ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،گەرچە سەۋىيەم چەكلىك بولسىمۇ بەزى تورداشلارنىڭ تەلىۋى بويىنچە ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرىنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن.بۇ تولىمۇ ئاددى مەشغۇلات بولسىمۇ يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىسى بولۇپ قالار...
1ـ كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ(باشلاش开始)سىتونىنى چىكىپ2003 powerPointنى تاللايسىز.2_2003 powerPointنىىڭ ئۈستى تەرىپىدىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۆز ساقلانمىلىرىڭىز ئىچىدىن خالىغان (خەت كىرگۈزمەكچى بولغان)سۆرەتنى تاللايسىز.3_ سۆرەتنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يەنىلا ئۈستى تەرەپتىكى(سەنئەتلىك خەت艺术字)نى تاللايمىز.4_ ئېچىلغان كۆزنەكتىن كىرگۈزمەكچى بولغان خەت نۇسخىسىنى تاللايمىز.5_خەت نۇسىخىسىنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ،ئۇ كۆزنەكتىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى تاللايمىز(كومپىيۇتىرغا ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلانغان بولسا تۆۋەنكى سىتوندىن تاللىساقمۇ بولىدۇ).6_كىرگۈزمەكچى بولغان خەتنى يازىمىز.7_خەتنى يىزىپ بولۇپ مۇقىملاشتۇرساق تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە كىلىدۇ.8_سۆرەتنىڭ يېنىدىكى قۇشۇمچە پايدىلىنىش كىچىك كۆزنىكىدىن پايدىلىنىپ سۆرەتنىڭ ياكى خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى،رەڭگى...قاتارلىقلارنى تەڭشىسەك ياكى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ.
9_كىيۇكىيۇنىڭ سۆرەتكە تارتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سۆرەتكە تارتىپ ،ئاندىن بىۋاستە توربەتلەرگە قويساڭلارمۇ ياكى باشقىلارغا يوللىساڭلارمۇ بولىدۇ.
چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس سۈپىتىدە سوراڭلار.
بۇ 3-بەتتىكىnur65ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسى،پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تېمىغا چاپلاپ قوياي:
يۇقىرىدا بىرقانچە تورداش بىرقانچە خىل مەسىلىگە يولۇقۇپتۇ.
1-powerpoint2003 نى تاپالماپتۇ. بۇنى تېپىش ئۇچۇن office2003 نى قاچىلاش كېرەك.
2. ئەلكاتىپ 5.5 نىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى قاچىلاش جەريانىدا مۇنداق بىر نەرسىنى سورايدۇ.
(1) سىز ئەلكاتىپ 5.5 ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىنى ئېچىپ بىۋاستە چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. تور بېكەت ئادرېسى
http://www.uighursoft.com سىز بۇ يەردىن چۈشۈرگەندىن كېيىن كومپيوتېرىڭىزغا قاچىلاش جەريانىدا سىز
□为复杂文字和从右到左的语言安装文件
بۇنداق بىر ئۇچۇرنى كۆرىسىز. سىز بۇ ۋاقىتتا مۇشۇ ئۇچۇرنڭ ئالدىدىكى كىچىك كاتاك ئىچىگە مائۇسنى سىتىرىلكىسىنى توغۇرلاپ بىرنى بېسىپ قويسىڭىز بىر توغرا بەلگىسى چىققاننى كۆرىسىز سىز ئاندىن جەزىملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئارقىدىنلا سىزدىن يەنە بىر كۆزنەك چىقىپ G:\I386 بۇ ئۇچۇرنى كۆرسىتىدۇ. سىز بۇ ۋاقىتتا Windows XP SP2 سېستېما دېسكىسىنى نۇر دېسكا قوزغاتقۇچقا سېلىپ كۆرسەتكەن ئۇچۇر بويىچە مەشخۇلات قىلىڭ.
2) قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن سىزنىڭ كومپىيوتېرىڭىز قايتىدىن قوزغىلىدۇ. ئاندىن سىز ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى يېزىق تاللاش ئورنىغا قارىسىڭىز CH كۆرىنىدۇ. سىز مۇشۇ يەرنى ئاچسىڭىز CH نىڭ ئاستىدا ئەرەپچە خەت تاللاش سىنبەلگىسىنى كۆرىسىز. دېمەك بۇ سىزنىڭ ئەلكاتىپ 5.5 نۇسخىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىغانلىقىڭزنى بىلدۈرىدۇ.
3) سىز رەسىمگە خەت ئۇرۇش جەريانىدا ئەگەر ئۇيغۇرچە خەت چىقمىسا سىز يېزىق تاللاش ئورنىدىن چوقۇم ALKATIP بىلەن باشلانغان خەت نۇسخىسىنى تاللاڭ.
200812.27
مەنبە(شەبنەم مۇنبىرىدىن سائادەت)