ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 1365 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: مۇرەككەپ بومباي دۇنيانى گاڭگىرىتىپ قويدى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

manggutax
مەڭگۈتاش
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 1362
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1716
شۆھرەت: 1804 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1932 سوم
تۆھپە: 68 نۇمۇر
ياخشى باھا: 63 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1301(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

 مۇرەككەپ بومباي دۇنيانى گاڭگىرىتىپ قويدى

tilek
مۇرەككەپ بومباي دۇنيانى گاڭگىرىتىپ قويدى


      بومبايدا دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھەممىسى بار، شۇنداقلا مۇھىم دىنلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە دىن تارقىتىش سورۇنلىرى بار، ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ يەردە دىنىي ياكى ئىرقىي توقۇنۇش بولۇپ باقمىغانىدى. تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە: ھىندىستاننىڭ «سودا پايتەختى» بومباي ئەمدى «ئىبلىس شەھىرى» گە ئايلىنىدۇ، دېيىلدى.

«ھىندىستاندىكى قوينى ئەڭ كەڭ شەھەر»


   ئەنگلىيىدىكى «يەكشەنبىلىك پېشۋالار»گېزىتىنىڭ 7 – دېكابىردىكى خەۋىرىدە: تېررورلۇق ھۇجۇمى ھىندىستاننىڭ بۇ «پۇل مۇئامىلە ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى» نى ئۈچ كۈن بېكىنمە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، «بومباي تىرىشىپ – تىرمىشىپ نورمال ھالىتىگە قايتماقتا»، دېيىلدى. تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان «تاجماھال» مېھمانخانىسىغا 100 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان لېئوپورد قەھۋەخانىسى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ناھايىتى ياقتۇرىدىغان 100 يىللىق تارىخقا ئىگە جاي. بۇ گېزىتنىڭ مۇخبىرى يېقىندا تېررورچىلار ھەدەپ ئادەم ئۆلتۈرگەن بۇ جايغا كەلگىنىدە، خېرىدارنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەيران قالغان. ئۇ خەۋىرىدە چەت ئەللىك ساياھەتچىنىڭ: مەن ئەسلىي قەھۋەخانىنىڭ تەڭ يېرىمى بوش دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما بۇ يەرگە كىرىپ ئۆچىرەتتە تۇرىدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىمەن، دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى.
    شۇ جايدىكى بىر جۇڭگولۇق مۇخبىرىمىزغا: چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ياكى ساياھەتچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇمى يەرلىكلەرگە ھېچقانچە ئازاب كەلتۈرمىگەندەك قىلىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بومباي ھازىر ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئەڭ ئاۋات توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈش مەزگىلىگە كىرىپتۇ، نۇرغۇن جايغا گۈل بىلەن بېزەلگەن لەمپىلەر تىكىلىپ، يەرلىكلەر رەڭگارەڭ كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىشىپ، لەمپە ئاستىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋېتىپتۇ.
   بومباي ھىندىستاندىكى «قوينى ئەڭ كەڭ شەھەر» دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ «ئىرق ۋە دىن مۇزېيى» دېگەن نامى بار. بومبايدا تەخمىنەن 60 نەچچە دۆلەتنىڭ مۇھاجىرلىرى  ياشايدۇ، بۇ يەردە ھىندى دىنى، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، چىنا دىنى، يەھۇدىي دىنى، مەجۇسى دىنى، كامالەت دىنى، شىك دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىق دۇنيادىكى بارلىق دىننىڭ مۇرىتلىرى بار. بۇ دىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى ۋە ئىگىسىگە چوقۇنىدۇ. بومباي سودا مەركىزى بولغاچقا، ھىندىستاننىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلغان. ھىندىستاندىكى بەزى جەمئىيەتشۇناسلار مۇنداق قارىدى: ھازىرقى بومبايلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېقىنقى 200 – 300 يىلدىن بۇيان دۇنيا ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ خوجايىن سۈپىتىدە باشقىلارنى چەتكە قېقىش سالاھىيىتى يوق ھەم ئۇنداق قىلالمايدۇ. بومباينىڭ قىسقىغىنە نەچچە يۈز يىل ئىچىدە ئادەتتىكى مەھەللىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ شەھەرگە ئايلىنىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن. مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ياكى چەت ئەللىك بولسۇن، مەيلى نامراتلار بولسۇن ياكى بايلار بولسۇن، بۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەردە ئۆز ئورنىنى تاپالايدۇ.

