سالامەتلىكنى ئاسىراشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتلىرى
1. ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى : ئادەمنىڭ تىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھەركىتى سائەت 22-23 تە بىر قىتم ئاستىلايدۇ . شۇڭا، سائەت 21-22 ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھىساپلىنىدۇ . سائەت 23 دىن كىيىنمۇ ئۇخلىماي سائەت 24 تىن ئىشىپ كەتسە ، ئۇ چاغدا ئۇخلىماق تەس بولۇپ قالىدۇ .
2. ئورۇندىن تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى : تەجىربىلەردىن قارغاندا ، ئەتىگەن سائەت 5-6 دە ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھەركىتى تىزلىشىدۇ. بەدەن تىمپىراتورسى ئورلەيدۇ ، مۇشۇ چاغدا ئورۇندىن تۇرغاندا ئادەم تىتىك بولىدۇ.
3. مىڭىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى : چۇشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە چوڭ مىڭە ئەتىراپلىق پىكىىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ . سائەت 10 دا ئەقليى كۇچى يىتەرلىك بولىدۇ . چۇشتىن كىيىن سائەت 2 دە ئىنكاس قايتۇرشى تىز بولىدۇ . كەچ سائەت 8 دە تۇتۋىلىش قابىليىتى ئەڭ كۇچلۇك بولىدۇ . ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى كۇندۇزى 12 سھئەت ئىچىدە پەيدىنپەي ئاجىزلايدۇ .
4. سۇ ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى : ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان سۇ ئىچۋىتىلسە ، بەدەننىڭ سۇ تەركىبى تولۇقلىنىدۇ . ئۇچەي ھەم ئاشقازان تازلىنىدۇ . تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچۋىتىلسە ھەزىم قىلىشقا پايدىسى بار، ئىشتەي ئىچىلىدۇ .
5. سەيلە قىلپ ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى : تاماقتىن كىيىكى 54 مىنىۇت ئەتىراپىدا 4.8 كىلومىتىرلىق سۇرئەت بىلەن 20 مىنۇت سەيلە قىلىپ بەرسە ئورۇقلاشقا پايدىلق . ئەگەر تاماقتىن كىيىكى 2-3 سائەت ئىچىدە يەنە 20 مىنۇت سەيلە قىلپ بەرسە ، ئورۇقلاش ئۇنۇمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
6. بەدەننى چىنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ؛ قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە سائەت 6-7 دە بەدەن چىنىقتۇرماسلىق كىرەك . ياز، كۇز پەسىللىرىدە قۇياش نۇرى چىقىدۇ . ئەتىگەن 5-6 دە بەدەن چىنىقتۇرغاندا ھاۋا سالقىن ، ساپ بولىدۇ . ئادەتتە چۇشتىن بۇرۇن 10 دا ، چۇشتىن كىيىن 3 دە گىمناستىنكا ئويناپ بىرىلسە پايدىلىق .
( ئائىلە ۋە ساغلاملىق مەنبە:)