1757-يىلدىن1884-يىلغىچە ۋە بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭدا مانجۇ ھاكىميىتىنىڭ زۇلمىغا قارىشى خەلىق قوزغىلاڭلېرى-«يېغىلىقلار»ئارقا-ئارقىدىن كۇتىرلىپ تۇردى.
مۇشۇ مەزگىلدە مانجۇ ھاكىميىتىنىڭ سىياسى جەھەتتىكى مىللى زۇلۇمى بىلەن ئېقتىسادى جەھەتىىكى بۇلاڭ-تالاڭنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تۈۋەندىكىلەرگە نەزەر سالايلۇق؛
مانجۇ ھاكىميىتى ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن،سىياسى جەھەتتە«يەرلىكلەرنى يەرلىكلەرگە سىلىش»،«ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۈشىنى قۇرۇش»تەك ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزدى.ئېقتىسادى جەھەتتە،شىنجاڭدا تۇرغۇزغان ھەربى قىسىملېرىنى شۇ جاينىڭ مالىيەسىدىن راسخوت چىقىرىپ بېقىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.شۇڭا،خەلىقكە ھەددى-ھېساپسىز يېڭى ئالۋان-سېلىقلارنى سالدى.
شۇ مەزگىللەردە شىنجاڭدىكى مانجۇ ھەربى،مۈلكى ئەمەلدارلېرى ۋە چېرىكلېرىنىڭ يىللىق مائاش تەمىناتى مۇنداق ئىدى؛
ئىلى جاڭجۇنى بىلەن يەكەن ئامبىلىنىڭ يىللىق مائاشى 4مىڭ سەر كۆمۈش ئىدى.9مىڭ جىڭ ئاشلىق،ئاتمىش جىڭ كۈك چاي بىلەن تەمىنلىنەتتى.
مەسلىھەتىچى ئامبالنىڭ يىللىق مائاشى1500سەر كۆمۈش بۇلۇپ،4080جىڭ ئاشلىق،36جىڭ كۆك چاي بىلەن تەمىنلىنەتتى.
ئاغلاقچى ئامبالنىڭ يىللىق مائاشى900سەر كۆمۈش بۇلۇپ،4680جىڭ ئاشلىق،36جىڭ كۆك چاي بىلەن تەمىنلىنەتتى.
نازىرنىڭ يىللىق مائاشى190سەر كۆمۈش بۇلۇپ،2520جىڭ ئاشلىق،12جىڭ كۆك چاي بىلەن تەمىنلىنەتتى.
باش پۇتۇكچىنىڭ يىللىق مائاشى160سەر كۆمۈش ئىدى.
ياردەمچى پۇتۇكچىنىڭ يىللىق مائاشى60سەر كۆمۈش ئىدى.
ساڭبىگى 380سەر كۆمۈش،3600جىڭ بۇغداي مائاش ئالاتتى.
ئۈگۈتچى ئامبالنىڭ يىللىق مائاشى 2578سەر كۆمۈش بۇلۇپ،بىر تۈمەن ئىككى مىڭ توققۇز يۈز جىڭ ئاشلىق،12جىڭ كۆك چاي ئىدى.
سوراقچى ئامبالنىڭ يىللىق مائاشى 2900سەر كۆمۈش بۇلۇپ،5700جىڭ ئاشلىق،12جىڭ كۆك چاي ئىدى.
سەييارە مۇپەتتىشنىڭ يىللىق مائاشى 650سەر كۆمۈش ئىدى.
