ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 727 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: بىر قىز بىلەن يىگىتنىڭ مۇھەببەت تارىخى(4-قىسىم) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

arman532
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 بىر قىز بىلەن يىگىتنىڭ مۇھەببەت تارىخى(4-قىسىم)

tilek
                   بىر قىز بىلەن يىگىتنىڭ مۇھەببەت تارىخى(4-قىسىم)
            (2006-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى) مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنىلا كەچتە كۆرۈشۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،چۈنكى كۈندۈزى كۆرۈشسەك،چايخانىدا ئادەم بەك كۆپ بولۇپ كېتەتتى،شۇڭا بىزچۈشتىن  كېيىن سائەت 5تە كۆرۈشىدىغانغا پۈتۈشتۇق شۇكۈنى چۈشتىن كېيىن گۈل دۇكىنىغا كىرىپ بىر دەستە ئەتىرگۈل سېتىۋالدىم ،ئاندىن سائەت 5كە ئۈلگۈرۈپ چايخانىدا ئالىيەنى ساقلاپ تۇردۇم،ئۇمۇ دەل ۋاقتىدا كېلىپ ماڭا تېلفون قىلدى،مەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنى چايخانىغا باشلاپ كىردىم. بىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن بىردەم يېرىمدەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن،يانچۇقۇمدىكى ئۈزۈكنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم،ئۇ ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرۇپتىكەن ،ئۈزۈكنى كۆرۈپ ئەمدىلا گەپكە ئۆمەللەۋاتقان ئېغىزى شاپپىدە توختاپ قالدى-دە!نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېتىپلا قالدى.
_تەلىپىمگە قوشۇلدىڭىزمۇ؟
ئۇ گەپمۇ قىلماي بېشىنى لىڭشىتتى.(ھەئە دېگەن مەنىدە)
_كېيىن پۇشايمان قىلمايسىز ھە؟
_ياق،پۇشايمەن قىلمايمەن.
_ئەمىسە قولىڭىزنى ماڭا بېرىڭ .
ئۇمەقسىتىمنى چۈشەندى بولغاي،قۇلاق تۈۋىگىچە قىزىرىپ كەتتى.
_ئادەمنى خىجىل قىلماڭە،بولدى ئۆزۈم سالايچۇ.
_ياق ئۆزۈم سېلىپ قويىمەن،قولىڭىزنى بېرىڭ .
ئۇ يەر تېگگىگە قاراپ تىرنىقىنى تاتىلاپ ئولتۇرغانچە بىر ھازا ئولتۇردى.مەن ئۇنى قانداق قىلىدۇ دەپ ئۈزۈكنى قولۇمغا ئېلىپ ئويناپ ئولتۇردۇم.ئۇ يەنە شۇپېتى ئولتۇراتتى.
_ئانچە مۇنچە مۆرەپ قويۇڭ ،يەر تېگىدىن  ھىېچنىمە چىقمايدۇ(چاخچاق قىلدىم).قولىڭىزنى بېرەمسىز؟ياكى كېسىۋالامدىمەن؟
_بەك ئەسكى ئىكەنسىز،مۇشۇنداقمۇ خىجىل قىلغان بارمۇ.ئۆزۈم سالاي دېگەندىكەن.............
_ئەمدى قولىڭىزنى بەرمىسىڭىز بۇ ئۈزۈكنى چۆرىۋېتىمەن.
گېپىم تەسىر قىلدى بولغاي ،ئۇئاستاغىنە سول قولىنى چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى.
مەن سول قولۇم بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئوڭ قولۇم بىلەن ئۈزۈكنى ئۇنىڭ نامسىز بارمىقىغا سېلىپ قويدۇم دە ،ئورۇندۇق ئاستىدىكى گۈلنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم.
_بۇ ئۈزۈك تۇنجى مۇھەببىتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك يالدامىسى بولۇپ قالسۇن،مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن!!!
