ئىشتىھا تۇتۇلۇش دېگەندە، كىچىك بالىلاردىكى ئۇزاقراق ۋاقىت داۋام قىلغان ئىشتىھاسىزلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ ئادەتتە ئوزۇقلۇق مىقدارى، سۈپىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك، بۇخىل كېسەللىك1-6 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك داۋالىسا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
1.ئامۇت سۈيى
كۆك ئامۇت ياكى سوقىچاق نەشپۈتتىن3-4 نى پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن، سويماستىنلا پارچىلاپ ئۇرۇقى چىقىرىۋېتىلىدۇ ۋە ئىككى پىيالە سۇ قوشۇپ سۇس ئوتتا بىر سائەت قاينىتىلىدۇ. ئاندىن كېيىن تاز ئىزىلمىگەن ئامۇت پارچىلىرى سۈزۈۋېلىنىپ، قاينىتىلغان قارا ئۈرۈك سۈيىدىن قوشۇپ يەنە قاينىتىلىدۇ. سۇ تۈگەپ يېرىم پىيالىچە قالغاندا سوۋۇتۇلۇپ، بالىغا ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىرىپ بەرگەندە ئىشتىھاسى ئېچىلىدۇ، ئامۇت سۈيى ئاشقازان، تالنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
2.ئاچچىقسۇغا چىلانغان چىلان سۈيى
يېڭى زەنجىۋىلدىن بىر قانچە تالنى پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن، پارچىلاپ ئاچچىقسۇغا بىر كېچە چىلاپ قويۇلىدۇ(ئاچچىقسۇ مىقدارى زەنجىۋىل چىلاشقىدەك بولسا بولىدۇ). ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازراق قارا شېكەر قوشۇپ ئازراق قاينىتىلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن بالىغا چاي ئورنىدا بېرىلىدۇ. ئۇ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، سوغاقنى ياندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، بالا بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئىچكەندە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
3.پەمىدۇر (شوخلا) قيامى
پەمىدۇردىن بىر نەچچە دانە ئېلىپ پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن قايناق سۇغا چىلاپ پوستى ئېلىۋېتىلىدۇ، ئاندىن كېيىن داكىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇرۇقى چىقىرىۋېتىلىپ ،سۇس ئوتتا قاينىتىپ، ئۈستىگە ئازراق كۆك ماش سۈيى قوشۇلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن كۈنىگە2-3 قېتىمدىن ئىككى قوشۇقتىن ئىچىرىپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، قورساقنى ئاچۇرۇش رولى بار.
4.ناۋات ئارىلاشتۇرۇلغان قارا ئۈرۈك سۈيى
تاز پىشقان قارا ئۆرۈك ياكى قارا ئۆرۈك قېقىدىن 50-60 گرام ئېلىپ قازانغا سېلىنىدۇ. ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە قاينىتىلىدۇ. ئۇ يۇمشاپ پىشقان ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇقى ئېلىۋېتىلىپ گۆشى ئۇششاق پارچىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئەسلىدىكى سۇغا سېلىنىپ ئۈستىگە سوقۇلغان ناۋاتتىن60 گىرام قوشۇلۇپ داۋاملىق قاينىتىلىدۇ، سۇنىڭ%30-40%40 ى خوراپ كەتكەندىن كېيىن قىيام تەييارلىنىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن ئۈستىگە نېپىز بىر قەۋەت شېكەر سېلىنىدۇ. بۇ خىل قىيام ئۈچ ياشلىق بالىلارغا تازا ماس كېلىدۇ.3-5 ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن، 6-8 ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن، 9-12 ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر قېتىمدا ئۈچ قوشۇقتىن ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بۇ قىيام قورساقنى ئاچۇرۇش، ئاشقازاننى كۈچەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
5.ئۈزۈم قىيامى
يېڭى ئۈزۈم ياكى قۇرۇتۇلغان ئۈزۈمدىن بىر نەچچە تالنى يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن سۇغا سېلىپ يېرىم سائەتچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازراق زىرە قوشۇپ داۋاملىق ئون مىنۇتچە قاينىتىلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن بالىغا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ئىككى قوشۇقتىن ئىچكۈزسە ئىشتىھاسى ياخشىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاشقازاننى ياخشىلاش رولى بار.