باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى tughrul بۇ تېمىنى تەرمىلەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-23)
1.زىيادە سېزىمچانلىق: ئاتا-ئانىنىڭ خالىغان بىرسىدە زىيادە سېزىمچانلىق بولسا،پەرزەنتنىڭ زىيادە سېزىمچانلىققا گىرىپتار بولۇشنىڭ نىسبىتى%48گە يىتىدۇئەگەر ھەرئىككىلىسىدە بولسا،پەرزەنتنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى%70كە يىتىدۇ. 2. دەم سىقىلىش،زىققا كېسىلى: ئاتا-ئانىسنىڭ خالىغان بىرسىدە زىققا كېسىلى بولسا،پەرزەنتنىڭ زىققا كېسىلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى%25كە يىتىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككىلىسىدە بولسا، پەرزەنتلەرنىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتتار بولۇش نىسبىتى%50تىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. 3. ھۆل تەمرەتكە: بېلىق قاسىرقىي شەكىللىك، قىچىشىدىغان ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولۇش تارىخى بار ئائىلدىكى پەرزەنتلەر ئادەتتە%20تىن%70كىچە تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ. 4. شەقىقە(باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش): ئەگەر ئاتا-ئانىدا بۇ ىىل كېسەللىك بولسا،پەرزەنتلەرنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى%75كە يرتىدۇ. 5. زىيادە سېزىمچانلىق خارەكتىرىگەە ئىگە بولغان ئاشقازان-ئۈچەيئۇنۋېرسال كېسەللىكى:بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش تارىخى بار ئائىلەردىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ گېرىپتار بولۇش نىسبىتى بۇ خىل كېسەللىك تارىخى يوق ئائىللەردىكى كىشلەرگە قارىغاندا2.3ھەسسە يۇقۇرى بولىدۇ. 6.خامۇشلۇق كېسىلى:ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش تارىخى بولسا، پەرزەنتلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقۇرى بولىدۇ. 7. ئۇزۇقلىنىشتىكى رېتىمسىزلىق:ئاتا-ئانىنىڭ بىرسىدە ئىشتىھاسىزلىق بولسا،پەرزەنتنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا بالىلارغا قارىغاندا 12ھەسسە يۇقۇرى بولىدۇ.
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 2008-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سانىدىن |