىتاپتا يەنە ئەينى دەۋردىكى سېتوكھولىم شەھرىدىكى شېۋىت مىسسىئونىرلىرىنىڭ قەشقەردە  قەشقەرىيەدىكى دىنى تەرغىباتلىرى ، ۋە 1937-يىلى رۇس قېزىل ئارمىيسىنىڭ بىر كىچىدىلا ئۇشتۇمتۇت ھازىرقى شىنجاڭغا بىسىپ كىرىپ ئابدۇنىياز ۋەماخۇسەن  مۇسۇلمان خوتەن  باشلىقلىرىغا شېددەتلىك ھوجۇم قىلىپ شىنجاڭنى جاللات شىڭ شىسەي گە ئېلىپ بەرگەنلىكى شۇ ۋاقىتتا توكيۇ ، ئامېرىكا ، ۋە ياۋروپا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا رۇس قىزىل ئارمىيسىنىڭ شىنجاڭغا ئۇشتۇمتۇت بېسىپ كېرگەنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ،ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قېلىنىۋاتقانلىقى كەڭ تەشۋېق قىلىنغان . رۇس قىزىل ئارمىيسىنىڭ كىرىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ خوتەن قاتارلىق جايلارنى جاللات شىڭشىسەي گە تۇتقۇزۇپ شىنجاڭنى شىڭشىسەي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىپ ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئۇنتۇلغۇسىز تارىخىي جاراھەتنى قالدۇرغانلىقى .
    مۇشۇ ئۇيغۇر دوكتۇر  ئەسئەت سۇلايمان ئاكىنىڭ ، ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاۋىدا تەپسىلىي بايان قېلىنغان .

    بۇ كىتاپتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن قەدىمىي ئاسارە - ئەتىقىلەر ۋە 20ئەسىر ،19-ئەسىر مەزگىللىرىدىكى ئۇيغۇر رايۇنى بولغان يەركەنت ، قەشقەر ، خوتەن تۇرپان  . . . قاتارلىق جايلاردىن  تارتىلغان قەدىمىي ئۇيغۇر ئەجداتلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ، ئىتىقاد ، ياشاش موھىتى ، تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى ... قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇن سىتوكھولىم دۆلەتلىك مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقانلىقى ، ۋە دوكتۇرنىڭ بىر يىللىق ياۋروپا سەپىرىدىكى ئۆزلۇكىنى ئىزدىشى تەپسىلىي بايان قېلىنغان ، ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئاكىنىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاۋىنى ئوقۇپ چېقىشىنى تەۋسىيە قېلىمەن ....!!!

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:49 |
    takirbax
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 56318
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    شۆھرەت: 29 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 280 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 131(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

    ئالتۇن   ياتىدۇ   سايدا  ، تونىمىساڭ  نىمە  پايدا   دىگەندەك ،  كىتاپخانلەرنى  يوقلاپ   تۇرغان   بولساممۇ     مۇشۇنداق  ئېسىل  كىتاپلەرنى   تونۇماپتىمەن  دىسە  ،  ئەتە  بىرنى   ئالاي  ،  

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 00:01 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2872
    شۆھرەت: 2930 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 24350 سوم
    تۆھپە: 238 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئاكىنىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاۋىدا قەيت قىلىنغان شېۋىتسىيە سېتوكھولم شەھەر مەنزىرىسى :





















    ئەزىز بوۋاق

    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 00:03 |
    aminem
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37815
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 55
    شۆھرەت: 56 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 470 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 97(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    اللاھ ئىگەم ئەسەت سۇلايمان ئەپەندىنى سالامەت قىلسۇن.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 10:28 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » مەشھۇر شەخىسلەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-30 21:39, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