ئۇيغۇر قىزى
چىن گۈزەللەر شاھى ئىشچان ، مېھرىۋان ئۇيغۇر قىزى ،
ھەر بىرى ئاماننىساخان ، رىزىۋان ئۇيغۇر قىزى .
ئىچ - تېشىدىن چاچسا نۇرلار ، كۈن بىلەن ئاي تارتىنار ،
كۆرسە ھەتتا شاھى سۇلتان ، باغرى قان ئۇيغۇر قىزى .
ئۆي گۈلى ، باغنىڭ گۈلى ھەم كەڭ تەبىئەتنىڭ گۈلى ،
خىسلىتىدىن مىڭ ئەسىرلىك سىر ئايان ئۇيغۇر قىزى .
خۇددى بۇلبۇلدەك ناۋا قىپ گۈل باھار چىللاپ تۇرار ،
سۈزى تاتلىق . كۆپ ھايالىق ، بال زۇۋان ئۇيغۇر قىزى .
غەيرىتى بار ئەر كىشىدەك ، ئىشقا ئىشقا كەلگەندە چىۋەر،
گۈل ئېتەر باغ ، ھويلىنى ، پەھلىۋان ئۇيغۇر قىزى .
زاتى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چىن ۋاپادار نامى بار ،
پاكلىقىڭنى ئاسىرىغىن كۆپ ، بار قايان ئۇيغۇر قىزى .
مەن تىلەيمەن مەڭگۈ پارلا كۆكتە كۈن ، چولپان بولۇپ ،
يات نەزىرىدىن ، ھىيلىلەردىن بول ئامان ئۇيغۇر قىزى .
رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .