ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 173 ـ ئوقۇرمىنى
eslamiya
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 69 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

 ھەسرەتلىك پىچىرلاشلار

tilek
   كۈمشئاي،بىلەمسەن؟..............بىلمەمسەنكى،شۇتاپ بەكمۇ بىئاراملىق ئىچىدە قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم،ئالدىمدا تۇرغان خەتلىرىڭ خۇددى قاپقارا كۆزلىرىڭدىن ياش تۆكۈلۈپ ھەسرەتلىك پىچىرلاۋاتقاندەك تويۇلۇپ ،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئوت بولۇپ كۆيمەكتە.....نىمەبولدۇم؟بۇ سۇئال مېنىڭ ئادەت سۆزۈمگە ئايلىنىپ قالدى.شۇنداق ،دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم ماڭا ئوخشاش ئۆزىنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكتەك ساراڭلىق كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالمىسۇن..........كۈمۈش،مۇشۇ كۈنلەردە قويغان-تۇتقىنىمنى بىلمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم.ئېسىڭدىمۇ،بىز ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا بىرقىتىم سەن بىرنەچچە قىز ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن ياتاققا كىتىۋاتقىنىڭدا،مەن سىنىپقا كىتىۋاتاتتىم.بىز ئۇدۇل كەلگەندە،مەن:<<نەگەماڭدىڭلار؟>>دىسەم سەن ئالدىراپلا:<<سىنىپقا>>دەپ جاۋاپ بەردىڭ،قىزلار پاراققىدە كۈلدى،مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم،سەن قىزاردىڭ، قىزلاردىن بىرى:<<كۈمۈش مەكتەپنى ساق سالامەت پۈتتۈرۋالايلى،تۆتىنجى دوختۇرخانىغا ياتاق ئىزدەپ بارمايلى يەنە>>دېسە،يەنەبىرى:<<بولدى كۈمۈشنىمۇ توغرا چۈشىنىڭلار،چۈكى ئىجاد تۇيۇقسىز ئۇچراپ ئۇنى ھۇدۇقتۇرۋەتتى>>قىزلار قاقاقلاپ كۈلۈشتى.......ئاھ،شۇ قوڭغۇراقتەك خۇشال كۈلكىلەر...نىمە دىگەن كۆڭۈللۈك كۈنلەر ئىدى ھە!ھازىر مەن شۇ ساراڭلار دوختۇر خانىسىغا كىتىپ قالارمەنمىكىن ،دەپ ئەنسىرەيدىغان بۇلۇپ قالدىم.ئەنە مەن جېنىغا زامىن بولغان دوستۇم ئەنۋەرنىڭ قۇلىدا رومكاتۇتۇپ تۇرۇپ:<<دوستۇم ئىجات.....بىز كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولدۇق، مانا بۇ نىفىت دىيارى مايتاغقىمۇبىرگە كىلىپ ئۇقۇدۇق.ئۇقۇش جەريانىدا ناھايتى ئىناق دوستلاردىن بولدۇق.بۇجەرياندا سىنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرىڭ ئاز ئەمەس.....مەن بۇياخشىلىقىڭنى مەڭگۈ ئۇنتىيالمايمەن....رەھىمسىز تەغدىر  بۇگۈندىن ئىتبارەن بىزنى  ئايرىۋەتتى،بىراق بىز قەيەرگىلا كىتەيلى........دوستلۇق ،ساۋاقداشلىق،مۇھەببىتىمىزنىڭ مەڭگۈ يالقۇنجىشى ئۈچۈن قۇلۇمدىكى بۇ دوستلۇق شارابىنى ساڭا تۇتتۇم>>دانە دانە سۆزلىرى ئۈچ يىلدىن بۇيان قۇلاق تۈۋۈمدە،تۇلاجاراڭلاپ مىنى ساراڭ قىلۋىتەي دەپ قالدى.بىلمەن،كۈمۈش سەن مىنىڭ بۇكۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەرنى ئەستىن چىقىرۋىتىشىمنى تىلەيسەن،بىراق مەن...........بىرياخشى دوستۇمنىڭ بىر ياراملىق بىلىم ئەھلىنىڭ ياش جىنىغا ھاراق سەۋەبىدىن زامىن بولغان تۇرسام....ئاھ خۇدا!!