تېما ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا، پاينەكباشلىققا مەنپەئەت قىلىدىغان ئۈنۈملۈك دورا ئۇچۇرىمىكى دەپ قالغانمىدىڭىز، ئەگەر شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز، لىكىن يەنىلا ئۈمىدسىزلەنمەڭ. ھېچبولمىغاندا بۇ تېمىدا ھېچقانداق كېسەللىك سەۋەب بولمىغان پاينەكباشلىقنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلىۋالىسىز!
كىسەللىك پەيدا قىلغان چاچ چۈشۈپ كېتىشتىن سىرت ئايپاڭباشلىقنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلىك ھورمۇنى ئاجىرتىشنىڭ تولۇپ تاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىر يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ،ئايپاڭباش ئەرلەر راك كېسەللىگى،يۈرەك قان تومۇر كىسەللىگى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشقا ئاسان گىرىپتار بولمايلا قالماستىن،يەنە تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن .
ئاسان راك بولمايدۇ.
مۇتەخخەسىسلەر ئاشقازان راكى قاتارلىق راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان 30 نەپەر بىمارنى تەتقىق قىلغان .ئۇلار بۇ خىل راك كىسىلىگەگىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئوپراتسىيىدىن بۇرۇنقى قان زەرداۋى ئۇرۇقدان ماددىسى مىقدارى ئايپاڭباش ئەرلەردىن روشەن تۆۋەن بولىدىغانلىغىنى بايقىغان .كۆرۈشكە بولىدىكى ،ئاشقازان راكى قاتارلىق راك كېسەللىكى بىلەن ئەرلىك ھورمۇنى مۇناسىۋەتلىك .ئايپاڭباش ئەرلەردە ئەرلىك ھورمۇنى ئاجىرتىش تولۇپ-تاشقانلىقتىن،راك كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدۇ.
ئاسان كېسەل بولمايدۇ.
ئەرلىك ھورمۇنى ئورگانىزىمىدا خولىستىرول مولىكولىسىنى يان تەرەپتىن بۆلۈۋېتىشتىن، قۇرۇلما ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.شۇڭا ،ئايپاڭباش ئەرلەر تىنىدىكى خولىتسىرول ئاسان يىغىلمايدۇ .بۇنىڭلىق بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بولماسلىقى مۇمكىن .بۇندىن باشقا ،ئەرلىك ھورمۇن سۆڭەك ئاساسى ماددىسى ئومومى مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ،سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ،شۇنداقلا كالىتسى ماددىسىنىڭ سۆڭەك ئىچىدە تىنىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .شۇڭا ،ئايپاڭباش ئەرلەر ئاسانلىقچە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولمايدۇ .
تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ .
ئەرلىك ھورمۇنى يەنە ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .بىر ئىلمى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇدا 12 يىل 50 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 242 ئايپاڭباش ئەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇن مىقدارىنى كۈزىتىپ ،ئۇلارنىڭ تىنىدە ھورمۇن مىقدارىنىڭ بىر قەدەر يوقىرىلىقىنى ،ئۆلۈش نىسبىتى ئايپاڭباش بولمىغان ئادەملىرىگەسېلىشتۇرغاندا ،%48 تۆۋەنلىكىنى بايقىغان .
ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىق بولىدۇ .
تەمسىللەردە ئېيتىلىشىچە ،ئەقىللىق كاللىدا چاچ ئۆسمەيدىكەن . ھازىر ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئىسپاتلىشىچە ،ئەمىلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق . شۇڭا ئاسان ئايپاڭباش بولىدىغانلارنىڭ ماتىماتىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەردىن زور دەرىجىدە يوقىرى بولىدۇ .
مەنبە:80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى
http://www.80halta.comبېتىمىز يېڭىلىقلىرى:
1.تۇنجى قېتىملىق جىمائ
2.زاراڭزا مېغىزى بىلەن زېغىر سېتىۋالىمىز
3.ئون چوڭ ئەخلەت يېمەكلىك-( ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ئې...
4.پاينەكباشلار-ئۈمۈتسىزلەنمەڭلار!!!
5. ئالىملار ئۆپكە راكىنى پەيدا قىلىدىغان غەيرىي گېن...
6.ئۇيغۇر تىبابەت نەزىريىسىدىكى ئالتە زۆرۈرىيەت
7.تېرىڭىز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
8.كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكىگە دائىر ئۇچۇرلار
9.تىرناقتىكى ئۆزگىرىش ۋە سالامەتلىك ھەققىدە تېببى ئۇ...
10.تىرناق چېكىش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش
11.تىرناق ۋە ئۇنى ئاسراش
12.جىگەر كېسىلى
13.كۆزنى ئاسراش تەدبىرلىرى
14.پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئەر-ئاياللار سەمىگ...
مەنبە:80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى
http://www.80halta.com