پۇتىن سەھرالىق قىزنىڭ ‹‹كۈل قىز››غا ئايلىنىش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى
‹‹كۈل قىز››غا ئايلانغان قىزچاق — داشا پۇتىن بىلەن بىرگە تاماق يېمەكتە
23 – دېكابىر، روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن پايتەخت موسكۋانىڭ شەھەر سىرتىدىكى تۇرالغۇسىدا بىر چەت سەھرادىن كەلگەن توققۇز ياشلىق قىزچاق — داشانىڭ ‹‹كۈل قىز››غا ئايلىنىش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
بۇ توققۇز ياشلىق قىزچاق داشا 3 – دېكابىر ۋىدىئو چاستوتىلىق لىنىيە ئارقىلىق پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ، پۇتىنغا سىڭلىسى بىلەن ئىككەيلەننىڭ يېڭى يىلدا ‹‹كۈل قىز›› نىڭكىگە ئوخشاش چىرايلىق كۆينەك كىيىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان . پۇتىن نەق مەيداندا قىزچاقنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن شۇنداقلا قىزغىن ھالدا قىزچاق ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى موسكۋاغا كېلىپ يېڭى يىل ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلغان.
داشا مومىسى ، ئاتا – ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن بىللە شەرقىي سىبرىيىدىكى بىر كۆمۈر كان رايونىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك كەنتتە ياشايدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ئىلگىرى كۆمۈر كاننىڭ ئىشچىلىرى ئىكەن. كېيىن، كۆمۈر كاندا ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلىشى بىلەن ئۇلار خىزمىتىدىن ئايرىلىپ ، تۇرمۇشتا يار – يۆلەكسىز قالغان . داشانىڭ ئائىلىسىدىكى بەش جان پەقەت مومىسىنىىڭ ئازغىنا مائاشىغا تايىنىپ ھايات كەچۈرىدىكەن.
پۇتىن داشا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تاماققا تەكلىپ قىلدى
توققۇز ياشلىق ‹‹كۈل قىز›› — داشا پۇتىننىڭ سوۋغىتىغا ئېرىشتى
ﻣﻪﻧﺒﻪ:
http://www.xamal.cn/NEWS/xamal.asp?id=1053