خەلقئارا«ئاناتىل كۈنى» نى بىلەمسىز؟
1999 -يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىئېتىتى 30-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ،ھەريىلى 21- فىۋرال كۈنىنىڭ ئالدى -كەينىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا « دۇنيا ئانا تىل كۈنى»(international mother language day)نى تەبرىكلەشنى قارار قىلدى.
شۇ قېتىمقى قاراردا مۇنداق كۆرسېتىلدى :« تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە باراۋەرلىكىنىڭ يارقىن ئىپادىسى».
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە 2008-يىلىنى «خەلقئارا تىل يىلى » قىلىپ بىكىتتى ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەربىر تىلنى قوغداش ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن -مائارىپ ئورگىنىنىڭ بىيجىڭدا تۇرۇشلۇق شۆبىسىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن ،جوڭگۇ 2006 -يىلى ۋە 2007-يىللىرى «خەلقئارائاناتىل كۈنى»گە ئائېت پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى . پائالىيەتلەرنىڭ تېمىسى «ئاناتىل مائارىپىنى قانات يايدۇرۇپ ، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرايلى» ۋە «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ ، بىرلىكتە تىنچ دۇنيا قۇرايلى» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولدى.
2008 -يىلى جوڭگۇ 29-نۆۋەتلىك ئولمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇيىلقى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»پائالىيىتىنىڭ تېمىسىنى « كۆپ خىل مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ ، ئولىمپىكنى بىرلىكتە كۈتىۋالايلى » دەپ بېكىتتى.
دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى سىياسى ،ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ يەرشارىلىشىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئىغىر تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە نۆۋەتتە دۇنيادا بار بولغان تىل 7000خىل بولوپ ،دۇنيا نوپۇسىنىڭ %79 نى ئىگەللەيدىغان ئىنسانلارئىشلىتىدىغان تىل بۇ تىللار ئىچىدە ئاران %4نى ئىگەلەيدىكەن !
بۇ 7000خىل تىلنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللىگۈدەك ساندىكى تىل، مەكتەپ(مائارىپ) ۋە ئالاقە ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىكەن.
ئۇلاردىن باشقا يەنە نەچچە مىڭ خىل تىل نۆۋەتتە تېخى مائارىپ سىستېمىسى ، نەشېرىيات ..قاتارلىق ساھەلەرگە كېرەلمىگەن.
ئەگەر خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بۇ ئىشقا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىسا ،پات يېقىن كەلگۈسىدە ھازىرقى 7000خىل تىلنىڭ %50 تىن كۆپرەكى يوقىلىش گىرداۋىغا بىرىپ قىلشى ئىنىق ئېكەن.
روجەك تەييارلىدى
قارچۇق مەرىپەت تورى