Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىxopur01نىڭ2008-12-23 18:52 دە يوللىغان يازمىسى :
ئەگەر ئىمتاھان دىن ئۈتۈپ ئىشلىگەندە مىنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ ( زىكاۋ)ئالغان تۇلۇق كۇرس (بېنكى) دېپلومىم بىلەن مۇنتىزىم ئۇقۇپ ئالغان تۇلۇق كۇرس (بېنكى) دېپلومى دەرىجە جەھەتتە ئوخشاش بۇلامدۇ بولمامدۇ ؟
پەرىق بولمايدۇ ، ئوخشاش ئېتراپ قىلىنىدۇ ،
تولوق كۇرۇس دىپلومىڭىز بىلەن دۆلەت مەمۇرىلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ ، ئۇنۋان بولسا تېخى ياخشى، چۇنكى شۇنى تەلەپ قىلىدىغان بەزى يۇقۇرى كەسىپ تۇرلىرىمۇ بار !
دۆلەتلىك ئەدىليە ئىمتىھانىغا كەلسەك ، شۇ دىپلوم بىلەن تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر ئەدىليە ئىمتىھاندىن ئۆتسىڭىز ، يەنى مەمۇرىلىق ئىمتىھان بەرگەندە ،ئېرىشكەن نەتىجىڭىزگە 100نومور قوشوپ بېرىلىدۇ. دۆلەتلىك ئەدىليە ئىمتىھاندىن ئۆتكەندە ، نەتىجىگە قاراپ A كىنىشكە ، B كېنىشكە Cكېنىشكە بېرىلىدۇ ، خەنزۇلارغا A، B كېنىشكىلەر ئىشلىنىدۇ ، مىللىيلارغا 3 خىل كېنىشكە تولوق ئىشلىنىدۇ ، شۇڭا بۇ كېنىشكىلەرنىڭ خالىغان بىرىگە ئېرىشكەندە رەسمى ئادۋۇكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ ئۆز ئالدىڭىزغا ئادۋۇكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ ھەممىلا ئىش يەنىلا ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزغا باغلىق !! غەيرەت قىلىڭ !!