ئەر پاھىشىلەر گورۇھىنىڭ خوجايىنى جياۋ جيەنجيىگە ئۆلۈم جازاسى بىرىلدى
«جىنخۇا ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرى . 28 ياشلىق خوجايىن جياۋ جيەنجيى ھەمجىنىسلار تور بىكىتىدە قول ئاستىدىكى ئەرلەرنىڭ ئىلانىنى بەرگەنلىكى يەنە «كەسىپداشلىرى» نى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى پارچىلىۋەتكەنلكىدەك قىلمىشى ئۈچۈن تۆنۈگۈن بىيجىڭ شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ، ئىپپەت - نۇمۇسىنى سىتىشقا تەشكىللەش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بىرىپ سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى . باشقا 4 نەپەر شىرىكلىرىگىمۇ جىنايى جازا بىرىلدى .
2003 - يىلىدىن باشلاپ ، جياۋ جيەنجيى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جيا XXXX قاتارلىق تۆتەيلەننى يىغىپ ، بىيجىڭ ، چىڭدۇ قاتارلىق جايلاردا ئەر ھەمجىسلار ئارىسىدا پاھىشە بولۇشقا تەشكىللىگەن . سودىسىنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن يەنە 2006 - يىلى ئۈچ ھەمجىسلار تور بىكىتى ياسىغان . تور بىكەتتە ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نۇمۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ، «مېھمان» لار تېلېفون قىلسا ، قول ئاستىدىكى «بەگزادە» لەرنى ئۇلارنى كۈتۈشكە چىقارغان . 5 لەننىڭ ئىش تەقسىماتى ئىنىق بولۇپ ، جياۋ جيەنجيى بۇ گورۇھنىڭ «خوجايىن» ى بولۇپ ، گورۇھنىڭ ئىپپەت - نۇمۇسىنى سېتىش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغان . خې XXXX بىلەن جيا XXXX بىيجىڭ ۋە چىڭدۇلاردا ئىپپەت - نۇمۇسىنى سېتىش ۋە پۇل يىغىش ئىشىغا مەسئۇل بولغان . ليۇ XXXX بىلەن گو XXXX تور بىكەتنى ئاسراشقا مەسئۇل بولغان .
ئۆتكەن يىلى ئۇلار «كەسىپدىشى» خوڭ XXXX نىڭ توردىكى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ، سودىمىزنى تارتىۋالدى دەپ ، ئۇنى بىر ئۆيگە ئالداپ ئەپكىلىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ھەمدە جەسىتىنى پارچىلاپ تاشلىۋەتكەن .
سوت مەھكىمىسى جياۋ جيەنجيىگە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ ، سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ؛ جيا XXXXئۆلۈم جازاسى بىرىپ ، سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ؛ گو XXXX ، خې XXXX ، ليۇ XXXX لەرگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ، مۇددەتلىك 13 يىللىق ۋە 12 يىللىق قاماق جازاسى بەردى . http://news.sina.com.cn/s/2008-12-27/010116928770.shtml