يالغۇز
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 40
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 400 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:36(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-04
|
ھاراق ئىچكەندە يۈزى قىزىرىدىغانلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرپتار بولۇشى يۇقۇرى بولىدۇ
ياپونىيىدىكى مەلۇم ئاخبارات بىر ۋاستىسىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكىلاتىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە ، ھاراق ئىچسە يۈزى قىزىرىدىغانلار داۋاملىق ھاراق ئىچسە ئۇلارنىڭ قىزىل ئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھاراق ئىچسە يۈزى قىزارمايدىغانلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقۇرى بولىدىكەن . كىشىلەت ئىلگىرى ئادەم بەدىنىدەALDH2 دىيىلىدىغان بىر خىل ئېچىتقۇنىڭ بارلىقىنى ، بۇنداق ئېچىتقۇنىڭ ئىسپىرتنى پارچىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلگەن . شۇڭا بەدىنىدە بۇنداق ئېچىتقۇ كەم كىشىلەر ھاراق ئىچسە ئاسانلا قىزىرىپ كېتىدىكەن . خەۋەرلەرگە قارىغاندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارمىقىدىكى خەلقئارا راك كېسىلىنى تەتقىقى قىلىش ئورگىنىنىڭ بۇ دوكىلاتىدا ئىسپىرت بىلەن راك كېسىلىنىڭ مۇناسىبىتىگە قايتا باھا بېرىلگەن . دىمەك بەدىنىدە ALDH2 ئېچىتقۇسى كەم بولغان ياكى بۇنداق ئېچىتقۇ رول ئوينىيالمايدىغانلار ھاراقىنى كۆپ ئىچسە بەدىنى ئىسپرتنى قوبۇل قىلغانسسىرى ئۇلارنىڭ قىزىل ئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن . دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 20يىل ئىلگىرىلا ھاراق ئىچىدىغانلاربىلەن راك كېسىلىنىڭ مۇناسىبىتىنى بىكىتىپ قىزىل ئۆڭگەچ راكى بىلەن جىگەر راكىنى ئىسپرت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىنى كۆرسەتكەن ئىدى . بۇ قېتىمقى دوكىلاتتا قايتا باھا بېرىپ ئەمچەك راكى ۋە چوڭ ئۈچەي راكى بىلەن ئىسپىرت ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ نەتىجە مۇناسىبىتى بارلىقى كۆرسىتىلدى . مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
تەستىقلىغۇچى : نۇرى0996
[ بۇ يازما يالغۇز تەرپىدىن 2007-04-16 22:47 دە قايتا ]
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-16 22:16 |
| |