ئاشۇ كۈنى مەن دوستۇم ئەنۋەرنىڭ قۇلىدىكى ھاراقنى ئچىپ بۇلۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسامچۇ؟ياق،يەنەبولمايتتى...ئۇكۈندىكى ئولتۇرۇش باشقا جايلارغا تەقسىم قىلىنغان ساۋاقداشلارنى ئۇزۇتۇش ئولتۇرۇشى ،كۆزياشلىرمىزنى ھاراققا قۇشۇپ ئچىدىغان كۈن تۇرسا،مەن قانداقمۇ قەدىردان ساۋاقداشلىرىمدىن ئايرىلىپ چىقىپ كىتەلەيتتىم؟سورۇن باشقۇرغۇچىسى تۇرۇپ ھاراقنى نىمانچىۋالا كۆپ ئچكەن بولغۇيدۇم؟بۇنۇڭغا نىمە ئامال؟بىزگە تۇز بەرگەن مايتاغدىن ،بىلىم بەرگەن تېخنىك ئشچىلار مەكتىپىدىن،ئۇستازلاردىن،ساۋاقداشلاردىن ،ئايرىلىپ تەقسىمات بۇيىچە تەرەپ تەرەپكە كىتىدىغان دوستلىرمىزنىڭ ئايرىلىش،ئۇنتۇماسلىق،ئەپۇ سوراش...بەخىت تىلەشتەك ھەرخىل تىلەكلەر بىلەن سۇنغان رومكىللىرنى قانداقمۇ ياندۇرغۇلى بولسۇن؟....شۇتاپ بىر بىرگە سۇقۇلغان رومكا ئاۋازى يەنەجاراڭلىغاندەك بۇلۇپ مىڭىللىرىم زىڭىلداپ كىتىۋاتىدۇ......بىرچاغدا كۆزلىرىمنى ئاچقىنىمدا ئۆزۈم نازارەت ئاستىدا ......دوستۇم ئاللىقاچان بۇ دۇنيا ،سەن ۋە مەن ھەممە نەرسە بىلەن ئۈنسىز....ئامالسىز ۋىدالىشىپ بولغان ئىكەن.............مەن شۇ مىنۇتتىلا خۇدادىن ئۆزىمگە ئۈلۈم تىللىدىم.بىراق،خۇدا مەندەك بىر قاتىلنىڭ تىلىگىنى يەردە قۇيۇپ،سىلەرگە مىنى كۆرسەتتى.ئاپام-دادام ،ساۋاقداشلار.....يۈرۈگۈم چىدىغۇسىز پۇشايمان ۋە ئازاپتا ئۆرتىنىۋاتقان بولسىمۇ، كۆزۈمدىن بىرتامچىمۇ ياش ئاققۇزمۇدۇم.قىلغۇلۇقنى قىلىپ بۇلۇپ ياش تۈكۈش مەن ئۈچۈن نۇمۇس ئدى.بۇلۇپمۇ  ئەنۋەرنىڭ روھى ۋە ئاتا-ئانىسى ئالدىدا ياش تۆكۈش نۇمۇس قىلماي شەپقەت تىلگەندەك بىر ئىش..........مەن مەستلىكىمگە تايىنىپ ،رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلارنىڭ يۈرەك پارىسىنىڭ جىنىغا زامىن بولغاندىن كىيىن ،ھازىرلا ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىشىم كىرەك ئىدى.بىراق،ئۇلار ماڭا  يەنىلا ياخشىلىق ئارقىلىق جازالىدى.مىنى ئاتقۇزمىدى،مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى،تىرىك قېلىپ ئازاپلىنىش ئۈلۈمدىنمۇ يامان ئكەن.شۇكۈنلەردە سىنىڭ ۋە ساۋاقداشلارنىڭ مەدەت بىرىشى بولمۇغان بولسا...........مەن قانداق قىلاتتىمكىن........كۈمۈش سەن بۇجەرياندا  مەندىنمۇ بەك ئازاپ چەكتىڭ،چارچىدىڭ،دەم ئېلىش،ھېيت-بايراملاردا ئۆيۈڭگە قايتماي مىنى يوقلاپ تۇردۇڭ ،بىر جىنايەتچى ئۈچۈن تۈرمە بىلەن مايتاغ ئارلىقىدىكى يوللاردا قانچىلىغان كۆز ياشلىرىڭ ۋە ئاياغ ئزلىرىڭ قالدىكىن؟بۇنى ھىساپلاپ چىققىلى بولمايدۇ.شۇنداق جاپادا ئۈچ يىلنى تۈگەتكەندە ،مىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازايىم مۇددەتلىك20يىللىق ئۆزگەرتىلدى.كۈمۈش ،بۇدۇنيادا ياشاشقا رايى قالمىغان بىرجىنايەتچى ئۈچۈن لىۋىنى چىشلەپ ياخشى ئشلەپ.تۈرمەئچىدە خىزمەت كۆرسىتەلىشى نىمە سەۋەپتىن بىلەمسەن؟بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا بولغان مۇھەببەتتىن،سىنىڭ مۇھەببىتىڭ مىنى يەنە ياشاشقا ئۈندىدى،مىنى ئەپۇ قىلدى.......كۈمۈش،ئويلىسام يەنە ئالدىمدا كۆز يەتكۈسىز20يىل باركەن،ئويلىدىڭمۇ؟بۇبىر ئادەمنىڭ يېرىم ئۆمرى......