ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 216 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

mug0903
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ

tilek
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى tughrul بۇ تېمىنى مەشھۇر شەخىسلەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-29)
جامال قارشى يازغان "سۇرراھ لۇغىتىگە تولۇقلىما" دېگەن كىتابىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بوۋىسى كۆل بىلگە قىدىرخان "قۇز ئوردۇ" (بالاساغۇن) دا مەركىزىي ھاكىمىيەتنى باشقۇرغان ۋاقىتتا ئەتراپتىكى تۈركىي قەبىلىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان . ئۇنىڭ زامانىسىدا تۈركىي قوۋملەر ئەللەردىن شاش ، "تاشكەنت" رايونى ئىسلامىيەتنى بۇرۇنراق قوبۇل قىلغان . ئۇ مىلادىيە 819 - يىللىرىدىن بۇيان ماۋەرائۈننەھردە بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئۆز ھاكىمىيىتىنى كېڭەيتىپ ، سامانىيلار خاندانلىقى بىلەن سوقۇشۇشقا مەجبۇر بولغان . شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ھۆكۈم سۈرگەن زامانى ، پائالىيىتى ھەققىدە بىز ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس . قامال قارشىنىڭ پىكرىچە ، كۆل بىلگە قىدىرخاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى قولغا ئالغانىدى . كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ بارىز (ئارسلانخان) ، ئوغۇلچاق (قىدىرخان ياكى بۇغراخان) دېگەن ئىككى ئوغلى بولۇپ ، بۇ توغۇرلۇق پىرىستاك قاتارلىق بەزى ئالىملار ، بارىز (ئارسلانخان) نىڭ بالاساغوندا ئۇلۇغ خاقان سۈپىتى بىلەن ، ئوغۇلچاق قادىرخان بۇغراخان نامى بىلەن تىراز ۋە كېيىن قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن . مىلادىيە 893 - يىلللىرى ئوغۇلچاق بىلەن سامانىيلار خانلىقى ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم سوقۇشۇشلار بولۇپ ئۆتكەنىدى . مىلادىيە 893 - يىلى ئىسمايىل شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى تىرازنى ئىشغال قىلىپ ، خوتۇن - بالىلىرى بىلەن 15 مىڭ ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان . بۇنىڭ بىلەن ئوغۇلچاق ئارسلانخان مەركەزنى قەشقەرگە يۆتكەش بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن . سامانىيلار ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان ئوغۇلچاق ، سامانىيلاردىن بىرىنى ئۆز پاناھىغا ئېلىشقا ھەرىكەتمۇ قىلغانىدى .
ئەبۇل پۇتۇھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۈسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ "قەشقەر تارىخى" دىمۇ ئېنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان . 1028 - يىللىرى ئەلجەۋھىرىنىڭ "ئەسسۇراغ فىل لۇغاتىت" ناملىق ئەرەبچە سۆزلۈكنى پارىسچىگە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئېلىپ ، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن . مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەسىگە قارىغاندا ، ساتۇق كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارسلانخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 - يىللىرى ياكى 910 - يىللىرى تۇغۇلغان . ئاتىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ، تەختكە ئۇنىڭ تاغىسى ئوغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئانىسى ئوغۇلچاققا نىكاھلانغان . بۇنىڭ بىلەن ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنىدى . ئىلگىرى خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قېچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسر بىننى سۇلايماننى 932 - يىلى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يېقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سېلىشقا ئىجازەت بەرگەن . ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت بۇ جايدىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى . شۇ چاغدا ، مۇسۇلمان كارۋانلىرى بۇ بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئاتۇشقا كېلىپ سودا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ ، 12 ياشقا توشقان سۇتۇق بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۆزلىرىنىڭ كارۋانلىرى ئېلىپ كەلگەن ماللارنى كۆزدىن كەچۈرۈش نىقابى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بىلەن ئۇچراشقان ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئەھۋالىنى كۆرگەن . ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىيدىن سۇئال سورىغان . "سامانىي دەرھال ئۇلۇغ ئاللانىڭ 99 نامى يۈكسەك پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن . ئۇ يەنە مۇھەممەت ئەلەيھىسسلامنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلىگەن " . ئوغۇلچاقنىڭ جيەنى سۇتۇق ، ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ سۆزىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغان . سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشىنى دالالەت قىلىشى ھەرگىز يەككە - يىگانە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس . مىلادىيە سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلىشقا باشلىغان . ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىسلاملاشقاندىن كېيىن ئىسلام دىنى ئىككى يۈز نەچچە يىل داۋامىدا مەخپىي ، ئاشكارا ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كىرگەن . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋەرائۈننەھرنىڭ شىمالىدا سامانىي خانلىقىنىڭ چېەراسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە سودا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۈركلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان . بۇ ئەھۋاللار قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن .
سۇتۇقنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى سېزىپ قالغان ئوغۇلچاق ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىقنى بىلدۈرگەن . سۇتۇق ئوغۇلچاقنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ، ئۆزى بىلەن مۇسۇلمان بولغان 50 نۆكەرنى باشلاپ چىقىپ ، ئوردا - قەلئەنى ئىگىلەش ۋە ئوغۇلچاق ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىش پىلانىنى تۈزگەن . بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىيلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۆز يېنىغا توپلىغان ۋە پەرغانىلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئومۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۆپەيتكەن . ئۇلار ئالدى بىلەن ئات بېشى تايانچ پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ ، 3000 دەك قوشۇن بىلەن جىددىي تەييارلىق قىلغان . ئۇ شەرت - شارائىت تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشىغا تايىنىپ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ، قىدىرخان ئوغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، قارشىلىق قىلغان تاغىسى ئوغۇلچاقنى قوغا ئېلىپ تەختىنى تارتىۋالغان .
ئوغۇلچاقنىڭ شاھزادە تېكىنلىرى ۋە ئوردا مەنسەبدارلىرىنى قولغا ئېلىپ بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى بەزىلىرىنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى . مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي سۇتۇقنىڭ قولىغا ئۆتتى . قەشقەر نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا قەدەر مۇسۇلمان بولغان قەشقەر خەلقى ھەر تەرەپتىن سۇتۇقنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەنتەنە قىلىپ ، پۈتۈن قەشقەر خەلقى سۇتۇق تېكىننىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلدى . مىلادىيە 1027 - يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى دەپ ئېلان قىلىپ ، قەھرىمانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بۇغرا خانلىق ئۇنۋانىنى قوللاندى . ئىسلامىيەتنى رەسمىي دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلدى . سۇتۇق بۇغرا قاراخان قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ .
سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن باشلاپ ، قاراخانىيلار خاندانلىق تارىخىدا مەدەنىيەت گۈللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان . بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تولغانىدى . سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا ، خەلقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، ئىلى ، بالاساغۇن ، بارسغان (ئىسسىقكۆل ئەتراپى) قاتارلىق جايلاردا ، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تېز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ ، بۇ رايونلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنىغا ئومۇملاشتى . بۇنىڭ بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ، تالاس شەھىرىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى . 10 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ، سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى . بالاساغۇننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەتتە سۇ رايونى ، بالقاش ۋادىلىرىدىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى . مىلادىيىنىڭ 40 - يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ، ئىككى يۈز مىڭغا يېقىن تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ئىسلام دىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتى . بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۆزىنىڭ پايتەختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى . قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى قەشقەرگە ماۋەئۈننەھر ، خۇراسان ، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پېشۋالىرى ، دىن ئالىملىرى كەلدى ." مانا بۇ ئىسلام پېشۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشتى " . ( پىرىتساكنىڭ < قاراخانىيلار> كىتاۋېدىن ) .
سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ئۇنىڭ نامىغا قويدۇرغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دېگەن خەت ئويۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لېنىنگرادتىكى موزېيدا ساقلانماقتا . سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى زور ئۇرۇشقا تەييارلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۆزى ئىسلام قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ، خوتەنگە يۈرۈش قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە خوتەن بۇددىس ئۇيغۇرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۇچارغا يۈرۈش قىلدى ۋە قەدىمدىن بېرى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بولغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ ، ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلغان بولسىمۇ ، ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بولماي بۇرۇنقى بۇددا دىنىي ئېتىقادىدا قالدى .
سۇتۇق بۇغراخان خوتەن ، كۇچارلارنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بويسۇندۇرۇش تاكتىكىسىدا ئاۋۋال مىلادىيىنىڭ 950 - يىللىرى شىمال تەرەپتىن ئىلىغا ، جەنۇب تەرەپتىن قاراشەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۆنىلىشى بويىچە قوشۇن تەشكىللەپ ماڭدى . بۇ ئۇرۇشقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇ فەتتاھنى قوماندان قىلدى . مىلادىيە 950 - يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قوماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قوشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق ، داقا - دۇمباق ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ ، ھەيۋەتلىك قوشۇن بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ باشچىلىقىدىكى قوشۇنى كۇچار ، كورلا ، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ ، توقسۇن يولى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خوجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قوشۇن يۆتكەپ تەڭرىتاغ ئېغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى . بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان قارا خاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا تېكىن (بايتاش) نىڭ قوماندانلىقىدا قاراشەھەرگە ۋاقتىنچە چېكىنىپ بۇ جايدا قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زور چىقىمغا ئۇچرىدى . سۇتۇق بۇغراىان بۇددىس ئۇيغۇرلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇل فەتتاھ زور قەھرىمانلىق بىلەن خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا " ئالىپ تېكىن " (قەھرىمان شاھزادە ) دېگەن ئۇنۋاننى بەردى . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بۇددا دىنىدا قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . سۇتۇق بۇغراخان ئۆز دۆلىتىنىڭ شەرقىي چېگراسى قىلىپ ، كۇچارنى بېكىتتى . مىلادىيە 954 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تېكىنگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن مۇسا تېكىن دەرھاللا قەشقەرگە قايتتى . ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر ، دىنىي ئالىم ۋە سىياسىيون ، تالانتلىق ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خانى بولۇپ ، مىلادىيىنىڭ 955 - يىلى ئالامدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتىنى ئاتۇشتىكى مەشھەتتە ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يېنىغا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئائىلە مازارى بولغان "گۈمبەز تول خاقانىيە" ناملىق ھۆكۈمدارلار گۈمبىزىگە دەپنە قىلىنغان . سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن چوڭ ئوغلى مۇسائىبىن ئابدۇلكەرىم بۇغراخان (تۈركچە ئىسمى بايتاش) ئارسلان بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار تەختىدە ئولتۇردى ئۇ يەنىلا قەشقەرنى قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى قىلدى . ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايمان بالاساغۇندا تۇردى. مۇسا ئارسلان بۇغراخان ئۆتكۈر سىياسەتچىلەردىن بولۇپ ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئالىم ئىدى . ئۇ قاراخانىيلار خاندانىنىڭ تەختىگە چىققاندىن كېيىن بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان دۆلەت مەمۇرىي تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ، كۆپ قاتلاملىق ، كۆپ شەكىللىك ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تىكلىگەن . شەرق قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۇلارغا مەلۇم مەمۇرىي ھوقۇق بەرگەن . قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە مەمۇرىي تۈزۈمنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇش ئۈچۈن ، بىر قاتار قانۇن - تۈزۈم ، نىزامنامىلەر تۇرغۇزۇلغان . مۇشۇ تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇپ ، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ بالاساغۇن ۋە قەشقەردىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەم دىنىي مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇپ ، ئىسلام دىنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن . خوتەندىكى بۇددىستلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، خوتەننى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن . ئۇ ئالىپ تېكىن باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان قوشۇنىنى تەشكىللەپ ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىەە يۈرۈش قىلىپ ، ئالدى بىلەن قارا شەھەرنى ئىشغال قىلدى . ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭلاق قاتارلىق رايونلارغا يۈرۈش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنى ئىلىنى ئىشغال قىلىپ ، بۇ جايدىكى ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى . بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى مىڭلاقتىن سۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۇ يەرلەرگە مۇسۇلمان تۈركلەرنى ئورۇنلاشتۇردى . دەل مۇشۇ مەزگىلدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى .... قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئوتتۇرسىدا شىددەتلىك جەڭ بولدى ....ئالىپ تېكىن قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەغلۇب قىلىپ ، قۇجۇنى ئىشغال قىلدى . قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماي ، ئۆزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قېلىپ ، ئىچكى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلارغا تەۋە بولدى .
ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىدە قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بەشبالىقتا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇل فەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ ، قازا قىلدى . ئالىپ تېكىننىڭ مازىرى جەنۇبىي تاغ ئېتىكىدە بولۇپ ، ھازىرمۇ خەلقلەر بۇ مازارنى "ئەل فەتتاھ غوجام" مازىرى دەپ ئاتايدۇ .

