ئاشنا تۇتماق تەس
(رۇزى سايىت شېئىرىگ تەخمىس)
ئاپتۇرى:ئەمەتجان ئاۋۇت پىنھانى
غايىچۈن ھەر زامان زەپەر قۇچماق تەس،
بىرسىنىڭ كۆڭلىدە ئورۇن تۇتماق تەس،
چۈشۈنۈپ ،سىردىشىپ كۆڭۈل ئۇتماق تەس،
ۋە لىكىن ئازار يەپ ئاچچىق يۇتماق تەس،
تەس دىسە، ھەممىدىن ئاشنا تۇتماق تەس.
خوتنىڭدىن يۇشۇرۇن تۇتمىساڭ تېخى،
ھەر قاچان كۆڭلىنى ئۇتمىساڭ تېخى،
ئۇنىڭغا مال-دۇنيا پۈتمىسەڭ تېخى،
ئۆيىڭدە خوتنۇڭغا بۇتنىساڭ تېخى،
تەس دىسە، ھەممىدىن ئاشنا تۇتماق تەس.
يېنىڭدا بولسىلا كۆيمىسەڭ تېخى،
چىن يۈرەك-مىھرىڭدىن سۈيمىسەڭ تېخى،
ئائىلەڭگە كۆڭۈل بۈلمىسەڭ تېخى،
ئىشق ئۈچۈن ئۆل دىسە ئۆلمىسەڭ تېخى،
تەس دىسە، ھەممىدىن ئاشنا تۇتماق تەس.
چاقىرسا‹‹ لەببەي››دەپ كەلمىسەڭ تېخى،
بەر دىسە كۆڭۈلنى بەرمىسەڭ تېخى،
ئۇ ئۈچۈن دەستە گۈل تەرمىسەڭ تېخى،
گەر يۈرسەڭ تىمسىقلاپ ئەرمۇ سەن تېخى،
تەس دىسە، ھەممىدىن ئاشنا تۇتماق تەس.
ئايرىلاي دىسەڭ گەر كۆڭۈل قويمىسا،
ئۇنىڭكى ۋەسلىگە مىھرىڭ تويمىسا،
سەن بىلەن بىر بولۇپ شىرىن ئوينىسا،
يېنىدا بولمىساڭ باشقا ئويلىسا،
تەس دىسە، ھەممىدىن ئاشنا تۇتماق تەس.
ئۆيۈڭدە باللىرىڭ ساڭا قاراشلىق،
يىتەمدۇ، يەتمەمدۇ بىلمەيسەن ئاشلىق،
شۇ ياشقا كىرىپمۇ قىلامسەن ياشلىق؟،
بۇ ئەمدى ساڭا نىمە بەڭۋاشلىق؟،
تەس دىسە، ھەممىدىن ئاشنا تۇتماق تەس.
خۇتۇنۇڭ زار قاخشاپ يىغلىسا ئۇرساڭ،
باللىرىڭ تەلمۈرسە قاراپلا تۇرساڭ،
نە بولار ئۇلارنىڭ ھالىنى سورساڭ،
يىتەرمۇ بۇ ئۆمرىڭ شۇنداق خورىساڭ،
تەس دىسە، ھەممىدىن ئاشنا تۇتماق تەس.
بۇ ئۆمۇر بەك قىسقا ياشلىق تېخىمۇ،
بولىدۇ ئادەمنىڭ ئازار چېغىمۇ،
ئۈزۈلەر يۈرەكنىڭ مەھكەم بېغىمۇ،
بىر كۈنى تۈگيدۇ ھىجران دېغىمۇ،
جاھاندا ھەممىدىن ئاشنا تۇتماق تەس.
ئاپتۇر: قەشقەر يېڭشەھەرنىڭ ھاراپ يېزىسىدىن(دىھقان)