مەن شۇلارنى ئويلىسام سەن ئۈچۈن ئازاپلىنىدىغان بۇلۇپقالدىم،ماڭا قارا كۈمۈشۈم،مۇشۇ ئۈچ يىل داۋامىدا قىلغان ياردىمىڭ ،كۈتۈشلىرىڭ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ ئۆلمەس خاتىرىسى بۇلۇپ قالسۇن.................سەن دىگەندەك ئەخمىقانە قاراش ياكى <<كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق>>ئەمەس.بىلسەڭ ئادەم قانچە يىراق بولسا بىر-بىرگە شۇنچە قەدىرلىك بىلىنىدىكەن.بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ساپ دوسلۇقتىن باشلانغان چىن مۇھەببەت ئدى.بىز نۇرغۇن ئايدىڭ كىچىلەردە،قارلىق كىچىلەردە ،يامغۇردىن كىيىنكى مايتاغنىڭ پاكىز ئازادە سىموت يوللىرنى بىرگە ئايلانغان.شۇجەرياندا كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنىڭ چىرتىيوژىنىمۇ سىزىپ قويغان ئدۇق..........ئوھوي،ئۇنىمۇ دىگەن غەمسىز،بەختىلىك چاغلارئدى-ھە؟شۇڭا، بىز ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ يەنىلا بىزگە بىلىم بىرىپ تەربىيلىگەن مۇشۇ نىفىت دىيارىدا يىلتىز تارتماقچى بولغاندۇق............ئەپسۇس مەن ئەشۇنداق پارلاق بەختىمىزنىڭ قاتىلى بولدۇم........شۇ قىلمىشىم ئۈچۈن  ئۆز ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن.دۇنيا كۆزۈمگە قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ.سەن يامغۇردىن كىيىنكى ھاۋادا كوچا ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتىڭ،يامغۇر ياققاندا سىنى ئاشۇ تۇنۇش كۇچىلاردا يالغۇز ھالەتتە ئەسلەيمەن.....ماڭا قارغىنا كۈمۈش،ياق كۆزلىرىڭدىن ياش تۆكمە!سىنى بەك ياخشى كۆرگۈنۈم ئۈچۈن ،سەن بىلەن بولغان ئالاقەمنى پۈتۈنلەي ئۈزمەكچى بۇلۇۋاتىمەن.ئاتا-ئاناڭ ۋە جەمىيەت ئالدىدا بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدىڭ،سىنى بۇنداق ئازاپلاشقا مىنىڭ  ھەققىم يوق!مەن سەندىن كۆپ مىننەتدار............مىنىڭ سەۋەبىمدىن بەخىتسىز بۇلۇپ قېلشىڭ مەن ئۈچۈن مىڭ باراۋەر بەخىتسىزلىك...كۈمۈش سەن توي قىلۋال،بەخىتلىك بىر ئائلىگە ئىگەبۇلۇپ..............ئانا بولساڭ مىنى ۋە شۇ كۆڭۈللۇك كۆڭۈلسىز ئشلارنى ئۇنتۇپ كىتەلەيسەن.سەن ھازىر ساددابىر ھىسياتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن،كىنودىكى مۇھەببەتداشلارنىڭ ئش-ئزلىرىنى كۆرۈپ شۇنداق قىلۋاتسەن.بىراق، يىللار ئۇزارغانسىرى،دوسلىرىڭنىڭ ئناق ئائلىسى،ئۇماق باللىرى بىلەن بەختىيار ياشىغىننى كۆرگىنىڭدە ،سەن غىرىپسىنىپ ،ئغىر ئۇھ تارتىپ،مىنى كۈتكىنىڭ ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ قالارسەنمىكن ؟سەن شۇلارنى ئويلىدىڭمۇ،كۈمۈش؟شۇنۇڭ ئۈچۈن بىز دوستلارچە چىن مىھرىمىز بىلەن بىر-بىرمىزنى ئۇنۇتايلى،بارلىق ئارمانلىرىمىز بىلەن ئەبەدى خوشلىشايلى.بىرگە ئيتقان ناخشىلار،بىرگە ماڭغان كۇچىلار،بىرگە كۈلگەن كۈلكىلەر،ئەڭ ئاخىردىكى ئازاپلىق يىغىلار...........ھەممىسى ياشلىقنىڭ گۈزەل،ئۇنتۇلماس خاتىرىسى بۇلۇپقالسۇن!كۈمۈش،غەيرەتلىك بول،كۈزۈڭدىن ياش تۆكمەي،مەن ئامراق ھېلىقى ياڭراق ئاۋازىڭ بىلەن كۈل!ساڭا بەخىت تىلەپ يارماس ساۋاقدىشىڭ:ئىجات ئىلياستىن1993-يىلى ئاۋغۇست تۈرمە.



