ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1602 ـ ئوقۇرمىنى
zulkarjan
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9410
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 146 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1260 سوم
تۆھپە: 17 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 219(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 [زۇلقەر] قاردىكى  ئايرىلىش (ھىكايە )

tilek
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2008-12-29)دە نادىرلاندى
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
ئۇشبۇ ھىكايە شىئەندىكى <غەربى شىمال سانائەت ئۇنۋىرسىتىتى>  ئىتتىپاق ياچىكىسى چىقارغان ئۇيغۇرچە گېزىتكە بېسىلغان ،لېكىن گېزىت پەقەت بىرسانلا چىقىرىلغان بولغاچقا ، ھىكايىنىڭ ئاخىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەنىدى ، ئەمدى مۇنبىرىمىز ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى لايىق تاپتىم،«تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن» بەك كېچىكىپ كەتتى ،توغرا چۈشىنەرسىلەر ....

____________________________________________________





قاردىكى ئايرىلىش.
(ھېكايە)
زۇلقەر ھۈسەيىن شەررارى


تونۇش ئاياق ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى.قار ئاياق ئاستىدا ئېزىلگەندە چىقارغان غارسىلدىغان ئاۋاز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تونۇش بىلىنمەكتە.ئاياغ ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ توختىدى.ئۇ بېشىنى ئىككى قولى بىلەن قاماللىغىنچە  مۇز قاتقان دەرياغا قاراپ مىدىرلىماي ئولتۇراتتى.قىزنىڭ ئارقا تەرەپتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى بىلدى،لېكىن ئارقىسىغا ئۆرۈلمىدى.قىز سۈكۈت ئىچىدە خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن،ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
_سەردار......
ئۇ بېشىنى ئاستا كۆتۈردى.ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىششىپ قىزارغان،بەلكىم ئۇيقۇسىزلىقتىن بولسا كېرەك،چىرايىدىن ھارغىنلىق،مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى.ئۇ نۇرسىز كۆزلىرىنى قىزغا تىكتى.قىزنىڭ ئاپئاق ئوماق يۈزلىرى تاتارغان،ئىلگىرى ئويناقلاپ تۇرىدىغان قوي كۆزلىرى ئۇنىڭ تىكىلىشىگە بەرداشلىق بېرىپ ھېسسىياتسىز،ئىپادىسىز ھالدا قاراپ تۇراتتى.ئۇلار شۇ ھالەتتە خۇددى ناتونۇش ئادەملەردەك ياكى ئۈنسىز پىچىرلىشىۋاتقاندەك بىر-بىرىگە خېلى ئۇزاق قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى:
_قارارىڭىزنى ئۆزگەرتتىڭىزمۇ؟_بۇ ئاۋاز خۇددى يەرنىڭ ئاستىدىن  كېلىۋاتقاندەك بوش ۋە جانسىز ئاڭلىناتتى..
_سەردار،بۈگۈن  سىز بىلەن خوشلاشقىلى كەلدىم.
_سىز،......_  سەردارنىڭ بېشى يەنە چۈشۈپ كەتتى.
_شۇنداق،مەن......_دېدى قىز،_سىز بىلەن خوشلاشقىلى كەلدىم.قارىماققا قىز بۇ سۆزنى قەتئىي نىيەتتە ئېيتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
_ئەجىبا سىز ھەممىدىن ۋاز كەچمەكچىمۇ؟قىلىشقان ۋەدىلىرىمىز،پىلانلىرىمىز،شۇنچە كۆڭۈللۈك ئۆتكەن كۈنلىرىمىز،يەنە دوستلىرىمىزنىڭ بىزگە تىلىگەن تىلەكلىرى......سىز بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كەچمەكچىمۇ؟؟؟_ئۇ ۋارقىرىۋەتتى.
قىز ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورققاندەك دەرھال يانغا قارىۋالدىيۇ،يەنە تېزلا بايىقى ئەسلىگە كەلدى،قىزنىڭ كۆزلىرىدىن بايىقىدىنمۇ بەكرەك قەتئىيلىك چاقناپ تۇراتتى.
_شۇنداق،مەن سىزگە ھەممىنى دەپ بولدۇم،ئەمدى يەنە سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ئورنى يوق،مەن كەتتىم ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!-قىز كەينىگەبۇرۇلۇپ بىر قەدەم مېڭىپ  توختاپ بوينىدىكى شارپىنى يەشتىدە،ئۇنىڭغا سۇندى:
_بۇ سىزدە قالسۇن،_قىزنىڭ شارپىنى سۇنغان قوللىرى بوشلۇقتا توختاپ قالدى.ئۇ كۆزلىرىنى دەرياغا تىككىنىچە مىدىرلىماي ئولتۇراتتى.قىز شارپىنى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا قويۇپ ئارقىغا بۇرۇلغىنىچە كېتىپ قالدى.
_فېرۇزە،......_ئۇ تۇيۇقسىز توۋلىۋەتتى.
قىزنىڭ پۇتلىرى خۇددى بىرسى تارتقاندەك توختاپ بىر دەقىقە تۇرۇپ قالدى.ئارقىدىن يەنە تېزلا مېڭىپ يولىغا راۋان بولدى. غارس -غارس قىلغان ئاياغ  ئاۋاز بارغانسىرى يىراقلاپ كەتتى.
قىزنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن ، ئۇ ئاستا بۇرۇلۇپ  روھى چىقىپ كەتكەندەك ئورۇندۇق ئۈستىدىكى شارپىنى قولىغا ئالدى.بۇ قىزىل شارپا قىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسى بۇلۇپ ئۇلار يېڭىلا مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلىرىداقىزغا سوۋغا قىلغان ئىدى.شۇندىن بۇيان قىز شارپىنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ، ياخشى كۆرۈپ ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.ئەمما بۈگۈن......
سەردار بىلەن فرۇزە بىر-بىرىنى بەك ياخشى كۆرۈشەتتى.ئۇلار مۇشۇ دەريا بويىدا تونۇشقان ۋە مۇشۇ جايدا مۇھەببەتلەشكەن ئىدى.ئۇلارنىڭ دوستلىرى ئۇلارغا ھەۋەس قىلىشاتتى. ئۇلارنى<<خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر >>دەپ تەرىپلىشەتتى.دېمىسىمۇ، ئىككىسى ھەقىقەتەن ماس كەلگەن بىر جۈپلەردىن ئىدى. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان شۇنداق ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتاتتى.يېقىندا تېخى توي قىلىشقىمۇ پۈتۈشۈپ،توينىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈشكەن ئىدى.لېكىن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان فېرۇزە ئۆزگىرىپ باشقىچىلا بىر ئادەم بۇلۇپ قالغان ئىدى.باشتا خىيالچان كەمسۆز بۇلۇپ قالدى،بارا-بارا سەردارغا پوزىتسىيىسىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى.ئالدىنقى  كۈنى  تۇيۇقسىزلا ئايرىلىش تەلىپىنى قويدى.ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك،سەردارغا بۇ بەكمۇ  ئېغىر ئىدى. ئۇ دەسلەپتە قىزنى چاخچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدى،لېكىن قىزنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن چاخچاق قىلغاندەك قىلمايتتى.سەردار سەۋەبىنى سورىسا،پەقەت بىرلا سۆزنى تەكرارلاپ تۇرۇۋالاتتى:
_ئىككىمىز ماس كەلمەيمىز،مەن خاتالىشىپتىكەنمەن ،سىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن .
قىزنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ تېگىگە ئۇ پەقەت يېتەلمىدى.بۈگۈنمۇ ئەسلى قىزنى بۇ يەرگە چاقىرتىپ ئوبدانراق سۆزلىشىپ بېقىشنى ئويلىغان ئىدى.لېكىن بايا كۆرگەندەك  قىز ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمىدى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟....
قىز شۇ كەتكەنچە ئىز دېرىكى بولمىدى ،ھېچكىم ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدى ،سەردار بولسا شۇ كۈندىن باشلاپ
بەكلا چۈشكۈنلىشىپ كەتتى.كۈن بويى ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ بىر نۇقتىغا تىكىلىپلا ئولتۇراتتى.دوستلىرى ئىزدەپ كەلسىمۇ كۆرۈشمەيتتى.بىر تۇرۇپ قىزغا نەپرەتلەنسە،يەنە بىر تۇرۇپ قىزنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغىنىنى بىلمەيتتى. قىز  بىلەن بولغان  ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى.شۇڭا بۇكۈنلەردە ئۇنىڭ كەيپىياتتى بەكلا مۇرەككەپ ئىدى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پوچتىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالدى. ئۇ خەتنى ئىلىپلا بىر يانغا تاشلىماقچى بولغاندا كۆزى كونۋىرت ئۈستىدىكى تونۇش پوچۇركىغا چۈشۈپ قالدى ۋە بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن خەتنى ئېچىپ ئوقۇدى .خەت مۇنداق يېزىلغانىدى:
«...
[/size]______________________________________________________________
داۋامى بار .... داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ...

