ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئاكىنىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك - ناملىق كىتابىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى ، تورداش دوستلارنىڭ كۆرۈپ چېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ...!!!![](./ozluk&kimlikb.gif)
ئەسئەت سۇلايماننىڭ < ئۆزلۈك ۋە كىملىك > دىگەن كىتابىدىن تەرمە
... پارىژ شەھىرىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ - داۋاملىق ئالدىغا مېڭىپ < زەپەر دەرۋازىسى > غا بارماقچى بولدۇق. دەريا ساھلىدىن ئايرىلىپ، چوڭ كوچىغا كىرىدىغان چاغدا يۈنلىشتىن ئېزىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق. فرانسۇزچە بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن يول بەلگىلىرىدىن يۆنلىشىنى بىلىۋالغىلى بولمىدى. ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئىت يىتىلىۋالغان بىر خانىم ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئەدەپ بىلەن ئىنگىلىزچە سورىدىم:
- ياخشىمۇسىز، خانىم، زەپەر دەۋازىسىغا باردىغان چوڭ كوچىغا قانداق ماڭساق بولىدىكىن، كۆرسىتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟
ھېلىقى ئايال فرانسۇزچە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى. بىز ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي، بېشىمىزنىڭ چايقىدۇق. برى چاغدا ھېلىقى ئايال كەسكىن بىر تەلەپپۇزدا ئاخىرى ئىنگىلىزچە گەپ قىلدى:
- نېمىشقا فرانسۇزچە گەپ قىلمايسىلەر؟
_ كەچۈرۈڭ، خانىم، - دېدىم مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا، - بىز فرانسۇزچە بىلمەيىتتۇق.
- شۇنداقمۇ، - دېدى ھېلىقى ئايال سوغوق بىر تەلەپپۇزدا، - فرانسىيىدە، بولۇپمۇ پارىژدا فرانسۇزچە سۆزلەش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ خۇددى لوندۇن ياكى نىيۇيۇركتا ئىنگىلىزچە سۆزلەش مۇتلەق زۆرۈر بولغاندەكلا بىر ئىش! بوپتۇ، كىيىنكى قېتىم پارىژغا ساياھەتكە كەلگنىڭلاردا فرانسۇزچە سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يولنى دەپ بىرەي، موشۇ تارچۇقتىن ئۆتۇپ چوڭ كوچىغا چىقاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۇدۇل ماڭساڭلار بولىدۇ. زەپەر دەرۋازىسى يىراقتىن كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ.
_ رەھمەت، خانىم!
بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ھېلىقى ئايالنىڭ سۆزلىرى ماڭا باشقىچىلا تەسىر قىلدى ....
- < ئۆزلۈك ۋە كىملىك > 409- بەت
_______________________________
ئويلىغانلىرىم
بىز فرانسۇز ئايالنىڭ ئۆز تىلىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن، فرانسۇز مىللىتىنىڭ ۋەتەنگە، مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. مەن بۇنىڭدىن، بۇ خانىمىنىڭ ئۆز تىلىغا بولغان يۈكسەك رۇھىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بۈگۈنى مىللەت ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ مانا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق يارىتىلىغانلىقىنى بىلۋېلىشقا بولىدۇ. بىزچۇ؟ بىزمۇ شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟ ... ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن ... ئۆز تىلىمىز قانچە بىئەۋزەل ئورۇنغا چۈشۈپ قالسۇن - قالمىسۇن ئۇ ھامان ئۆزىمىزنىڭ. باشقىلارنىڭ تىلى قانچە ئەۋزەل بولسۇن، ئۇ بەرىبىر باشقىلارغا مەنسۈپ. باشقىلار كىلىپ تىلىمىزنى قەدرلەپ بەرمەيدۇ، ئۆزىمىز قەدرلىسەك ئاندىن باشقىلار ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ. < تىلغا ئىختىيارىسز، ئەلگە ئىتىبارسىز > بولمايلى! ھەر ئىشنىڭ باشلىنىش، تەرەققى قىلىش ۋە يۇقۇرى پەللىگە كۆتۇرۇلۇش باسقۇچى بولىدۇ. بۇنداق باشلىنىشتىن ھەر بىرىمىز ھوشيار بولايلى!
[ بۇ يازما uyghurjan تەرپىدىن2008-12-29 22:24دە قايت ]