ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى يېڭى يىىلىق پائالىيەت ئۇقتۇرشى
چى چى توپ نۇمۇرى :34630363كۇلۇب بلوگ :xjue.blogbus.com
ھۆرمەتلىك دوستلار، ياخشىمۇسىلەر!ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۇلۇبىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقىنىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، كۇلۇبىمىزنىڭ تەرەققىياتىنىڭ زورىيىپ بۈگۈنگە كېلىشىنى كۆپچىلىكنىڭ تېرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ!كۇلۇبىمىز 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە كۇلۇبىمىز توپتوغرا بىريىلنى ئۆتكۈزدى. مۇشۇ ئالاھىدە كۈننى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ھەمدە مۇشۇ بىريىلدىن بېرى ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىزنى خۇلاسىلەش شۇنداقلا كۆپچىلىككە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، كۇلۇب ھەيئىتى كېڭىشىش ئارقىلىق، ھەرقايسى دوستلارنىڭ پىكىرىنى قوللاپ، كۇلۇبىمىز قۇرۇلغىنىغا بىر يىل بولغان كۈنى بىرقېتىملىق يىغىلىش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق!بۇ قتىمقى پائالىيەت چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ بىزنىڭ كۇلۇبىمىزنىڭ تور دۇنياسىدىن رىئاللىققا ھالقىشتىن ئىبارەت مۇھىم بىر قەدەمنى باسقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار ھەيئىتىمىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ھەمدە بىر ئەركىن ئازادە پىكىرلىشىدىغان كەيپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەمدە بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى چوڭقۇر دوسلۇق ئورنىتىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇلۇبىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە نىشانى توغرىسىدا ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلەردە بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز ئۈچۈن، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپچىلىك بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ!بۇ قېتىمقى پائالىيەت شەكلى: ئاساسلىقى غىزالىنىش، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئويۇن قويۇشتىن ئىبارەت. ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىلىشى: ھەرقايسى دوسلارنىڭ ۋاقتىنى تولۇق ئويلىشىش ئارقىلىق، پائالىيەت ۋاقتى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى يەكشەنبە كەچلىك تاماق ۋاقتىغا، يەنى شىنجاڭ ۋاقتى 5.00كە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 5.00تىن 6.00گىچە ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ دەل ۋاقتىدا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.تىزىملىتىدىغان ئادەم سانى: تىزىملىتىش سانى 30ئادەم بىلەن چەكلىنىدۇ. تۇنجى قېتىملىق پائالىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشى ۋە تونىشىشىغا يىتەرلىك ۋاقىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم سانى كۆپ، ۋاقىت قىسقا، ھەيئەت ئەزالىرىمىزنىڭ سانى چەكلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلغاندىلا پائالىيەتنى رەڭدار ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى پائالىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن بىز بىر قىسىم ئاكتىپ، قىزغىن ئەزالارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى قىلىپ تەيىنلەپ، كىيىنكى قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكللىگەندە، پائالىيەتنى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ غەلبىلىك ئۆتكۈزىمىز. تىزىملاش ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى. چۈنكى ئادەم سانى بېكىتىلگەن ھامان، قالغان 3كۈن ۋاقىت ئىچىدە بىز ھەيئەت ئەزالىرى مۇۋاپىق ئورۇن تاللاپ، ھەرقايسى قاتناشقۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ تىزىسىنى تۈزۈپ چىقىمىز. تىزىملىتىش ئۇسۇلى: چى چى توپ بوشلىقىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەلگە ئاساسەن تىزىملىتىش ماتىرىيالىنى تولدۇرۇڭ. (چۇقۇم چى چى توپ ئەزاسى بولسىڭىز ئاندىن كۈرەلەيسىز )
باشقا شەرتلەر: ھەرقايسى قاتناشقۇچىلار ئامال بار رەتلىك كاستىيۇم كىيىشى كېرەك. 30~35 تال شىركەتنىڭ شەخسىي ئىسىم كارتىسىنى تەييارلىشى كېرەك. قاتناشقان دوسلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى شىركەت دېرىكتورى ياكى دېرىكتوردىن يۇقىرى خىزمەتچىلەر بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ كۇلۇب قۇرۇشىمىزدىكى مەقسىتىمىزگە ماس كېلىدۇ.
ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى
2008-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى