ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺩﻭﺳﺘﻼ ، ﺗﯩﭽﻠﯩﻘﻤﯘ ؟ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﻪﻧﻠﯩﻚ ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ !!! ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ !!!
شەبنەم باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار QQ توپى
توپ نۇمۇرى 58867719
باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى تېخىمۇ يېقىنلىتىش ۋە بىر قىسىم ئوقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەن تۆۋەندىكى «شەبنەم باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار QQ توپىنى » قۇرۇپ چىقتىم .
توپنىڭ ئالاھىدىلىكى ـ
سىز تېما يوللاپ بۇلۇپ قاچان تەستىقلىناركىن ؟ نىمىشقا قىسقا ئۇچۇر كەلمەيدۇ ؟ دەپ يۈرمەيسىز ! توپقا ئۇچۇر يوللاش ۋە ياكى توپتىكى مەلۇم بىر باشقۇرغۇچىغا بىۋاستە ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق يوللىغان تېمىڭىزنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسىڭىز بۇلۇدۇ .
شەبنەم مۇنبىرى ۋە شەبنەم مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلار ئۈستىدىن تەكلىپ - پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىزمۇ مۇشۇ توپقا بېرىڭ ، ئىشىنىمىزكى بەرگەن پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بولسىلا باشقۇرغۇچىلار ۋە شەبنەم خادىملېرى مەسلىھەتلىشىپ تەكلىپىڭىزنى رىياللىققا چىقىرىشقا تىرىشىمىز !
توپنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى
بۇ توپتا ھەرخىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ .مەسلەن : سىز شەبنەم مۇنبىرىدە بايقىغان مەسىلەرنى دەل ۋاقتىدا داۋاملىق باشقۇرغۇچىلارغا ھەمدە شەبنەم خادىملېرىغا ئەسكەرتسىڭىز ، يەنى پۈچەك ئىنكاسلارنى ، تەكرار تېمىلارنى ۋە ياكى مۇنبەرگە زىت تېما _ ئىنكاسلارنى بايقىسىڭىز ۋە شۇنداقلا توپقا خەۋەر قىلسىڭىز ئىپادىڭىزغا قارىتا ھەر ئايدا « نادىر ئەزا » « ئىلغار ئەزا » ۋە « تۆھپىكار ئەزا » قاتارلىق ناملار بىلەن مۇكاپاتلىنىسىز .
بۇ پائالىيەت مۇنداق 3 تۈرگە بۈلۈنىدۇ . 1- نادىر ئەزا بۇنۇڭدا بىر مىدال 20 تۆھپە 20 ياخشى باھا 20 شۆھرەت ۋە 10000 ( ئون مىڭ ) مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .مۇنبەردە ئايرىم تېما قىلىنىپ بىر ھەپتە چوققىلىنىدۇ . 2- ئىلغار ئەزا بۇنۇڭدا بىر مىدال 10 تۆھپە 10 ياخشى باھا 10 شۆھرەت ۋە 5000 (بەش مىڭ ) مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ . مۇنبەردە ئايرىم تېما قىلىنىپ 4كۈن چوققىلىنىدۇ . 3- تۆھپىكار ئەزا بۇنۇڭدا 5 تۆھپە 5 ياخشى باھا 5 شۆھرەت ۋە 1000 ( مىڭ ) مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ . مۇنبەردە ئايرىم تېما قىلىنىپ 2 كۈن چوققىلىنىدۇ. بۇ ئەزالار توپتا بىر ئاي ئىچىدە تاللىنىدۇ ،تاللانغانلېرىنى باشقۇرغۇچىلار ئاۋاز قويۇش ئارقىلىق بىكىتىدۇ . ۋە دەرىجىگە تۇرغۇزىدۇ . پائالىيەت ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ ، ھەر ئايدا ئۇدا مۇكاپاتلانغانلارنى شەبنەم ئەپەندىم يىل ئاخىرىدا ماددى بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلايدۇ .
دېققەت قىلىدىغان ئىشلار !
بۇ توپ شەخسەن شەبنەم مۇنبىرىدىكىلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان توپ بۇلۇپ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى قېتىشقا بولمايدۇ ! ئەخلاقسىز ناچار پاراڭلارنى قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ . شەبنەم تورى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى قەستەن ھاقارەتلىگەن ئەزالارنىڭ مۇنبەردىكى ئېسىمى چەكلىنىش بىلەن بىرگە توپتىن ئاشكارە ھالدا قوغلىنىدۇ . قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ IP ئادىرىسى ۋە مەشخۇلاتى خاتىرلىنىپ ج خ ئورۇنلېرىغا تاپشۇرىلدۇ . ئاخىردا تەكىتلەيدىغىنىمىز : بۇ توپنى زىدىيەت ئۇرىقى چاچىدىغان يەر كۆرمەستىن ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا نەپ بېرىدىغان مۇنبەت زىمىن كۆرگەيسىز !
ئورتاق شۇئارىمىز ::::::::: شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ،بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز !:::::::::
ــــــــــــــــــ
توپقا قوشۇلىشنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى چۈشەندۈرىشكە قاراڭ!
ئاۋال QQ نى ئاچىسىز ، ئاندىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جاينى باسىسىز ( بەلگىلەرگە دېققەت قىلىڭ )
ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جاينى بېسىڭ !
رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جاينى باسىسىز ( بەلگىلەرگە دېققەت قىلىڭ )
رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جاينى باسىسىز ( بەلگىلەرگە دېققەت قىلىڭ )
رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جاينى باسىسىز ( بەلگىلەرگە دېققەت قىلىڭ )
شەبنەم تورى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالىسىڭىز ،قېنى ئۆز پىكىرىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇڭ ! بۇ توپ سىزنى كۈتمەكتە !
دېققەت توپقا قوشۇلغانداQQ ئېسىمىڭىزنى مۇنبەردىكى ئېسىمىڭىزغا ئۆزگەرتىڭ!