_بەك ئاۋارە بولۇپ كېتىپسىز ،راست گەپنى قىلسام ھازىر سىزگە زدى نېمە دىسەم بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.ھازىرچە رەھمەت دەپ تۇراي ،رەھمەت سىزگە.
_ئەرزىمەيدۇ.
     بىز چايخانىدىن چىققاندىن كېيىن ،رەسىمخانىغا كىرىپ بىر پارچە سۈرەتكە چۈشتۇق.ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ  قالغان بولغاچقا،مەن ئۇنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويدۇم.
   بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز 2006-يىلى12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ،شۇنچىلىك ئاددىي ،شۇنچىلىك رومانتىك ھالدا باشلاندى.تورداشلار بەلكىم ئاراڭلاردا مۇھەببەتلەشكەنلەر باردۇ.لېكىن بۇنداق رومانتىك ھالدا باشلانغان مۇھەببەت ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ دەپ ئويلايمەن.ئاشۇ كۈنلىرىمنى ئويلىسام بىر خىل ھاياجانلىنىپ كېتىمەن.
     شۇئارىدا بىر ئاي  ۋاقىت ئۆتتى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىز بىر بىرىمىزگە شۇنداق ئىچەكىشىپ كەتتۇق.لېكىن ئارىمىزدا بىر خىل يوشۇرۇن زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى.2006-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇلۇغ قۇربان ھېيت يېتىپ كەلدى. ھېيتنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئالىيە بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر تۇغقان ئاكامنىڭ يېنىدا ھېيت ئۆتكۈزگىلى كەتتىم.ئالىيە بولسا تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزدى.ئەتىسى كەچتە(31-چىسلا) مەن ئالىيەنىڭ يېنىغا باردىم.بىز بىللە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ،قايتاشىمدا ئۇ ماڭا بىر پارچە خەتنى بېرىپ ،ياتاققا بېرىپ ئوقۇشۇمنى ئېيتتى.بىز خوشلاشتۇق.گەرچە خەتنىڭ مەزمۇنىنى كۆرمىگەن بولسساممۇ،لېكىن خەتنىڭ تېگىگە يېتىپ بولغان ئىدىم.ياتاققا بېرىپلا خەتنى ئوقۇدۇم.خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
_ئارمان ،قانداق ئەھۋالىڭىز؟كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتقان بولغاچقا باشقا سالام سائەتلەر ئارتۇقچە دەپ قارايمەن.مەن ئويلاندىم،ئويلىنىۋاتقىلى پەقەت بىر نەچچە كۈن بولمىدى.ئۇزۇندىن بېرى مەن مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ كېلىۋاتىمەن.ئەگەر سىز مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرسىڭىز ،مېنى ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،بۇ ھەرگىزمۇ مېنى ھۆرمەت قىلمىدىڭىز دېگەنلىك ئەمەس.ئەتراپىمىزدا كۆزلەر كۆپ،بەزىلىرى ياخشى نىيەتلىك،بەزىلىرى بولسا..........دەسلەپتە سىزگە يول قويغانلىقىمدىن ئازراق پۇشايمان قىلىمەن.چۈنكى ھازىر مېنى خاتا چۈشىنىدىغانلار بارابارا كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.بەلكىم ئۇلار خاتا چۈشانمىگەندۇر،چۈنكى ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ئەمەسمۇ!بۇ <ئەھۋال> زادى قايسى ئەھۋال؟بۇنى دەپ يۈرمىسەممۇ سىز ئوبدان چۈشىنىۋاتىسىز.شۇنداقمۇ؟ ئارمان سىزنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن.لېكىن مېنىڭ سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئەمدى سىناپ كۆرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.ئەگەر مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرسىڭىز مېنىڭ تۆۋەندىكىدەك تەلىپىمگە قوشۇلۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن:
