جىددى جاكار
ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق،كىچىك-يۇ چوڭ،پىششىق-يۇ توڭ،ئەر-ئايال،قېرى-ياش،قارا قاش، ئۇزۇن چاچ،ئاقساق-چولاق،پاڭ قۇلاق ... بارلىق شەبنەم ئەھلى،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شەبنەم خەلقئارا ئۇيغۇر ئاۋازلىق مۇنازىرە سۆھبەتخانىمىزغا كىرەلەيدىغانلىكى جامائەتكە شۇنى تەنتەنىلىك بىلەن جاكالايمىزكى،مىلادى 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ شىنجاڭ ۋاقتى 7:30دا شەبنەم خەلقئارا ئۇيغۇر ئاۋازلىق مۇنازىرە سۆھبەتخانىمىزدا شەبنەمنىڭ 5 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ بىر مەيدان تور سۆھبەتخانا مەشرىپى ئۆتكۈزۈلمەكچى.ۋاقتىدا قاتنىشىپ دۇتتار تەمبۇر ياكى گىتتاربىلەن ئەگەر بۇنى تاپالمىساڭلار ئۆز ئاۋازىڭلار بىلەن سىدام(مۇزىكىسىز)لا ناخشا ئوقۇپ بېرىشىڭلارنى، شەبنەمنى مەدھىيلىگەن شېئىر توقۇپ بېرىشىڭلارنى،قىزىقارلىق لەتىپە چاقچاق قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۆمىد قىلىمىز. قولۇڭلاردىن ھېچقايسىسى كەلمىسە ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىپ ھوزۇر ئېلىشىڭلارنى سورايمىز.
ئورنى: شەبنەم خەلقئارا ئۇيغۇر ئاۋازلىق مۇنازىرە سۆھبەتخانىسى
ۋاقتى:2008-يىل12-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ شىنجاڭ ۋاقتى 7:30 دا
بېلەت باھاسى: «مەن بۇندىن كېيىن شەبنەم خەلقئارا ئۇيغۇر ئاۋازلىق مۇنازىرە سۆھبەتخانىسىنى قوللايمەن»دېسىڭىزلا ئىشىكتىن كىرەلەيسىز. بېلەت ھەقسىز ،ئورۇن چەكلىك.
جاكار تامام
ھۆرمەت بىلەن: «بەش ياشلىق بوۋاق شەبنەم»دىن.
______________
مەشرەپنىڭ جەريانى تۆۋەندىكى ئادرىستا(كېيىن تولۇقلاندى):./read.php?tid-88614.html