ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 152 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى رولى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4679
شۆھرەت: 4896 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 255 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 994(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى رولى

tilek

يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى رولى
ياسىنجان توخنىياز توغراق


يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ساپا مائارىپىدىكى رولى ناھايتى چوڭ بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتىرىشتە بەلگىلىك رولى بار. مەن ئۇنىڭ بىر قانچە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىكەن.
1. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتەردى.
يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتىكى مول پايدىلىنىش مەنبەسى ئوقۇتقۇچىلارنى سىرىتنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش بايلىقى، سۈپەتلىك دەرس لاھىيىسى، سەرخىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە تۈرلۈك ئىلغار دەرسلىك سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بەردى. مەسىلەن‹‹گۇگۇ تېئورمىسى›› دېگەن دەرستە گۇگۇ تېئورمىسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىلىش جەريانى كىرىشتۈرمە رەسەىملەرنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا ناھايتى تەپسىلى ھالدا چۈشىنىشلىك ھالدا بايان قىلىنغان.‹‹ تەكشىلىكتىكى تىك بۇلۇڭلۇق كوردىنات سېسىتمىسى›› ئوقۇتۇشىدا كوردىنات سېسىتمىسىدىكى كوردىنات ئوقى يەنى، ئوردىنات ۋە ئابىسىسا ئوقلىرى ئوخشىمىغان رەڭلەر ئارقىلىق ئايرىم- ئايرىم كۆرسىتىلگەن.يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىككى ئوقۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىماتىكىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى بىر قەدەر قىيىن نوقتىلار بولۇپ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىسىدا ئىچكىردىكى تەرەققىي تاپقان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇدۇ.
ئومۇمەن، ئوقۇغۇچىلارغا ھەركەت، تەسۋىر بىرلەشتۈرۈلگەن مۇھىت ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك ئاتالغۇ، تېئورئېما ۋە گئېومېتىريىلىك  شەكىللەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگىلى بولۇدۇ. مەسىلەن، چەمبەر بىلەن چەمبەرنىڭ ئورۇن مۇناسىۋىتى دېگەن دەرستە ،چەمبەر بىلەن چەمبەرنىڭ ئورۇن مۇناسىۋىتى  ھەر خىل رەڭدە سىزىلغان چەمبەرلەر، ھەركەت بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر مەسىلىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلاپ بەردى.
2.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتىكى مول ئۇچۇر مەنبەسى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېشىل چىراق ياقتى.
ئىلگىرى پەقەت دەرسلىك كىتاپتىنلا پايدىلىنىپ دەرس تەييارلاش، باشقا پايدىلىنىش ماتىرياللىرى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى چەكلىنىپ قالاتتى، لېكىن، ھازىر يولغا قۇيۇلىۋاتقان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتىكى مول ئۇچۇر مەنبەسى ئوقۇتقۇچىلارنى پايدىلىنىش ماتىرياللىرى، ئېسىل دەرس لاھىيىسى، ھەر خىل تەكرارلاش سۇئاللىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ياردەمچىسىگە ئايلاندى، ھەتتا ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىدە يولۇققان قىيىن مەسىللەرنى ئىنترنېت تورىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىدىغان بولدى. شۇنداقلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇللىرىنى ئىگەللىدى. ئوقۇتقۇچىلارنى بور تۇتۇشتىن، بورنىڭ چاڭ تۇزانىدىن ئازات قىلدى.ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى ھەل قىلدى.كومپىيۇتېر ئۆگىنىش ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن يېشىل چىراق ياقتى. بۇ ئارقىلىق ماتىماتىكا پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى يۇقۇرى كۆتىرىلدى.
3.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى مول مەزمۇن بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئىلگىرىكى ماتىماتىمكا ئوقۇتۇشىدا يېڭى دەرس مەزمۇنى كۆرسەتمىلىك رەسىم، دوسكا ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزى ئارقىلىق يەتكۈزىلەتتى. بەزى ئابىستىراكىت ئۇقۇملار ئاغزاكى بايان قىلىناتتى. مەسىلەن، بىر نوقتىدىن چىققان چەكسىز داۋاملاشقان تۈز سىزىق نۇر دەپ سۆزلىنىدۇ. لېكىن ئوقۇغۇچىلار بىر نوقتىدىن چىقىپ چەكسىز داۋاملاشقان نۇرنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوققا نىسبەتەن سىممىتىرىك ۋە مەركەزگە نىسبەتەن سىممىتىرىك ئېنىقلىمىلىرىدا ئۈستمۇ-ئۈست چۈشىدۇ دەپ سۆزلىنىدۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. كونىلاردا‹‹ مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. شۇڭا، بەزى ھادىسىلەرنى ئاغزاكى بايان قىلغاندىن كۆرە .وقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوبرازلىق تەسۋىرلىسەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىپلا قالماي يەنە ماتىماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولۇدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپىيوتېردىن پايدىلىنى ئەمەلىي مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولۇدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دەرسلىك ئارىسىغا تۈرلۈك بالىلار ئويۇنلىرى، تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش خاراكتىردىكى سۈرەتلەر ۋە ناخشىلارنى كىرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىماتىكا دەرسنى كۆرسە ئاغىرىيدىغان بېشىغا شىپالىق تاپقىلى بولىدۇ.
4.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى.
يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىسىدىن پايدىلانغاندا، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس مەزمۇنىدىكى ھادىسىلەرنى بىۋاستە كۈزىتىپ،قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۆزئارا مۇلاھىزىگە يېتەكلەش،ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ئومۇمىيۈزلۈك ھەركەتلەندۈرۈپ،ھادىسىلەرنى كۈزىتىش قابىليىتىنى يوقۇرى كۆتىرىپ شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئەستە ساقلىنىش ئۈنىمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ بۇرۇچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن، مەكتەپلەرگە سەپلەنگەن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئوقۇتۇشتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى شەرت.