ئەمدى كۈندە كەچتە تېلفون قىلسىڭىز  بەك ئۇزۇن سۆزلەشمەيلى،دادام بەزىدە تېلفونۇمغا تېلفون قىلىپ قالىدىكەن(يان تېلفون ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كېيىن ماڭا دەپ بەرگەن)بەزى كۆرۈشمىسەك بولمايدىغان زۆرۈر ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈشەيلى.ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ سىزنى كۆرگۈم كېلىدۇ،لېكىن بىز يەنىلا ئۇقۇغۇچى ئەمەسمۇ؟مېنىڭچە شۇنداق بولغان ئىكەن،نورمال دەرس ئوقۇۋاتقان چاغلاردا زېرىكىپ قالمايسىز دەپ ئويلايمەن.ئارمان مېنى چۈشىنىۋاتامسىز؟ توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاخشام دادام سائەت 7دە بىر قېتىم ،8ئەتراپىدا بىر قېتىم،9بولاي دېگەندە يەنە بىر قېتىم ياتاققا تېلفون قىپتۇ،لېكىن ئۇ چاغدا مان سىز بىلەن بىللە.ئاندىن كېيىن يېرىم كېچە سائەت 1.30دا تېلفون قىلدى. دادام ماڭا:قىزىم تېلفونىڭىز يەنە توختاپ قاپتۇ.شۇڭا ياتىقىڭىزغا تېلفون قىلغان.سىرتقا چىقىپ كەتكەن دېدى ،نەگە بارغانتىڭىز؟دېدى.مەن زۇلھاياتنىڭ يېنىغا دېگەن ئىدىم(ئالىيەنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى)دادام ماڭا :ئۇنداق بولسا يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!ئۇخلاۋاتقان بولسىڭىز ئۇيقىڭىزنى بۇزىۋەتمەي،بالدۇرراق تېلفۇن قىلاي دېسەم يەنە يوق دەندىكىن دەپتىمەن شۇڭا ھازىر قىلدىم دەپ يەنە باشقا گەپلەرنىمۇ قىلدى.گەپلىرىنىڭ ئورانىدىن قارىسام مەندىن ئەنسىرىمىگەندەك قىلغان،مەنمۇ بەھوزۇر سۆزلەشكەن ئىدىم.لېكىن خوشلىشىدىغان چاغدا *********13،زۇلھاياتنىڭ تېلفون نۇمۇرىمۇ دېدى.(بۇ زۇلھاياتنىڭ يانفۇن نۇمۇرى ئىدى).مەنمۇ چۈشەنمەپتىمەن ،يەنە ئۇلاپلا*****68چۇ؟دەپ سورىدى.(بۇ زۇلھاياتنىڭ ئۆيىنىڭ تېلفون بۇمۇرى ئىدى).مەن ئنكاس قايتۇرۇپ بولغىچە،قىزىم خوش ئەمىسە ئەتە 8لەردە تېلفون قىلاي ئەمدى ئۆگىنىشنى كۈندۈزى قىلىپ كەچتە ياتاقتا يېتىپ ئارام ئېلىڭ ،تالا سوغوق خوش ئەمىسە دەپ تېلفوننى قويىۋەتتى.مەن تېلفوننى قويۇپلا ئۇيقۇغا ئۈلگۈردۈم.ئەتىسى ئەتتىگەندە زۇلھايات ياتىقىمغا كىرىپتۇ.نەگە بارغان دەپ سورىدى.ئاندىن دادامنىڭ ئىككى تېلفون نۇمۇرىنى مەندىن سورىغىنىنى شۇ چاغدا چۈشەندىم.زۇلھايات ئەھۋالنى بىلمىگەچكە دادامغا مەن ئالىيە بىلەن بىر ياتاقتا ئەمەس ،ئالىيە ياتاققا كىرمىدى دەپتۇ.دادامنىڭ ماڭا ياخشى گەپ قىلىۋاتقىنى ماڭا بىشارەت بېرىۋاتقىنى،ئەگەر مۇشۇنداق ئۆتىۋەرسە بىرىنچى بولۇپ .............دادامغا يۈز كېلەلمەيمەن. ئارمان مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.چوقۇم ئىشىنىشىڭىز كېرەك،لېكىن يېقىن دوستلىرىمىز بىلدىلا بولدى.بارلىق كىشلەرنىڭ بىلىشىنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن.شۇنداقمۇ؟؟؟؟