ئۆي ئىجارىسى پارىژدىكىدىنمۇ يۇقىرى


«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ئىستېمال كۆرسەتكۈچىدە بومباي ھەمىشە 1 – ئورۇندا تۇرىدىكەن. مەيلى كۆكتات، مېۋە – چېۋە، قازان – قۇمۇچ، چىنە – قاچا بولسۇن ياكى مېھمانخانا قاتارلىقلارنىڭ بولسۇن، بومبايدىكى باھاسى جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا شەھەرلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرىكەن. جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر نەچچە ئاساسلىق شەھەرنى ساياھەت قىلغان شياڭگاڭلىق ساياھەتچى مۇخبىرىمىزغا: بومبايدا مال باھاسى ھەيران قالغۇدەك يۇقىرى ئىكەن، جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا شەھەرلەردىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئاسىيادىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، دېدى. «ھىندىستان ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇجايدىكى ئۆي – زېمىن شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بومبايدىكى مەركىزىي سودا رايونىنىڭ ئىجارىسى دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەردىكى 176 بازار ئىچىدە 7 – ئورۇندا تۇرىدىكەن، ھەر بىر كۋادرات فۇد (تەخمىنەن 0.09 كۋادرات مېتىرغا تەڭ) يەرنىڭ يىللىق ئىجارە تەننەرخى 106.09 دوللار بولۇپ، پارىژنىڭ 54 105. دوللارلىق ئىجارە تەننەرخىدىنمۇ ئۆرە ئىكەن. ئىجارە تەننەرخى ئىجارە ھەققى، يەرلىك باج ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بىر دوستى بومباينىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى خېلى ئاۋات جايدىن 70 كۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋېتىپتۇ، بۇ ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارىسى 200 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 4000 دوللارغا تەڭ) بولۇپ، ھېچقانداق بېزەلمىگەن ئىكەن.
   ئەگەر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بومباي ئايروپورتىغا قونماقچى بولسىڭىز، سىزنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى دېرىزىدىن كۆرۈنگەن ئېگىز بىنالار بولماستىن، بەلكى، ئايروپورت ئەتراپىدىكى قارىيىپ تۇرغان، تۇتاش كەتكەن، نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان نامراتلار مەھەللىسى بولىدۇ. «ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسى» دەپ نام ئالغان بۇ جايغا 5 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 1300 كىشىگە بىردىن كوچا ئاپتوبۇسى، ھەر 1000كىشىگە بىردىن ھاجەتخانا توغرا كېلىدۇ. ب د ت بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، نامراتلار مەھەللىسىدىكىلەر سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بومبايدىكى بۇ «شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى كەنت» نىڭ نوپۇسى نورۋېگىيىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بومبايغا نىسبەتەن كۆتۈرگۈسىز يۈك بولۇپ، نامراتلار مەھەللىسى جىنايەتچىلەرنىڭ جەننىتى ئىكەن، يىلدا 3000 دىن ئارتۇق دېلو سادىر بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينى قارا جەمئىيەت كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان رايونغا ئايلىنىپتۇ. ئەمما بومبايلىقلار سىرتتىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا نامراتلار مەھەللىسىنى تىلغا ئالمايدىكەن. بومباي  شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ نامراتلار مەھەللىسىنى چاقماقچى بولغان بولسىمۇ، نامراتلار مەھەللىسىدىكى ئاھالە كىشىنى چۆچۈتكۈدەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردىكىلەر چېقىشقا قاتتىق نارازى بولغاچقا، قۇرۇلۇش ناھايىتى تەسكە توختىغان. ئۇلار: گەرچە نامراتلار مەھەللىسىدە ئولتۇرساقمۇ، بىز ھامان بۇ يەرنىڭ خوجايىنى، دەيدىكەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
http://www.menggutax.com تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ~!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-29 13:52 |
艾斯卡尔
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 10283
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 954
شۆھرەت: 1002 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12059 سوم
تۆھپە: 57 نۇمۇر
ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 319(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

ھىندىستاننىڭ «سودا پايتەختى» بومباي ئەمدى «ئىبلىس شەھىرى» گە ئايلىنىدۇ، دېيىلدى.

