ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئەزىز قېرىنداشلىرىم، پەرزەنت تەربىيىسى ھازىرقى جەمئىيەتتە ناھايىتى بىر ئېغىر يۈكتەك بىسىم ئېلىپ كەلمەكتە. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يۈكى ئۆزلىرىدىنمۇ بەكرەك ئېغىرلىشىپ كەتمەكتە، بۇنىڭ ئىسپاتى، ئۇلارنىڭ دەرسلىكى ،جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى، كۈندە دۈمبىسىگە ئېسىۋالغان سومكىلىرى ئۇلارنىڭ بەللىرىنى ئەگدۈرۈپ ،ھارغىن ھالدا كۆتۈرۈپ يۈرۈشلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تاپشۇرۇقلىرى ،ئۇلارنى نەچچە سائەت-سائەتلەپ چىراق تۈۋىدە مۈكچىيىپ ئىشلەشلىرى ،ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرماي قالمايدۇ.
بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىنىڭ ، ئىستىقبالىنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن ،ئۇلارنى ھەرخىل كۇرۇسلارغا بەزىلىرىمىز ئۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە بەرگەن بولساق ،بەزىلىرىمىز ئۆزخاھىشىمىز بويىچە ، ئۇلارنى زورلاپ بېرىۋاتىمىز. ئەمما بىز ئۇنداق قىلىپمۇ ،بۇنداق قىلىپمۇ پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ تونۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ئىتىراپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتا-ئانا بولغۇچى بىز ،پەرزەنتلىرىمىزگە مۇسۇلمان دىگەن نىمە، ئىسلام دىگەن نىمە، ئىسلام قانداق،قاچان بارلىققا كەلگەن،مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەرزى نىمە، ئۇنىڭ پايدىسى نىمە، قۇرئان دىگەن قانداق كىتاپ ،ئۇ بىزگە نىمىلەرنى ئۈگۈتىدۇ ؟ دىگەنلەرنى ئۈگەتكەندۇقمۇ؟
بىز پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ، ئۇلار چوڭ بولغاندا ھۆكۈمەت ئورنىغا ئورۇنلىشالماسلىقى ،بىرەر خىزمەتنىڭ پېشىنى تۇتالماي ،ئۆزىنىڭ رىزقىنى تېپىپ يىيەلمەسلىكى، جەمئىيەتنىڭ داشقىلى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ،نە-نەلەردىن سوراپ تېپىپ ،ئەڭ ياخشى بولغان ،تەجرىبىسى مول بولغان ئوقۇتقۇچىلىرى بار تەربىيلەش ئورۇنلىرىنى تېپىپ ،پەرزەنتلىرىمىز بېرىۋاتىمىز، قىز- ئوغۇللىرمىزنى ناخشا -ئۇسۇل كۇرۇشلىرىغا، فىگورا چىقىرىپ تانسا ئويناش كۇرۇسلىرىغا بېرىپ ،ئۇلارنى بىرەر پائالىيەت ئۈچۈن تەييارلىغان نۇمۇرلىرىنى ،كۆرۈپ ئۇلاردىن سۆيۈنمەكتىمىز.
بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىق ، ساغلام ئەقىللىق ، ئۆز ئىستىقبالىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدىغان ، شەرمى-ھايالىق بولىشىنى بەكمۇ چوڭ ئارزۇلار بىلەن ئۈمۈت كۈتمەكتىمىز، پەرزەنتلىرىمىزمۇ ئاغزىمىزغا ناۋات سېلىپ :<ئاپا،دادا، مەن چوڭ سىلەرنىڭ ،ۋەتەننىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاپ ،ياخشى بالا بولىمەن> دىمەكتە.
ئەي ئەزىز ئاتا-ئانىلار ،جەمئىيىتىمىزگە قاراپ باقايلى، شۇنچە .ئارزۇلار بىلەن بېقىلغان پەرزەتلىرمىزمۇ چوڭ بولۇپ ،بەزىلىرى ياخشى چوڭ بولدى ،بەزىلىرى ناچار چوڭ بولدى، مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن ،ھالا جۈپتىلىرى ئۈچۈن ساقلاش تېگىشلىك بولغان ئامانەتلىرىنى ،تويدىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا كىملەرگىدۇر بېرىۋەتتى.ئۇلار كېچىلىرى ئۆيگە قايتمايدىغان، ئاتا-ئانىلىرىغا تەپ -تارتماي ھۆرپىيىدىغان، ھەرەڭ -سەرەڭ ،كالتا -كۈسەي كىيىملەرنى ئارتىپ يۈرۈيدىغان ،ھاراق -شاراپ ،تاماكا -ناشىگە بېرىلدىغان ،ئوغرى -بۇلاڭچى بولۇپ كەتكەن ،كىچىككىنە تۇرۇپ تۈرمە ھاياتىنى سۈرۈيدىغان بولۇپ كەتمەكتە.
ئەي ئەزىز قېرىنداشلىرىم ،بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئۈستىدىن تارتقان جاپايىمىز بەدىلىگە ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجە ،ھارارەت بۇ ئەمەس ئىدى. بىز شۇنچە نۇرغۇن پۇللارنى سەرب قىلىپ ،ئۇلاردىن ناھايىتى چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن ئىدۇق.، ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ خار بولىشىنى ئارزۇ قىلمىسا كېرەك ، ئۇنداقتا بىز ئۇلارنى نىمىشكە پۇل سەرب قىلمايدىغان ، كۈچ سەرب قىلمايدىغان ،ئۈنۈمى شۇنداق تېز ھەم ئۈنۈملۈك بولغان ،بىزدە بار بولغان مۇقەددەس ،چىن ۋە ھەق بولغان .زامان تەرەققىياتى ياكى زامان ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭ ئۆزگىرىپ پاسىق ھالەتكە چۈشۈپ قالمايدىغان ،ئۆز ساپاسى بىلەن تۇرىدىغان ئىسلام تەربىيىسى بىلەن تەربىيلىمەيسىز ،ئۇ بىزگە ھەممىنى ئۈگىتىدۇ ئەمەسمۇ .بۇنداق دىسەم بالىنى پەن بىلەن تەربىيلمىسەكمۇ بولامدۇ دەپ ئويلىشىڭلار مۈمكىن ، ئەلۋەتتە دىن بىلەن پەن بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، قۇرئان كەرىمدە،ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:<قۇرئان پەقەت ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر.>(سۈرە قەلەم،52-ئايەت.)
<بالىلىرىڭلارنى 7 ياشتا نامازغا بۇيرۇڭلار،10 ياشتا ناماز ئوقۇشقا ئۇنىمىسا ئۇرۇڭلار.>(ھەدىس)
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، دەسلەپكى تەربىيىچىسى ۋە ئاۋۋالقى يېتەكچىسى. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىللىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەربىيلەپ، زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتىپ، بار-يوقىنى ئۇلارغا ئاتىغاندىلا سۈپەتلىك، ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەپ چىقالايدۇ. بالا ئائىلىنىڭ بەختى، دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتى، ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتى ۋە ئامانىتى، قىسقىسى ئۇ، ئاللاھ تەئالانىڭ ئەڭ چوڭ ئىنئامى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«مال-دۇنيالار ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر» (كەھف 18/46)
شۇڭا ئاللاھقا شۇكۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ نېئمىتى بولغان پەرزەنتنى قەدىرلەپ، ئاسراپ، ياخشى تەربىيلەش بىزنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچمىز، بۇ بۇرچىمىزدىن قىيامەت كۈنى چۇقۇم ھېساب بېرىمىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى ۋە سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر. ئىمام (خەلىپە، ئىمام) مۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پادىسى (پۇقراسى، جامائىتى) توغرۇلۇق سورىلىدۇ. ئەر كىشىمۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پادىسى (بالا-چاقىلىرى) توغرۇلۇق سورىلىدۇ. ئايال كىشىمۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پادىسى (ئېرىنىڭ ئۆيۋاقى ۋە بالا-چاقىسى) توغرۇلۇق سورىلىدۇ. خىزمەتچىمۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پادىسى (خوجايىنىنىڭ ماللىرى) توغرۇلۇق سورىلىدۇ. دېمەك سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى بولۇپ، ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سورىلىسىلەر» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
[ بۇ يازما ئەسلىمە تەرپىدىن2008-12-29 18:49دە قايتا ]