خەتنىڭ مەزمۇنى مانا مۇشۇنداق ،مەن خەتنى كۆرۈپلا ئىشنىڭ تېگى تەكتىگە يەتتىم.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇ مەن بىلەن يۈرگەن بىر ئاي جەريانىدا <سىزنى ياخشى كۆرىمەن >دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ باقمىغان.لېكىن خەتتە ئۇ ئوچۇق قىلىپ يېزىپتۇ.راست گەپنى قىلسام بۇ خەتنى تاپشۇرىۋېلىشتىن بۇرۇن،ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى زادى بىلەلمىگەن ئىدىم.مانا ئۇ ئاخىرى راست گەپنى دېدى.
      خەتنى ئوقۇپ بولۇپلا ئۇنىڭغا تېلفون قىلدىم:
_خەتنى ئوقۇپ بولدىڭىزما؟
_ھەئە!
_خاپا بولدىڭىزغۇ دەيمەن.
_نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىغانسىز؟شۇنداق ياخشى گەپ قىلىۋاتسىڭىز مېنىڭ خاپا بولۇشقا ھەددىممۇ؟
_مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم.
_مېنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟
_كۆزىڭىز كورمۇ سىزنىڭ ،خەتتە يېزىقلىق تۇرمامدۇ؟
_شۇنداق مېنىڭ كۆزۈم كور بولۇپ قالدى،سىز يېنىمدا بولمىسىڭىز بىر نەرسىنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم.
_بولدى چاخچاق قىلماڭ،خەتتە يېزىلغىنى ھېساپ.
_ئۆز ئاغزىڭىزدىن بىر ئاڭلايچۇ؟
_دائىم ئادەمنى خىجىل قىلىدىكەنسىز.خەتتە يازغانىم راسقۇ!
_ئۆز ئېغىزىڭىزدىن ئاڭلىغىنىم خەتتە يازغىنىڭىزغا ئوخشىمايدۇ.
ئۇ بىر ھازا تۇرىۋەتكەندىن كېيىن دېدى:
_مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
_قانداق ياخشى كۆرىسىز؟
-بەك ياخشى كۆرىمەن.
_راسمۇ؟
-ئەلۋەتتە راست.
        شۇندىلا ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەندىم.ئۇنىڭغىچە بىزنىڭ (ئۇنىڭمۇ)مەۋسۈملۈك ئىمتىھانىمىز باشلانغان بولغاچقا.يۇرتقا ماڭىدىغان كۈنگىچە كۆرۈشەلمىدۇق.لېكىن تېلفوندا كۈندە ئالاقىلىشىپ تۇردۇق.ئالىيەنىڭ ئىمتىھانى مەندىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئاخىرلاشتى.ئۇ ئىمتىھاننى تۈگىتىپ مېنى ئىككى كۈن ساقلىدى.بىز يۇرتقا بىللە قايتتۇق. ھەراست تورداشلار بۇ ھېكايەمنىڭ ئالدىنقى 1-قىسىمىدا ئۇ كوچىدىمۇ ئۇچراپ قالمىدى دەپ يوللىغان ئىدىم،شۇنى خاتا يوللاپتىمەن.ئىككىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 100كىلومېتىر كېلىدۇ،ئۇنىڭ ئۆيى جەنۇپتىكى بىر شەھەر مەركىزىدە،مېنىڭ ئۆيۈم بولسا شۇ ۋىلايەتكە قاراشلىق بىر ناھىيە مەركىزىدە. تەتىل مەزگىلىدەمەن ئاساسەن ئالىيەنىڭ تېلفونىنى ساقلاپلا ئۆتتۈم .ئۇ ماڭا ئىككى كۈنلا تېلفون قىلمىسا بىر قىسمىلا بولۇپ قالىمەن،ئۆزۈم تېلفون قىلاي دېسەم ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تېلفون نۇمۇرىنى بىلمەيمەن.(ئەسلى ئۆيىدە تېلفون بار ئىكەن لېكىن نۇمۇرىنى ماڭا دەپ بەرمىدى ،چۈنكى ئوغۇللاردىن تېلفون كەلسە دادىسى خاپىلايدىكەن)ئۇمۇ ئىككى كۈندە بىر قېتىم تېلفون قىلاتتى.شۇنداق قىلىپ تەتىلمۇ توشۇپ كەتتى. ئۇنىڭ تېلفون قىلغان كۈنى شۇنچىلىك ئېسىمدە تۇرۇپتۇكى قايسى قايسى كۈنى تېلفون قىلغانلىقى ،تەتىلدە جەمئىي قانچە قېتىم تېلفون قىلغانلىقى ئېنىق ئېسىمدە بار.
     تەتىلدىن كەلگەندىن كېيىن ئەھۋالدا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش يۈز بەردى..............
تەتىلدىن كېيىنكى ئىشلارنى 5-قىسىمىدا يازاي ،كەچۈرگەيسىلەر تورداشلار ،مېنىمۇ چۈشىنىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.چوقۇم ۋاقتىدا سىلەرنى خەۋەردار قىلىمەن!

