1-سۈيۈملۈك ساراڭلار
مۇستافا جانپۇلات شۇنداق دەيدۇ
ئاياللار سۈيۈملۈك ساراڭلار،، مىنىڭ خانىمىم ،مىھرىبان ئانام ،سىنىڭ سۈيۈملۈك سىڭلىڭ ھەمشىرىلىرىڭ جاھاندىكى ھەممە قىز ئاياللار ئاللاھنىڭ شۇ قەدەر بۈيۈك مۆجىزىسىدۇركى جانابى ئاللاھ ئۇلارنى شۇ قەدەر سۈيۈملۈك شۇ قەدەر گۈزەل شۇ قەدەر ئەخمەق ياراتقان . ئۇلارنىڭ ئەخمەقلىقى شۇ قەدەر سۈيۈملۈككى ئەقلىڭ ھەيران قالىدۇ ...بىر قىزنى 20 يىل بارىڭنى پىدا قىلىپ باقىسەن ،يىمەي يىگۈزىسەن ،كەيمەي كىيگۈزىسەن ئاخىرى نە بۇلۇر قىزىڭ چوڭ بولسا ھېچ تۇنۇشلۇقى يوق بىر يىگىتنى ياخشى كۈرەر ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلار ...جاپاسىنى تارتقان سەن قاق چايناپ قالارسەن ...ھى ھى ھى سەن ئۇلارنىڭ بۇ ئەخمەقلىقىنى ھېچ ئەيىبلىيەلمەسسەن يەنى بۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى بولسا سەن بىزنىڭ خىزمىتىنى كىم قىلار...كىم بىزنىڭ ھالال جۆرىمىز بۇلار..
مەن ساڭا بىر ھىكايەت سۆزلەپ بىرەي .
ئادەم ئاتىمىز زىمىنغا چۈشۈرۈلگەندىن كىيىن ئۇزاق مۇددەت ھاۋا ئانىمىز بىلەن تېپىشالماي جىق ھىجران ئازابلىرىنى تارتىپ ئاخىرى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن جانانى بىلەن ئۇچرىشىپ ۋىسال شادلىقىغا چۈمۈپتۇ
بىر كۈنى ئادەم ئاتىمىز ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپتۇ ،بىر كۈن جاپالىق ئوۋ ئوۋلاپ قايتىپ كەلسە ھاۋاخان ئىسىملىك گۈزەل جانان ماي تارتىپ ئولتۇرارمىش ...ئادەم ئاتىمىز ھاۋاخاننى خۇشال قىلىش ئۈچۈن خېلى ھەركەت قىپتۇ ،گۈل چىچەكلەرنى كەلتۈرۈپتۇ .ناخشا كۈيلەرنى ئۇقۇپتۇ مىش ...(ھى ھى ھى ئادەم ئاتىمىز خېلى بەرنا يىگىت ئىكەندۇق بولمىسا) لىكىن ھاۋا ئانىمىز يەنىلا ماي تارتىپ ئولتۇرارمىش .
-ئەي جانىمنىڭ جانانى ساڭا نىمە دەرت يەتتى ؟؟ بۈگۈن بىر كۈن ئوۋ قىلىپ قاتتىق چارچىدىم .كەلسەم سەن بۇندا ماي تارتىپ ئولتۇرىسەن ،ئەسلى ھالىڭ نە ئەي يايرىم دەيدىغاننىڭ ئورنىغا ماڭا تەتۈر قارايسەن زادى نىمە دەرت يەتتى ؟؟؟
-سەن بىركۈن مىنى يالغۇز قۇيۇپ سىرتتا باشقا ئاياللارنى قوغلىشىپ يۈرۈپسەن دىگۈدەك ھاۋا ئانىمىز.
ئادەم ئاتىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كىتىپتۇ...
_ئەي ئەقلى تاپىنىغا چۈشۈپ قالغان گۈزەل دۇنيادا سەندىن باشقا ئايال زاتى بولمىسا مەن قايسى ئايالنى قوغلىشىپ يۈرىمەن دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ..ھاۋا ئانىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆز قىلمىشىدىن قاتتىق خىجالەت بوپتۇ ،ئادەم ئاتىمىزدىن ئەپۇ سۇراپ كۆڭۈل دەرۋازىسىنى ئېچىپتۇ ئۇلار ئاللاھقا ئىبادىتىنى قىلىپ تەشەككۈرىنى ئېيتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ ،ئەتىسى سەھەردە ئادەم ئاتىمىز ئويغانسا ھاۋا ئانىمىز ئادەم ئاتىمىزنىڭ قۇۋۇرغىسىنى ساناۋاتقۇدەك ...
ئەي جانانىم بۇ نىمە قىلىق دەپ سۇراپتۇ ئادەم ئاتىمىز ....
جانابى ئاللاھ ساڭا بەك مىھرىبان ئەنسىرەيمەنكى ئاللاھ سىنىڭ قۇۋۇرغاڭدىن مىنى يارىتىپ ساڭا سوۋغا قىلغاندەك يەنە بىرەر قۇۋۇرغاڭدىن بىرەر گۈزەلنى يارىتىپ بەردىمىكىن دەپ قۇۋۇرغاڭنى ساناپ بېقىۋاتىمەن دىگۈدەك ھى ھى ھى
قارا قارداش (قېرىنداش ) مىنىڭ خانىمىم قارىغا ئېتىش ئۇقۇتقۇچىسى مەن چىنغا (جۇڭگۇغا) ماڭغاندا ماڭا 60كۈن رۇخسەت بەرگەن بۇ يەردىكى سودام پۈتمەي 100كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قالدىم ...تۈنۈگۈن خانىمىمغا تىلىفۇن ئۇرسام
-ئوۋ جانىم سىنى بەك سېغىندىم تىزراق قايتىپ كەل ئىككى پاي ئوق تەييارلاپ قويدۇم ،ئايرۇپىلاندىن چۈشۈشۈڭگە ئامانەتنى جايىغا قايتۇرارمەن ،ئەنسىرىمە ئىككى تىزىڭغا بىر پايدىن توغرا كىلەر مېيىپلار ھارۋىسىمۇ تەييار سىنى ئۆيگە سۇلاپ ياخشى باقىمەن ئىككى پۇتۇڭ بولمىسىغۇ بىر ئاي ياۋرۇپاغا بىر ئاي چىنغا بىر ئاي قېچىپ كىتەلمەيسەن ھىم ھادى بەي بەي .دەۋاتىدۇمىنىڭمۇ ئىششىم تەس ..ھى ھى ھى
قانداق قىلىمىز بۇ ئەگرى قۇۋۇرغىلەرنى تۈزلەيمىز دىسەك ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەلەم دىگەندەك سىنىپ كىتىدۇ .،ئەگرى پېتى پەپىلەپ تۇرۇپ ئىشلەتمەك كىرەك ھى ھى ھى
ھەي سەن بويتاق ئادەم نەقەدەر بەختلىك دەپ قۇيىدۇ بەزىدە مۇستافا جانپۇلات
[ بۇ يازما arkhon تەرپىدىن2008-12-29 22:56دە قايتا ت ]