ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىن باشلاپ گازاغا قىلغان كەڭ -كولەملىك ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن 300دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ شەھىد بولغانلىقىغا ۋە 1000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارلانغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئامما كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلدى.
نامايىش قىلغۇچىلار قانداق ئىرىق ياكى ئىدولوگىيىگە تەۋە بولىسۇن قاھىرەنى گازادىن مىسىرغا ئبتىدىغان يولنى ئىتىۋلىپ2007-يىل يانۋاردىن بۇيان گازانى قورشىۋالغان ئىسرائىلىيەگە ھەمكارلاشتى دەپ ئەيىپلىدى.
مىسىردا 55000دىن ئارتۇق ئامما نامايىش قىلماقتا
ئىسرائىلىيە ئارمىيسى <<شىددەتلىك ئوق>> دەپ ئاتىغان بۇ گازاغا ھۇجۇم قىلىش ھەركىتىگە قارتا مىسىر خەلقى كەڭ-كۆلەمدە نامايىش قىلدى. مىسىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاسىيۇت ئۆلكىسىدىكى نامايىشچىلار سانى بەكمۇ كوپ بولۇپ8000دىن ئاشاتتى ،يەنە بىر ئۆلكە بولغان مىنىيا ئولكىسىدىمۇ نامايىشچىلار 3000دىن ئىشىپ كەتكەن. مىسىرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئىسكەندەرىيە ئولكىسىدكى نامايىشچىلار 4000ئەتراپىدا بولغان.
بارلىق نامايىش قىلغۇچىلار قاھىرە ھۆكۈمىتىدىن ئىسرائىلىيە ئەلچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان ھەم ئىسرائىلىيە بايرىقىنى كويدۈرۈپ تاشلىغان.
ئەزھەردىكى 3000غا يىقىن قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار مۇ نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئەبۇلغەيتنى ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان .
قاھىرە ئۇنۋىرسىتىدىكى 8000غايىقىن ئوقۇغۇچىمۇ ئابدۇ شەمىس ئۇنۋىرسىتىدىكى 5000يىقىن ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش نامايىش قىلغان.
مەنبە::
http://www.islamonline.net/servlet/Satellite?c=ArticleA_C&cid=%201230490491436&pagename=Zone-Arabic-News/NWALayout