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com002
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-29, 12:36

 

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-29 20:02 |
wolfcool
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69516
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

 

قىزلار بۇناخشىنى تولۇق ئاڭلاپ بىقىڭلار http://mp3.ulinix.cn/ulinixcn889/uyghurche/turghan/turdaxlar/uygurkizliri1.mp3

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 20:46 |
wolfcool
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69516
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

 

قىزلار بۇناخشىنى تولۇق ئاڭلاپ بىقىڭلار http://mp3.ulinix.cn/ulinixcn889/uyghurche/turghan/turdaxlar/uygurkizliri1.mp3

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 20:48 |
arman532
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

ئەگەر ئالدىنقى قىسىملىرىنى كۆرەلمىسەڭلار ئاستىدىكى<شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى >گە كىرسەڭلار،شۇ يەردە بار!

ئەزىز بوۋاق
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 21:26 |
ATAMAN459
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62967
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

بولسا ھەرقېتىم يوللىنىدىغان ۋاقتىنى يېزىپ قويسىڭىز بوپتىكەن......    
رەھمەت سىزگە!!    ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن قىزىقىپ قالدىم!!

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 21:37 |
arman532
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

مەن بەك كۆپ يېزىۋەتسەم ،سىلەرنى ئوقۇپ بولالماي زېرىكىپ قالامدىكىن دەپ پارچىلاپ ئەۋەتتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز ئازدىن ئوقۇساڭلار مېنىڭچە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.قېنى مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقاي.ئەگەر مۇنبەردىكىلەر ھەممىنى بىراقلا يوللاش تەكلىپىنى بەرسە ھەممىنى بىراقلا يوللايمەن ،مۇشۇنداق پارچىلاپ ئەۋەتسەم.بەلكىم 40قىسىم چىقىشى مۇمكىن.ئۇچاغدا بىرەر ھەپتە ساقلاپ قالىسىلەر،قېنى مۇنبەرداشلار قايسىنى تاللايسىلەركىن،ئەگەر ئۇدۇللۇق خەۋەر قىلىپ تۇرسام،كۈندە 3-4قىسىم يوللاپ تۇرىمەن.

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 21:50 |
1HUMAKUZ
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69596
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

 

مېنڭچە سىز  ئۇ قىزنى قەدىرلەڭ!؟

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 21:52 |
nargiza18
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 28366
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1481
شۆھرەت: 1482 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5625 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 102(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

داۋامىنى ئەسلى 1-قىسىمنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدىلا يوللىسىڭىز بوپتىكەن...

ئەزىز بوۋاق
سەمىمىيلىك ئىسىل خىسلەت.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 21:57 |
rena3610
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39532
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 150
شۆھرەت: 151 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1259 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 402(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

مىنىڭچەبىراخلا ئەۋەتسىڭىز بۇلامىكىن .

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 22:46 |
arman532
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

قالغان مۇنبەرداشلار نېمە دەيدىكىن؟؟؟بىراقلا يوللامدىم ياكى ئۇدۇللۇق يوللاپ تۇرامدىم؟

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 00:21 |
maxal1
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 620 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

بىراقلا يوللاڭە ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئالماي

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 01:11 |
maris0997
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31108
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 161
شۆھرەت: 162 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1620 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 411(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

3-قىــــــــــــســمى قـېـــــــنى بۇنىڭ؟

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 02:04 |
saba109
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 34718
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 94 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 697 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

ئۆزىنىڭ تارىخىنى ھىكايە  قىلىپ يازسا بىر چىرايلىق بولدىكەنغۇ،  مەن تارىخىمنى يېزىپ قالسام بىر رومان پۈتەركەن...
ياخشى چىقىپتۇ.....

ئەزىز بوۋاق
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 04:00 |
kulkang
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69633
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

كەچۇرۇڭ  سىز ئاخىرىدا ئازىراق ئۆزگەرتىش  قىىپسڭز بۇنداق  قىلسىز باشتىكى  قىسىمىغا تەسىر يىتەمدۇقانداق ئويلىنىپ بېقىڭ

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 04:45 |
yamgurluk
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69635
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

        
داۋامىنى  تىز يۇللاڭ بولامدۇ  ؟

ئەزىز بوۋاق
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 08:10 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-30 18:27, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