مەنبە: ........... ئىجادىيىتىم

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-28, 07:43

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(matimatika)
  • تۆھپە:+10(Rujek) ئىجادى قاراش
  • ھەقىقىي مىسۋاك
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-28 14:52 |
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4679
    شۆھرەت: 4896 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 117 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 255 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 994(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    bu  temini     matimatika          apandi korgan bolsa  kadiriga yetip    tartukligan bolatti

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-28 17:10 |
    Rujek
    بۈگۈنمۇ ئەتە بولماقتا....
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31349
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 319
    شۆھرەت: 495 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3126 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 421(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز  توغراق بۇرادەر ،مائارىپ ھەققىدە پىكىر يۇرگۇزۇشنى ،ھەم سۆھبەت بولوشنى ئىستىسىڭىز  بىز يىقىندا قۇرغان قاراق مەرىپەت -ئىجادىيەت مۇنبىرىگە كىرىڭ .
    ئۇندىن باشقا ئوقۇتقوچىلار ئالاقە توپىمۇ قۇردۇق  :

    http://www.qaraq.com

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ئىجادى ۋە ئىجابى پىكىرلەرنىڭ سەيناسى -قاراق ئىجادىيەت مۇنبىرى
    ئوقۇتقۇچىلار  ئالاقە توپى قۇرۇلدى  ،نۇمۇرى 64219843تېز قاتنىشىڭ !!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 00:58 |
    turditohti
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58030
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 301
    شۆھرەت: 357 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3060 سوم
    تۆھپە: 111 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 506(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن،كەڭ ماتىماتىكا ئۇقۇتقۇچىلىرى پايدىلانسا قىممىتى بار دەپ قارايمەن

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 01:26 |
    matimatika
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 11327
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1929
    شۆھرەت: 8269 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13130 سوم
    تۆھپە: 300 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1255(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

     

    بىر ياخشى ئىلمىي قاراشلاركەن، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويغاندىن بۇيان ماتېماتىكا مائارىپىدىمۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولدى. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ رولىنى سەل قاراشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ چەكلىك مائارىپ مەغلىغىنى ئۇنۇملۇك ئىشلىتىشتە باشقا ئوقۇتۇش شەكىللىرى ئورۇن باسالمايدىغان مۇھىم رولغا ئىگە.

    ئىجادىي ئەمگىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر !

    ھەقىقىي مىسۋاك
    دۇنيانىڭ سىرىنى ئېچىش ئۇچۇن ماتېماتىكا ۋە تەبىئى پەن ئۆگىنەيلى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 10:32 |
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4679
    شۆھرەت: 4896 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 117 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 255 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 994(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    مىنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى قوشقان تۆھپەمنى ئاپتۇنۇم رايۇن ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن شەبنەم مۇنبىرىدە ماتاماتىكىنىڭ  تۆھپىسىنى پەقەت ماتىماتىكا  ئەپەندى بىلىدۇ، باشقىلار  جۈمىلىدىن تۇردى توختى ئەپەندى بىلدۇ، باشقىلارنىڭ ساۋادى چەكلىىك، بۇ مىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تور ئەمەلىيىتى خۇلاسەم، ھازىر  ماتىماتىكا ئوقۇتىشىدا مىنىڭ  بۇ تېمامنى قوللىنىۋاتىدۇ. ماتىماتىكا ئوقۇتىشىدىكى رولى چوڭ، مىنىڭ كۈتكۈنۈمدەك  يەنىلا ماتىماتىكا ئاخىىرى بىلىپ يەتكەن ، مەن شەبنەمدىن  ماتىماتىكا پەن  ماھىرى شەبنەمدىن  سۈيىنىمەن، ماتىماتىكا بارلىق پەنلەرنىڭ ئاساسى، مەن شەبنەم تورىدا ماتىماتكىنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن، ياشىسۇن ماتىماتىكا،

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 00:44 |
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4679
    شۆھرەت: 4896 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 117 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 255 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 994(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    مەن شەبنەم  مۇنبىرىدىن تۇنجى قېتىم  يەنى  بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتتا كەسىپ ئەھلىدىن  پەرۋېن، ئەركزات، كۆكسۇلتان، دەۋرانى توغرۇل، ماتىماتىكا، مۇسەللەس، گۈل سەنەم، چوغلۇقنى، قۇم قازى سەزدىم، بۇلارنىڭ سەۋىيىسىگگ مەن قايىل

    ئەزىز بوۋاق
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-30 00:56 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » مائارىپ ۋە بىز
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-30 20:24, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