    سالام ئىجات،خىتىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،ئەتراپىم بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەندەك خوش بولغان ئدىم.خىتىڭنى كۆرۈپ بۇلۇپ تەبىئەت بىلەن تەڭ ياش تۆكتىم،ھەسرىتىمنى بېسىش ئۈچۈن يامغۇردا يالغۇزئايلانغاچ ئۇزاق ئويلاندىم.يۈركۈمنى قۇلۇم بىلەن تۇتۇپ باقتىم .خاتىرجەم بول!مەندىكى بۇ مۇھەببەت سەن دىگەندەك ھەرگۈزمۇ ساددا ھىسيات ،رومانتىك قاراش ياكى باشقىلارنى دوراش ئەمەس، بەلكى يۈرۈكۈمدىكى تۇنجى قىتىم ئۇرغۇپ چىققان ،چىن مۇھەببەت:سەنمۇ مىنىڭ ھەسرەتلىك پىچىرلاشلىرىمغا قۇلاق سال ئىجات،ئيتىپ تۈگەتكۈسز ھەسرەتلىك پىچىرلاشلار مىنىڭ ھالىمنى قويمىدى،بۇ ئايرىلىشنىڭ ماڭا قانچىلىك ئېغىر كەلگىننى بىلەمسەن؟مۇشۇ كۈنلەردە بارلىق ئەسلىمىللىرم ئچىدە سىنى ئەسلەشتەك كۆڭۈللۈك ئەسلىمە ،خىياللىرىم ئچىدە كەلگۈسىمىزنى خىيال قىلىشتەك تاتلىق خىيال،ئازاپلىرىم ئچىدە بىزنىڭ مۇشۇ  رىئاللىقىمىزدەك ئېغىر ئازاپ يوق.ئجات،سەن شۇنچە چوڭ بەختىسىزلىك ئالدىدا ئۆزىڭنى يۇقۇتۇپ قويمۇدۇڭ،يەنىلا دادىللىق بىلەن ئۆز خاتالىقىڭنى تۇنۇپ تىرىشىپ ئشلىدىڭ،يەنە تېخى ئۇقۇۋاتسەن.دۇنيادا خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق،مۇھىمى ئۇنى تۈزتىشتە،ئىجات ،ئادەم توي قىلىش شەرتى تۇشىدىغان بىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ  بىر ئائىلىگە كىرسىلا ،بەخىتلىك بۇلدۇ دەپ قارامسەن،ئۇنداق قۇشۇلۇش ،ئەۋلاد قالدۇرۇش ھايۋانلاردىمۇ بارغۇ؟ئادەم دىگەن توينى رەسمىيەت ياكى مەجبۇريەت ئۈچۈن ئەمەس،كۆڭۈلدىكى بىرسى بىلەن بىر ئۆمۈرھەياتنىڭ ئۇزۇن مۇساپىسىنى بىسىپ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچىكىنى  بىرگە تېتىش ئۈچۈن قىلدۇ،مەن چاچلىرىم ئاقىرىپ مۇماي ھالەتكە  يىتىپ قالساممۇ،سىنى خۇشاللىق بىلەن كۈتىمەن.ئشەنگىن،بىز گۈزەل كەلگۈسىدە بىر ئائلدە ئناق ياشاپ ،بەخىتلىك كۈلىمىز.
   ئىجات،مەندىن ھەرگۈز ئەنسىرمە،مەن كۈلۈپ ياشاۋاتىمەن،مىنىڭ قىزلىق غۇرورۇم،ئرادەم ۋە مەغرۇرلۇقۇم مىنى كۆزياشلىرىمنى دەرت-ئەلەملىرىمنى يۇشۇرۇپ كۈلۈپ ياشاشقا مەدەت بېرۋاتىدۇ،ئجات،ئەمدى سەن ئۆتكەن ئشلارنى ئويلىماي ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!پارلاق كەلگۈسى بىزنى كۈتمەكتە،بىز ھامان بىر كۈنى بەختىيار سەزگۈلىرمىز ۋە ئۇتۇقلىرمىزبىلەن ئۇچرىشىمىز.....بىز ئۇچراشقاندا يىغلىماي كۈلىمىز........بەخىت ئرادىلىك ئادەملەرگىلا مەنسۇپ بۇلدۇ.
   ئىجات ،مەن ئالدىمىزدىكى قۇربان ھېيتتا ئەنۋەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتىمەن،ھېيتتىن كىيىن ساڭا ئۇلارنىڭ خەۋېرىنى ئېلىپ بارمەن.خەير،ساڭا ئاللادىن ئامانلىق تىلەپ :كۈمۈشۈڭ.1993-يىلى سىنتەبىر مايتاغ.

