ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
خۇداغا شۈكرى بۈگۈن << سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى >> دېگەن چوڭ كىتاپنى ئاخىرى سايىلاپ( 扫描قىلىپ)پۈتتۈردۇق. ئەسلى بۇ كىتاپنى ئۆزىمىز بىۋاستە word دا بېسىپ چىقايلى دەپ ئويلىغان. لېكىن ئادەم سانىمىز ئاز . شۇڭا بۇ ساۋاپلىق ئىشنى ئاللاھتىن ئەجىر ئېلىشنى خالايدىغان ھەرقايسى تورداشلار بىلەن تەڭ قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تېمىنى يوللاندى. خالىغانلار بۇ يەردىن ئۇ كىتاپنىڭ رەسىم شەكىلىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭلار.
ئەگەر ئاللاھ رازىلىغى ئۈچۈن بۇ كىتاپنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشاي دېسىڭىز، تۆۋەندىكى تېما ئادرىسىغا كىرىپ ئىنكاس قالدۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىنچى بەتنى word دا بېسىپ چىقىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق دەڭ.
ئەسكەرتىش:
بۇ كىتاپ جەمئىي 813 بەت 4010 ھەدىس!
كىتاپنىڭ تۈزۈلىشى: باشتا ئەرەپچە تېكىستى ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تېكىستى بار. ھازىر توردىن بۇ كىتاپنىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىنى تېپىپ بولدۇق. شۇڭا ھازىرقى ۋەزىپە پەقەت ئۇيغۇرچە خېتىنى بېسىپ چىقساقلا بولدى.
كونكرىت ئورۇنلاشتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:
2- يېزىپ بولغاندىن كېيىن تەييار بولغان نۇسخىسىنى [url=mailto:Tirish.cn@gmail.com]Tirish.cn@gmail.com[/url] بىلەن [url=mailto:106997064@qq.com]106997064@qq.com[/url] بۇخەت ساندۇقىغا ئېۋەتىش.
3- تىرىشچانلار تورىدىكى ھەرقايسى باشقۇرغۇچىلار ۋە بەزى تورداشلار تەكلىپ قىلىنىپ Word قا كىرگۈزۈلگەن ھۆججەتنىڭ مەزمۇن ۋە ئىملا خاتالىقى بارمۇ – يوق بۇ ئىشلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش.
4- يۇقىرقى خىزمەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن خۇدا خالىسا PDFشەكىلگە ئايلاندۇرۇپ تارقىتىش.
ئەسكەرتىش:
l بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللىدۇق. لېكىن بۇ تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ بولالىشىمىز ناتايىن، شۇڭا يېزىشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ تەكرارلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېمىغا ئىنكاس يوللايدىغانلارنى ۋە يۇقىرقى ئىشنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرىنى بىلمەكچى بولغانلارنى تىرىشچانلار تورىدىكى مۇشۇ تېمىغا تەكلىپ قىلىمىز.
تېما ئادرىسى:
l Word قا كىرگۈزۈش ئىشىدا مەزمۇن ۋە ئىملا خاتالىقى يۈز بەرمەسلىككە بەك دىققەت قىلىڭ! ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن! بۇ جەھەتتە چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ. چۈنكى سىز ئاشۇ 5 بەتنى كىرگۈزۈشتە بۇنىڭغا دىققەت قىلماي خاتا كىرگۈزسىڭىز، ئويلاپ كۆرۈڭ بۇنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ كەينىگە تارتىلىپ كېتىدۇ. ئەگەردە تەكشۈرگۈچىلەرمۇ بايقىيالمىسا، بۇ كىتاپنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇنى تور دۇنياسىدا جاھاننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى كىشىلەر چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايدۇ دېگەن گەپ. ئۇ چاغدا سىزنىڭ خاتا بېسىپ قالغان خېتىڭىز تارقىلىپ كېتىپ، سىزگە ئەمەس، ئاشۇ كىتاپقا، ئاشۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىغا بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ. بىزمۇ ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ باشقىلارغا خاتانى تارقىتىپ قالىمىز دېگەن گەپ. شۇڭا سىزگە ئەسكەرتىدىغىنىمىز: چوقۇم ، چوقۇم ، چوقۇم مەزمۇن ۋە ئىملا جەھەتتە خاتالىق چىقماسلىققا تىرىشىڭ! مەيلى بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇشتا بىر-ئىككى كۈن كېچىكسەكمۇ ھېچقىسى يوق. لېكىن توغرا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ!!!
باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپ: مۇمكىن بولسا سىلەرمۇ ماسلىشىپ ، بۇ تېمىنى يورۇتۇش، ياكى چوققىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان بولساڭلار.
**********************************************
كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغان، لېكىن خەت بېسىشتا قىينىلىدىغانلار ئۈچۈن تەكلىپ:
بۇ خىزمەت ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا، خۇدا خالىسا يەنە باشقا ئىشلارمۇ چىقىشى مۇمكىن شۇنداق بولغانىكەن ئەگەردە سىز ئۇيغۇرچە خەت بېسىش جەھەتتە قىينالسىڭىز ياكى ئاجىزراق بولسىڭىز بۇ قېتىملىق خىزمەتكە قاتنىشالمىغىنىڭزدىن ئەپسۇسلانماي، ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۆگەنگەچ تۇرۇڭ. خۇدا خالىسا ئۆگەنگىنىڭىز زايا كەتمەيدۇ.
ئۇيغۇرچە .خەت بېسىشنى ئۈگىتىدىغان يۇمشاق دېتالنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