ئىسرائىلىيە تانكىلىرى گازا چىگرىسىغا توپلۇنۇپ يەر يۈزىدىن ھەركەت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ
جوڭشىن تورىنىڭ 12- ئاينىڭ 29 – كۈنىدىكى تىلگىراممىسى،ئۇنۋېرسال خەۋەرلەر، ئىسرائىلىيە گازا رايۇنىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغىنىغا ئۈچ كۈنگە قەدەم قويدى. ئىسرائىلىيە تانكىلىرى دۈشەنبە گازا چىگرىسىغا توپلۇنۇپ يەر يۈزىدىن ھەركەت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى باراك ئىپادە بىلدۈرۈپ، گازاغا بارلىق ھەربى ھەركەتلەرنى بۇلۇپمۇ يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىشنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئىسرائىلىيەنىڭ بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربى ئەمەلدارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ، ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنىتى 6500نەپەر ئەسكەرنى ئىشقا سېلىشنى قارار قىلغان.”ئەگەريەر يۈزىگە ھەربى كۈچ ئۇرۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بوپ قالسا ،بىز ھەركەت قوللۇنىمىز. “
ئىسرائىلىيە دۈشەنبە يەنە گازا شەھرىدىكى ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىنى بومباردىمان قىلغان. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئولمىرىت”ئۇرۇشنىڭ مەخسىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئازاپلىرىنى تارتقان جەنۇم خەلىقىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش “.”مەن خەلقارا جەمىيەتنىڭ ،بۇلۇپمۇ بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ،خاماسقا مۇنۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشىنى ئەمىد قىلىمەن:خاتالىقنىڭ ھەممىسى سىلەردە ،سىلەر ئەيىپلىنىشكە ھەقلىق “.”بىزنىڭ ئىنىق مەخسىتىمىز ۋاقىتىمىز ئىنىق،بىز مۇرەسسەلىشىشنى قۇبۇل قىلمايمىز “.
ئىسرائىلىيەنىڭ گازا رايۇنىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا نۆۋەتتە 300دىن كۆپرەك ئادەم قازا قىلغان،600دىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان.
مەشئەل تەرجىمىسى
http://news.cn.yahoo.com/08-12-/1063/2je20.html مەنبە:
قالايمىقان ئىنكاس يازماڭلار ! بالىلار !!!
ھىسياتقا تايىنىپ ئىش قىلساق بولماس .