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-29, 03:29

 

ئەزىز بوۋاق
مەن جاللات-خېنىم ..
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-29 08:21 |
سەرۋەر
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69338
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

نىمىدىگەن ساداقەتمەن-ھە! بۇنداق مۇھەببەت ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ؟ مەن ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم  

ئەزىز بوۋاق
ئويغان ئۇيغۇرۇم
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 11:51 |
kumbah
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2073
شۆھرەت: 96517 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 480 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 801(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

شۇڭا دەيمىز ،مەسلىك نەسلىك دەپ.

ئەزىز بوۋاق
ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 12:01 |
nazakat29
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 36591
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 924
شۆھرەت: 954 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9300 سوم
تۆھپە: 55 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

    كۈتۈش  بەكمۇ ئازاپلىق ! بۇنى بىرىنى قەلبىدە ئۈنسىز كۈتكەن ئادەملا ھىس قىلالايدۇ.....

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 12:02 |
arzul01
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 32517
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 908
شۆھرەت: 924 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 27665 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1318(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

مەسلىك __ نەسلىك، پەسلىك.

ھەقىقىي مىسۋاك
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 12:41 |
KAPSIZ-KIZ
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67961
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 91
شۆھرەت: 91 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 890 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

دۇنيادا  مۇشۇنداق  مۇھەببەتمۇ   بارمىدۇ؟
تېما   ئېگىسىگە   رەخمەت.

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 16:08 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-30 20:34, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