كەچۈرۈڭلار ، مېنىڭمۇ بىراقلا يېزىپ ئېلان قىلىۋەتكۈم بار ئىدى ،لېكىن خەت باسىدىغان ۋاقتىم چەكلىك ، يەنە كېلىپ بۇرۇن يېزىلغان ئەسلى ۋەقەلىكنى  بىۋاستە ئۆزگەرتىپ يېزىۋاتىمەن ،شۇڭا ساقلىتىپ قويىدىغان بولدۇم .
[ بۇ يازما zulkarjan تەرپىدىن2008-12-29 16:15دە قايت ]

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-28, 15:42

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(layli0317) ئىجادىي ئەسە ..
  • ئەزىز بوۋاق
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-28 23:37 |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3206
    شۆھرەت: 71173 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6884 سوم
    تۆھپە: 145 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1313(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    داۋامىغا ئىنتىزارمەن ، بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . تىزراق يوللاڭ ئاخىرىنى ....

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-28 23:43 |
    aynuram
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 68955
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    داۋامىنى تېزراق يولارسىز......

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 00:33 |
    YURGUM
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67862
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    شۆھرەت: 28 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 280 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    داۋامىنى تېزراق يوللاڭە

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 10:17 |
    nazakat29
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36591
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 924
    شۆھرەت: 954 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9300 سوم
    تۆھپە: 55 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 279(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

         داۋامىغا تەشنامەن ! تېزرەك يوللىۋېتەرسىز.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 10:30 |
    xjaks
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 63866
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 137
    شۆھرەت: 638 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 721 سوم
    تۆھپە: 9 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 382(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ئۇنداق چالا يېزىپ ئادەمنى تەقەززا قىلغىچە داۋاملىق يېزېپ بىزنى خوش قىلىۋەتسىڭىز بومامدۇ؟ ئاخىرىنى تېزراق يېزىڭ بولمىسا خاپا بولۇپ قالىمەن جېنىم ........

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 11:18 |
    zulkarjan
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 9410
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 129
    شۆھرەت: 146 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1260 سوم
    تۆھپە: 17 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 219(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    داۋامى.....

