بەزىلىرىڭلار بەك قىزىقكەنسىلەر. بىرسى قوپۇپ تېما ئۆچۈردى دەپ قاخشىسىلا ئۇنىڭ گېپى چوقۇم توغرا بولارمۇ؟ ئويلىنىپ بېقىپ گەپ قىلايلى. بىزنىڭ شەبنەم ھازىر <مۇنتىزىملاشقان شىركەت> تۈسىنى ئالغان بىر شىركەتكە ئايلاندى. شۇڭا بەزىبىر مۇھىم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ ، يېڭىدىن باشقۇرغۇچىلارنى خىزمەتچى سالاھىيىتىدە ئىش ئورنىغا قويدى. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. مېنىڭ باشقۇرغۇچى دوستلارغا تەكلىپىم: شەبنەمدە <بەزىلەر> نىڭ نىيىتى بۇرۇندىن دۇرۇس ئەمەس. ئۇلار تەرجىمە ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن شەكىلدە ئۆز ئىدىيىسىنى بازارغا سېلىپ بىزنى ئىتتىپاقسىزلىققا سالماقچى.ئۇنداقلارنى بۇرۇنقى باشقۇرغۇچىلاردىن سوراڭلار ياكى مۇنبەرگە ۋە ئۆزىمىزگە كۆيۈنىدىغان تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن بايقىۋىلىپ ئۇلارغا بىرەر قارا چېكىت ئۇرۇپ قويغاننىڭ ھەممىمىزگە پايدىسى باركى زىيىنى يوق. شۇڭا ئەگەر بىرەر رەزىللىكنى بايقاپ قالساڭلارلا، ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرگىز تەستىقلىماڭلار، ئۇ شەبنەم ئەپەندىنىڭ يېقىن دوستى بولسىمۇ مەيلى،
پىرىنىسپ دېگەن پىرىنسىپ.شۇندىلا شەبنەم ھازىرقى بايراقدارلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.
شەبنەمدىكى كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ يوللۇق تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ،ۋاقتىڭلارغا يار بەرگەن ئەھۋالدا ( كۈندىلىك يوللانغان تېما سانى كۆپ، ۋاقىت چەكلىك،بىز بۇ نۇقتىدىن باشقۇرغۇچىلارنىمۇ توغرا چۈشىنەيلى.) قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى خەۋەر قىلىپ قويارسىلەر. بەزىلەرگە ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ، ئۇلار قاخشىسا قاخشاۋەرسۇن.