بىر جۈپ ئەر ئايالنىڭ دىئالوگى
ئايال:مەن سىزنى قىلچە چۈشەنمەيمەن،سىزنىڭ قەلبىڭىز خۇددى 7-8تال قۇلۇپ سېلىپ قويغان،ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان ئىشىككە ئوخشايدۇ.
ئەر:قەلبىمگە ھىچقاچان قۇلۇپ سېلىنىپ باققىنى يوق،قەلبىمنىڭ ئىشىكىمۇ مەۋجۇت ئەمەس،پەقەت قەلبىمدىن ئۆزىڭىز ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىنى تاپالمايۋاتقان يېرىڭىزلا بار.
ئايال:سىز ئەزەلدىن مىنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى تېخىچە چۈشەنمەيسىز .
ئەر:مەن تېخى سىزنى ماڭىلا ئېھتىياجلىق دەپ ئويلاپ كەپتىمەن.
ئايال:مەن بولمىسام سىزگە ھىچقانداق تەسىرى بولمايدىغان ئوخشايدۇ،
ئەر:تۇرمۇشۇمدا سىزنىڭ بولماسلىقىڭىزنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىدىم.
ئايال:مەن سىزنىى تاللىغىنىم سەۋەبىدىن بىر مۇنچە بەختنى قولدىن بىرىپ قويدۇم.
ئەر:بۇ سىزنىڭ قولدىن كەتكەن نەرسىلەرنى بەخت دەپ ئويلاپ قالغانلىقىڭىزدا.
ئايال :سىزدە مىنى ئۆزىڭىزگە رام قىلىۋالغىدەك سېھرى كۈچنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىپ باقمىدىم.
ئەر:مەن تېخى سىزگە ئۆزۈمنى رام بۇلۇپ قالدىم دەپ يۇرىمەن،
ئايال:بەلكىم ئايرىلىپ كەتسەك ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كىتەرمىكىن .
ئەر:بىز تۇنۇشۇشتىن ئىلگىرى ئايرىلىپ يۇرمىگەنمىدۇق.
ئايال:سىز باشقىلارنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشى بىلەن كارى يوق،ئۇچىغا چىققان بىر شەخسىيەتچى ئەر ئىكەنسىز،
ئەر:سىز بىلەن تۇنۇشقاندىن بېرى شۇنداق بۇلۇپ قالدىم،شۇندىن بېرى ئۆزگىرىپ باقمىدىم،
ئايال:سىز مەن بىلەن بىللە بولغاندا ئازراقمۇ رومانتىك ئەمەس،
ئەر:مەن يەنىلا سىزنى ئۆزۈمگە خۇشتار قىلىپ يۇرىۋاتىمەن .
ئايال:بالدۇراق بىلگەن بولسام.....
ئەر:يەنىلا ئوخشاش بۇلاتتى،
ئايال:مەن بولمىغان بولسام يەنىلا ئوخشاشلا كۆڭلىڭىزدىكى قىزدىن بىرنى تاپقان بۇلاتتىڭىز.
ئەر:لىكىن،مەن پەقەت سىزنىلا تاپتىم.
ئايال:سىزدىن بەك قاقشاپ كەتتىممۇ قانداق؟
ئەر:ھىچ قىسى يوق ،،ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش.
مەنبە:<ھاياتلىق>