    « ئەسسىلام قەدىرلىك سەردار ،
    بەلكىم خېتىمنى كۆرۈپلا يىرتىپ تاشلىۋەتكۈڭىز كېلىۋاتقاندۇ ، قەلبىڭىزنى چۈشىنىمەن شۇنداقتىمۇ ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم ،خېتىمنى ئاخرىغىچە ئوقۇپ باقسىڭىز ....
    بەلكىم بۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى مەندىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە ھەيران قالغانسىز ؟ بەلكىم سەۋەبىنى چۈشەنمەي جىلە بولغانسىز؟بەلكىم ماڭا قاتتىق نەپرەتلىنىپ ئۆچ بولغانسىز ؟   ماڭا ئۆچ بولۇڭ سەردار ، مېنى تىللاڭ ، مېنى قارغاڭ ، مېنى بۇندىن كېيىن ئەسلىمەڭ ...مەن شۇنىڭغا لايىق ...
    ئەسلى شۇ كەتكەنچىلا سىزنى ئىزلىمەي دىگەن ،لېكىن سىزگە بولغان كۆڭلۈم بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمىدى ، يەنىلا ھەممىنى سىزگە سۆزلەپ بېرىپ ئاندىن كېتىشنى توغرا تاپتىم ، ئۆتمۈشۈمنى بىلسىڭىز بەلكىم ماڭا بولغان كۆز قارشىڭىز ئۆزگۈرۈپ قالار ..
    مەن مۇشۇ گۈزەل دىيارىمىزدا تۇغۇلۇپ ،كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولدۇم ، باي ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولغاچقا كىچىكىمدىنلا ناھايىتى ئەركە چوڭ بولدۇم ، كىچىكىمدىن شۇنداق ئوسال بىر مىجەزىم بار ئىدى ، قىلىمەن دىگەن ئىشنى چوقۇم قىلماي قويمايتىم ، بىرەر نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسام ، يىغلاپ ، قەغىشلىق قىلىپ ،ئۇرۇشۇپ - سوقۇشۇپ بولسىمۇ شۇ نەرسىگە چوقۇم ئېرىشمەي قويمايتىم ، شۇنداق ئەركە - نايناقلىق قىلىپ يۈرۈپمۇ تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىكىپ قالدىم، ئاكاممۇ مەن بىلەن بىر مەكتەپتە مەندىن ئىككى يىللىق يۇقىرى ئوقۇيتتى (ھەيران قالماڭ ،  مېنىڭ بىر قوساق بىر ئاكام بار ، پەقەت شۇ سىزگە ئېيتىشقا تىلىم بارمىغانىدى )  . تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ يېڭىدىن بىر نەچچە دوست تۇتتۇم ، بىزنىڭ سىنىپ شەھەر بويىچە نامى بار <ئاق سۆڭەكلەر سىنىپى > بولۇپ  بىر - بىردىن باي ، بىر - بىرىدىن ئەركە بالىلار ئوقۇيتتى ، مەن يېڭىدىن تونۇشۇپ دوست بولغان بىر نەچچىسىمۇ مەندىنمۇ ئۆتە ئەركە قىزلار ئىدى ، بىزنىڭ بۇ سىنىپتا ئۆگىنىش ئىسىملىك كەيپىياتتىن  ئەسەرمۇ يوق ، ئوغۇللار ھەممىسى ئىچىپ - چىكىش بىلەن ئالدىراش ، قىزلار بولسا بىر - بىرىمىزنىڭ كىيىملىرىنى باھالاش ، كورىيە چولپانلىرى ۋە مەكتەپتىكى كېلىشكەن ئوغۇللارنىڭ گېپىنى قىلىش بىلەنلا ئۆتەتتۇق ، بىزگە دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىللىرىمىزمۇ بىزدىن زېرىكىپ سىنىپقا كىرىپ دەرس سۆزلىمەي ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى .
       شۇنداق قىلىپ بىلىپ بىلمەيلا بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، بىركۈنى سىنىپتىكى بىر ئوغۇل بالا تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەممىمىزنى دېسكو خانىغا چاقىردى، سىنىپتىكى ھەممەيلەن باردۇق ، ئوغۇللار بېرىپلا ئىچىشنى باشلىۋەتتى ، بىر چاغدا قارىسام بىزنىڭ قىزلارنىڭ ئالدىغىمۇ قىزىلدىن بىر نەچچىنى ئەكىلىپ قويۇپتۇ ،مەن گەرچە ئەركە ئويناپ چوڭ بولغان بولساممۇ ، تېخى بۇنداق سورۇنلارغا قاتنىشىپ ، بۇ ئىچىمىلىكلەرگە ئېغىز تەككۈزۈپ باقمىغانىدىم ، مېنىڭ ھېلىقى يېڭى تونۇشقان دوستلىرىم ھىچقانداق تەكەللۇپسىزلا  بوتۇلكىلارنى قولىغا ئېلىپ ساقىلىقىنى باشلىۋەتتى ، ئۇلار ئاۋۋال ئۆزلىرى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ،نۆۋەت بويىچە ئايلاندۇرۇشنى باشلىدى ، ئەلۋەتتە ئەڭ ئاۋۋال نۆۋەت ماڭا كەلدى ،مەن قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇپ قالدىم ،ئىچمەي دېسەم بۇلارنىڭ مىجەزىنى بىلىمەن ، بۇندىن كېيىن مېنى ھەرگىز كۆزگە ئىلمايدۇ، يەنە كېلىپ كىچكىمدىن يېتىلدۈرگەن ھاكاۋۇرلۇقۇم يول قويمايدۇ، ئىچىۋېتەي دېسەم  سەل قورقۇپ تۇرىمەن ، شۇنداق بىر ئاز ئىككىلىنىشتىن كېيىن گۈپپىدە كۆتۈرىۋەتتىم ، بۇ بىر كۆتۈرۈش بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىمنى ،خۇشاللىق ، كەلگۈسى ئىستىقبالىم ھەممىنى قوشۇپلا  ئىچىۋېتىپتىمەن ، ئەينى ۋاقىتدا ئۇنى ھەرگىز خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن.