ئىككى مانجۇ كۈرەسىنىڭ ئوفىتسىر-چىرىكلېرىنىڭ يىللىق مائاشى مۇنداق ئىدى؛
1،يانداش ئامبالنىڭ بىر يىللىق مائاشىنى ئاشلىققا سۇندۇرغاندا(تۇۋەندىمۇ شۇنداق)342سەر كۆمۈش،
2،سۇمۇن زەڭگىنىڭ يىللىق مائاشى250سەر كۆمۈش،
3،باقاۋۇلنىڭ------169سەر كۆمۈش،
4،بايراقلىق ياساۋۇل--130سەر،
5،چاپاۋۇل،چاۋۇشبەگ--73سەر،
6،ئاتلىق چېرىكنىڭ يىللىق مائاشى-61سەر،
7،توپچى لەشكەر--39سەر،
8،پىيادە چېرىك-16سەر،
تۆت مۇڭغۇل كۈرەسىنىڭ ئوفىتسىر-چېرىكلېرىنىڭ يىللىق مائاشى مۇنداق ئىدى؛
1،باش بۇغ(ئوكۇرتاي)نىڭ يىللىق مائاشى130سەر كۆمۈش،
2،مۇئاۋىن ئوكۈتاي،زەڭگىنىڭ يىللىق مائاشى105سەر كۆمۈش،
3،نەسەبى چەۋەنداز ياساۋۇل-60سەر،
4،باقاۋۇل-80سەر كۆمۈش،
5،بايراقلىق ياساۋۇل-60سەر،
6،كۆك ياقىلىق ئوفىتسىر،چاپاۋۇلنىڭ -30سەر كۆمۈش ۋە 720جىڭ ئاشلىق بېرىلدۇ،
.............................................
...........................................
.............................................
.............................................
مانجۇ ھاكىميىتى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇلىمۇ كىلەڭسىز ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلېرىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى كاپالەتلەندۇرۇش ئۈچۈن،يۇقۇرقى يۈكنىڭ ھەممىسىنى ئىلى رايونى ۋە جەنوبى شىنجاڭ رايوندىكى خەلىقنىڭ ئۇستىگە يۈكلىگەندى.
مانجۇ ھاكىميىتى ھەر يىلى قەشقەر رايونىدىن ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئۆچيۈز ئاتمىش مىڭ سەر كۆمۈش تەڭگە،بىر يۈز يەتمىش مىڭ پۇت(بىر پۇت تەخمىنەن 33 جىڭغا تۇغرا كىلدۇ)ئاشلىق،بىر تۈمەن توپ گەزلىمە سىلىق يىغىۋالاتتى.يەكەندىن تۆت يۈز مىڭ سەر كۆمۈش،60مىڭ توپ گەزلىمە،150مىڭ پۇت ئاشلىق،1300يۆگەم ئارغامچا،300جىڭ مىس،15مىڭ جىڭ پاختايىغىۋالاتتى،كۇچادىن 24مىڭ پۇت ئاشلىق،بىر مىڭ سەكسەن جىڭ مىس،200جىڭ سىلتىر(مىلتىق دورىسى)،300جىڭ گۈڭگۈرت سىلىق يىغىۋالاتتى،بۇنىڭغا يەنە ئاقسۇ،خوتەن رايونلېرىدىن ئىلىندىغان بىر مىليون 10مىڭ سەر كۆمۈش سىلىق قۇشۇلسا،پۇتۇن جەنوبى شىنجاڭدىن يىلىغا كەم بولغاندىمۇ 5 مىليون سەر كۆمۈش تەڭگىنى سېلىق ھېسابىدا يىغىۋالاتتى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەرلىك فىئوداللارغا تۆلەيدىغان ھەر خىل باج-سىلىقلېرى تىخى بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى.
مەنبە؛ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ«بەدۆلەت-يانغىن قاپلىغان تۇپراق»
ئەسكەرتىش؛يېقىندا ئابدۇۋەلى ئەلى ئاكىنىڭ تارىخى رۇمانلېرىنى قايتا كۆرۇۋاتقان ئىدىم،يۇقۇرقى بايانلارنى ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بىلىپ قىلىشى زۆرۈر دەپ قاراپ دوستلارغا سۇندۇم.مومكىن بولسا كۇتۇپخانە ۋە كۆنا كىتاپ ساتىدىغان جايلاردىن مەزكور تارىخى كىتاپنى كۆرۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلاي.يەنە بىر بۆلەكنى بەكمۇ تەستە ئۇرۇپ بولغان ئىدىم،ئەمما يۈتۈپ كەتتى.چىكىت قۇيۇلغان جايلار يۈتۈپ كەتكەن كەمتۈك قىسمىدۇر.راستىنى ئېيتسام قايتا خەت ئۇرۇش پەقەت خۇشاقمىدى.
[ بۇ يازما totem تەرپىدىن2008-12-29 23:44دە قايتا تە ]