قەشقەر مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتەپتە «قەشقەر ئىناقلىق لوڭقىسى» پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى، مۇسابىقە تۈنۈگۈن (12-ئاينىڭ 26-كۈنى) قىزغىن كەيپىيات بىلەن باشلاندى، ئۇيغۇر پۇتبۇل مەستانىلىرى ئارىسىدا چولپان ئاتالغان ئەكرەم.... قاتارلىق ماھىرلىرىمىزمۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!
تۆۋەندە مۇسابىقىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋىلى سۈرەت شەكلىدە يوللاندى، توپ مەستانىلىرىنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ بىۋاستە كۆرۈشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