    بىزنىڭ ئۈستەلدە پەقەت بىر قىز ئىچمەي تۇرىۋالدى، قالغان ھەممىمىز بۇ«خاسىيەتلىك ئىچىملىك » كە ئېغىز تەگدۇق ،شۇندىن كېيىن نۆۋىتىمىز بويىچە ئىچىۋەردۇق ، يەنە بىر نەچچىنى ئىچكەندىن كېيىن بېشىم پىرقىراشقا باشلىدى ، بىرچاغدا  رىياسەتچى سەھنىگە چىقىپ كەچلىك سورۇننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ:
    _ تۆۋەندە بۈگۈنكى سورۇنىمىزنى بىر مەيدان قىزغىن مۇسۇلمانچە ئۇسسۇل بىلەن باشلايمىز ،قېنى سەھنىگە مەرھەمەت !
    توۋا بۇ ئۇسسۇلنىڭمۇ«مۇسۇلمانچە»سى بولىدىكەن -ھە؟ ئۇۋاقىتتا بېشىمنىڭ ئاغرىشىدا بۇنى تەتقىد قىلغۇدەك مادارىم يوق ئىدى ، قانداق بولسا بولمامدۇ .
    قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا ئاۋازى باشلاندى ، ئۇسۇل -تانسىلار ئويناۋاتىمەن ،كىملار بىلەن ئويناۋاتقىنىمنىمۇ ئانچە بىلمەيمەن ، ئەسلى تانسا دىگەننى ئۇقمايدىغان ئادەم ئۇنىمۇ قانداق ئۆگىنىپ كەتتىمكىن ،پۇتۇممۇ كېلىدىغان بۇلۇپ قالدى بىر چاغدا باشقا ئۈستەلدىكى بىرسى كېلىپ مېنى تانسىغا تارتتى،مەس ھەم قاراڭغۇدا قارىمايلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سەھنىگە چۈشتۈم ، تانسا باشلاندى ، ئۇ مېنى يېقىن تارتىپ ،ئاغزىنى قۇلۇقۇمنىڭ يېنىغا ئە كىلىپ سورىدى:
    _ خانقىز ، بەك چىرايلىقكەنسىز ،ئىسمىڭىز نېمە ؟
    ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن غەرق مەس ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى ،قارىماققا يېشى مەندىن چوڭدەكمۇ تۇراتتى ،لېكىن قاراڭغۇ بولغاچقا ،يەنە كېلىپ بېشىم قىيىپ تۇرغاندا ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراشمۇ خۇش ياقمايتتى ...
    _ فىروزە ،_ مەنمۇ .. ئاران جاۋاپ بەردىم ،
    ئۇ شاققىدە توختاپ قالدى ،مېنىڭ يۈرۈكىم بىرنىمىنى سەزگەندەك بېشىمنى كۆتۈتۈپ قارىدىم...
    ئاھ خۇدا ...
    ئاكام ...............باياتىن بەللىرىمنى سىيلاپ ،چىڭ قۇچاقلاپ تانسا ئويناۋاتقان ئادەم دەل مېنىڭ ئاكام ئىدى،
    مەسلىكىم بىراقلا يېشىلىپ كەتتى ،قاتتىق تاياق يەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ تۇراتتى ، لېكىن ئۇ ماڭا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئاستا قولۇمنى قويۇۋېتىپ سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى ، مەنمۇ ئاستىغىنە جايىمغا بېرىپ ئولتۇردۇم ، يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇراتتى ، ئۇ ھازىرلا كېلىپ مېنى ئۇرۇپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ تۇراتتىم ، لېكىن ئۇ كەلمىدى.
    مەكتەپتە  بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللاردىن ئاكامنىڭ تاماكا چىكىدىغىنى ئاڭلىغانىدىم ، لېكىن ماڭا ھېچقانداق ئەجەپلىنەرلىك بىلىمىگەنىدى ،چۈنكى ئۇمۇ كىچىكىدىن ماڭا ئۇخشاش ئەركە چوڭ بولغاچقا ،ناھايىتى كەپسىز جىدەلخور چوڭ بولغانىدى ،نېمىشقىكىن ئادەتتە ئۆيدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە كۆپ پاراڭلاشمايتتىم ، تاماق ئۈستىلىدە بەزىدەبىللە ئولتۇرۇپ قالمىغاننى ھېساپقا ئالىمىغاندا ، بىزنىڭ كۆرۈشىدىغان ۋاقتىمىزمۇ ئاز ئىدى.
    بۇ سورۇندا داۋاملىق ئولتۇرۇشقا كۆڭلۈم تارتماي ئاستا قايتىپ چىقىپ ،ئۇدۇل ئۆيگە قاتتىم ،دادام بىلەن ئاپام يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئولتۇرۇشلىرىغا  كەتكەن چېغى ، ئۆيدە خىزمەتكاردىن باشقا ئادەم يوقكەن ، ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم، قورقۇنچ ئىچىدە ئاكامنى ساقلاپ يېتىپ  ئۇخلاپ قاپتىمەن ،  خىزمەتكارنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ  كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ ، ئۆي ئىچى تىنچ، چيىمنى چالا - بۇلا ئىچىپ مەكتەپكە ماڭدىم . ئۆيدىن چىقىپ كەتكۈچە ئاكامنى كۆرمىدىم ، خىزمەتكاردىن سورىسام ئاخشام كېچىدە كېلىپ يېتىپ قالغىنىچە تېخى ئورنىدىن تۇرمىدى دېدى، خۇداغا شۈكرى دەپ مەكتەپكە كەتتىم ، شۇ بىرنەچچە كۈن شۇنداق دەككە - دۈككىدە ئۆتتۈم .


