چىڭدۇ شەھرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1 - يىللىقىدىكى بىر قىز ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى
2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ، ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ ئالدىدا دەبدەبىلىك ھالدا ئەلباشىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسى ئۆتكۈزۈلۈپ ، يېڭىدىن ئەلباشى بولۇپ سايلانغان ئوباما ئاق ساراينىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ . ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمىنىڭ VIP (ئەزىز مېھمانلار) قاتارىدا 16 ياشلىق چىڭدۇلۇق قىز لى زىزىمۇ بار . ئۇ ئامېرىكا پارلامنتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، بۇ تارىخى مېنۇتلارغا شاھىد بولىدۇ . بۇ يىل 8 - ئايدا لى زىزى تۇيۇقسىز ئامېرىكا پارلامنتىنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ .
«زىزى خانقىز ، 2009 - يىلى ئامېرىكا 44 - نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئەلباشى ، مۇئاۋىن ئەلباشىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ . سىزنىڭ بۇ 100 يىلدىمۇ كەم تىپىلىدىغان بۇ تارىخى مېنۇتلارغا شاھىد بولۇپ بىرىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىمىز .»
زىزى بۇنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ خۇشال بولۇپ كىتىدۇ . «ئامېرىكا ئەلباشى مىنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى ؟ بۇ راستما ؟» زىزى تەكلىپنامە سىلىنغان كونۋېرتقا سىنچىلاپ قاراپ ، يېشىل رەڭلىك تەكلىپنامە ئۈستىدىكى ئامېرىكا پارلامنتىنىڭ بەلگىسىنى ۋە مەزمۇنى (ئايروپىلاننىڭ نۆۋەتچى قىتىم سانى ، سەپەر لىنيىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ) غا قاراپ بۇنىڭ راستلىقىنى جەزىملەشتۈردى . بۇنىڭدىن كىيىن ئۇ يەنە بىر نەچچە پارچە خەت تاپشۇرىۋالدى . خەتتە بىخەتەرلىكنى كۆزلەپ ئايروپىلاننىڭ نۆۋەتچى قىتىمىدا ئۆزگىرىش بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى يىزىلغانىدى . سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن : 2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۇ ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكىغا بارىدۇ ؛ 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئەلباشى گور ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلەيدۇ ؛ 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۇلار يالى ئۇنۋېرىستېتى (Yale University) غا بىرىپ تەقلىدى ئەلباشى سايلىمىغا قاتنىشىدۇ ؛ 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمىغا رەسمى قاتنىشىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئامېرىكىنىڭ تارىخى ، سىياسىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان كىچىلىككە قاتنىشىدۇ ھەم بىر قېتىملىق تانسا كىچىلىكىگە قاتنىشىدۇ ؛ 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋەتەنگە قايتىدۇ . مۇشۇ 5 كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا زىزىنى ئەڭ تەپلۈندۈرىۋاتقىنى يەنىلا ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمى بولۇپ ، ئامېرىكا پارلامنتىنىڭ ئۇنى ئورۇنلاشتۇرغان ئورنى دەل VIP (ئەزىز مېھمانلار) قاتارىدا بولۇپ ، ئوباماغا ئەڭ يېقىن جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ئەگەر پۇرسەت بولسا ئوباماغا : سىزنىڭ بۇ دۇنياغا يېڭى ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىشىڭىزنى كۈتىمىز ، دەيمەن دېدى . ئۇنداقتا ئۇ قانداق بولۇپ بۇ تەكلىپنامىگە ئېرىشتى ؟ لى زىزى پەقەتلا 16 ياشلىق چىڭدۇلۇق قىز تۇرۇپ بۇ بەخت قۇشى قانداق قىلىپ ئۇنىڭ بىشىغا قوندى ؟ لى زىزى گەرچە چىڭدۇلۇق بولسىمۇ بىراق ياپونىيىدە تۇغۇلغان ۋە ياپونىيىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن . ئىزچىل ئوساكا خەلقئارا مەكتىپىدە بىلىم ئالغان . بۇ يىل 9 - ئايدىلا ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ خەنزۇتىلىنى ئۆگەنگەن . ئۇ ھازىر چىڭدۇ تەجىرىبە خەلقئارالىق تىللار مەكتىپىنىڭ تولۇق 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ .
بۇ يىل يازدا ئىمتىھان نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا لى زىزى نيويۇركتىكى يەرشارى ياش - ئۆسمۈر رەھبەرلەر مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ . بۇ مۇنبەرگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300 نەچچە نەپەر 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قاتنىشىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا لى زىزى 15 ياش بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى ئىدى . بۇ قىتىملىق مۇنبەردە بۇ ياش - ئۆسمۈرلەر مۇھىت ، دۇنيانىڭ تېنىچلىقى ، كۆچمەنلەر قاتارلىق مەسىلىلەردە كەڭ كۇشادا پاراڭلىشىدۇ ھەمدە تەقلىدىي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يېغىنى ئاچىدۇ . لى زىزى بۇ گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىپ بۇ گورۇپپىدىكى 50 نەچچە ئەزالارغا رەھبەرلىك قىلىپ ، بىر قىتىملىق «ئارال كىرزىسى» نى مۇۋەپىقىيەتلىك ھەل قىلىدۇ . بۇ قىتىملىق مۇنبەردە ئۇنىڭ ئىپادىسى كۆرىنەرلىك بولغاچقا ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان بۇ مۇنبەر ئاياغلىشىپ ئۇ ياپونىيىگە قايتىپ كىلىپلا ئامېرىكا ئەلباشىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىغا قاتنىشىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرىۋالىدۇ . لى زىزىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 200 نەچچە نەپەر ياش - ئۆسمۈر مۇشۇنداق تەكلىپنامىنى تاپشۇرىۋالغان . سۈرەتتە : لى زىزى
سۈرەتتە : لى زىزى ۋە ئۇ تاپشۇرىۋالغان تەكلىپنامە .
سۈرەتتە : لى زىزى تاپشۇرىۋالغان تەكلىپنامە .
http://www.iyaxin.com/photo/content/2008-12/29/content_604532.htm