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 14:10 |
Malik
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 65994
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 172
شۆھرەت: 172 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2430 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

نىمانداق....قالايمىقان.................................................

ئەزىز بوۋاق
مەن ئەڭ ئېسىل.....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 14:19 |
Martian
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 64311
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 490
شۆھرەت: 521 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8925 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 297(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

چوڭ شەھەردە ئۇ، ھەم ھىندىستاندىكى دىنلارنىڭ كۆپلىكى ۋە مۇرەككەپلىكى...خۇدا ساقلىسۇن..

ھەقىقىي مىسۋاك
ئانا تىل كۆزدۇر، ئۆزگە تىل كۆزئەينەك.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 14:41 |
najmela
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 57336
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 665
شۆھرەت: 666 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6564 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 281(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

بۇ نىمىش بوپ كەتتى ئەمدى  

ئەزىز بوۋاق
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 16:00 |
taqu_tuqu
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67329
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

 

      شىنجاڭدا بۇنداق سودا يۈرۈشكەن ئاۋات شەھەرلەردە توپلۇشۇپ ئولتۇراقلشقان يەرلىكلەر بولسا،سودا ساراي سالمىز دىگەن بانادا،يەرلىكلەرنى مەجبۇرى كۈچۈرۈپ تارقاقلاشتۇراتتى.

ئەزىز بوۋاق
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 16:10 |
MYLOV
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 64142
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 179
شۆھرەت: 180 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 729 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

نىمانداق قالايمىقان شەھەر بۇ؟    بىزنىڭ شەھەرلەر كۆپ تۈزەگلىككەن جۇمۇ بۇنىڭغا قارىغاندا.

ئەزىز بوۋاق
تىرىشسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ~!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 18:09 |
ABD123
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 24752
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 575
شۆھرەت: 676 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 352(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

بۇزۇقچىلىق ئەۋج ئالغان شەھەر    

ئەزىز بوۋاق
ئۆزىنى يېڭەلىگەن ئادەم،
ئۆزگىنى يېڭەلەيدۇ.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 20:14 |
yaz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 31710
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 53 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 494 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

ئۆتكەندە بىر خەنزۇ تىلىدىكى ژۇرنالدا ھىندىستاندىكى ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بەرگەن ئۇقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئاڭ ياخشىلىرىلا ھىندىستاندىكى ئالى مەكتەپلەرگە كىرەلەيدىكەن ،كىرەلمىگەنلىرى ئاندىن ئەنگىلىيە،ياكى ئامىرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرگە بىرىپ ئۇقۇيدىكەن.توۋا دەپقاپتىكەنمەن ئەمما،لىكىن ھىندىستاندا ئۇقۇش پۇلى ھەددىدىن زىيادە ئەرزانمىش،ئالى مەكتەپنىڭ بىر يىللىق ياتاق پۇلۇ بىزنىڭ پۇلىمىزغا تەخمىنەن8.7يون،

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 20:26 |
musapir1
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 66807
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 440 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

بەكلا قالايمىقانكەن    بىزنىڭ يەرلە   يانىلا  ياخشى  ھە

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
ئادىل ئابلەت مۇساپىر
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 17:58 |
musapir1
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 66807
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 440 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

بەكلا قالايمىقانكەن    بىزنىڭ يەرلە   يانىلا  ياخشى  ھە

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
ئادىل ئابلەت مۇساپىر
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 17:59 |
pichak
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 66407
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 111
شۆھرەت: 111 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

تىرورچىلارنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولسۇن، ئامىن

ئەزىز بوۋاق
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 18:12 |
karakurumarkisi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69598
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

اللە بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزنىڭ شۇنداق بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىغايسەن

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 18:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » جاھاندىكى ئىشلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-30 20:35, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