    _____________________
    داۋامى بار ......  يېزىۋاتىمەن ....

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 12:22 |
    xirinqux1220
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10857
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 460
    شۆھرەت: 461 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 348 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1445(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

      داۋامنى تىزراق يىزۋىتەمسىز خاپا بولماي .رەھمەت قولىڭىز غا دەرىت بەرمىسۇن .

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 12:34 |
    Gulgina
    لوپنۇر قىزى
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 1536
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1552
    شۆھرەت: 1574 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 15540 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 680(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

    كەچۈرۈڭلار مۇھىم ئىشىم چىقىپ قىلىپ تىمىنى تۇلۇق كۈرۈشكە پۇرسەت بولماي قالدى ، تىمىنى يۈتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئورۇن ئىلىپ قويدۇم ، قايتىپ كىرىپلا ئاخىرىنى ئوقۇيمەن

    ئەزىز بوۋاق
    كۈڭۈل خالىغاننى قىلما
    ۋىژدانىڭ كۈتۈرگەننى قىل
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 12:45 |
    aziz-gul
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 54667
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 394
    شۆھرەت: 405 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3559 سوم
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 989(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    داۋامىنى قاچان يوللايسىز

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ئالغا!!!!!!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 12:46 |
    nigara616
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 9683
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1103
    شۆھرەت: 1103 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10917 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 785(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ئاخىرى قىنى ؟؟؟     
    تىزراق يوللاڭ ،،،،ئاخرىنى ساقلايمەن ..

    ھەقىقىي مىسۋاك
    (كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيمەن ..)
    (مەن ئىشەنگەن ياخشى يار يالغۇز ئەمەسكەن ،،،)
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 13:17 |
    abdulhamit
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 27439
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 137
    شۆھرەت: 138 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1319 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 175(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

    داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامىز.........

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 13:46 |
    saba109
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 34718
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 93
    شۆھرەت: 94 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 697 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    توردا  باركەنسىز، چىكەتمەي  ساقلاپ تۇراي......چوقۇم يېزىۋاتىسىزغۇ دەيمەن....

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 14:20 |
    huma78
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 54113
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 225
    شۆھرەت: 226 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 150 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 353(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

    ئاخىرى بەك سوزۇلۇپ كەتمىسە بولامدۇ؟؟؟؟؟

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 15:52 |
    yultuz210
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 24478
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 143
    شۆھرەت: 144 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1320 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ۋاي ئاخىرىچۇ؟ تېزرەك بۇلۇڭە!!!

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 15:57 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-30 18:19, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