مەنبە : ھاجى نۇر ھاجى يازغان «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-29, 15:01

 

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-29 22:22 |
$HAKANIYA$
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61024
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىش- ئىزلىردىن خەۋەر قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت.تۆھپىسى زوركەن.

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:30 |
Love--Andy
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 57933
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 257
شۆھرەت: 259 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2569 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز، بۇھەقتىكى ئىنىق بىلمەيدىغان تەرەپلەرنىمۇ بىلىۋالدىم . رەھمەت~~~~~~~~!

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:36 |
imra786
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 63398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 62 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

جاپا چېكىپسىز ...........ھارمىغايسىز !

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:37 |
EROS
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 58542
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

رەخمەت.كىچىكىمدىن تارتىپلا ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقاتتىم.بىراق،مەكتەپتىكى دەرىسلىك كىتاپلاردا ئۇيغۇر تارىخىدىن ئەسەرمۇ بولمىغاچقا،بۇ توغرىلىق تازا چۈشەنچەم توغرا ئەمەس ئىدى.كۆپتىن-كۆپ رەخمەت.

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
ئۇلۇغ ئۇيغۇر!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 23:59 |
gherip1
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 8137
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 381 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

مانا مۇشۇنداق تارىخى تېما بولسا مەن پەقەت زىرىكمەيمە جۇما

ھەقىقىي مىسۋاك
سادا يانفۇن مۇنبىرى http://www.sadagsm.com/bbs
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 00:17 |
ghalip
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 108
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1183
شۆھرەت: 4191 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1775 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

كۆل بىلگە قېدىرخاننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى بازىر مۇ ياكى تېمىدا دېيىلگەندەك بارىز مۇ؟؟؟    

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
ئۇيغۇرچىلىق
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 10:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-30 21:09, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