-ئابلىكىم غۇپۇر
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ! <<شەبنەم مۇنبىرى >> دىكى بارلىق ئوقۇرمەن دوستلار قەلەم قابىليىتىمنىڭ تازا مۇكەممەل بولماسلىقى سەۋەبىدىن بەزى بىر يىتەرسىزلىكلەردىن مۇستەسنا ئەمەسمەن! ئولۇغ ئانىللىرمىزنىڭ بىرتامچە سۈتى ھەققىگە قانچە قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ... شۇ تاپ تولمۇ خىجىلمەن... مىڭ نەچچە يۈز كىلو مىتىر يىراقلىقتىكى بۇشەھەردە خاتىرجەم ئوقۇپ يۈرگىنىمدە ،جاپاكەش ئانام تىرىكچىلىك يۇلدا ئېتىزلاردا چېپىپ ،قاقاسلىقلارغا ئوسما قويۇپ يۈرۈيدىغاندۇ ھە! بىراق مەنچۇ ؟ مۇشۇ شېئىرم ئارقىلىق ئانامغا بولغان، بارلىق جاپاكەش ئانىلارغا بولغان سېغىنىش ۋە ساداقىتىمنى ئىپادىلەش ۋە ئانامنى ئۈن- تىنسىز ئەسلەشتىن باشقا نىمە قىلالىدىم. قوبۇل قىل، ئانا بۇ يۈرەك سوۋغامنى!...
ئېتىزلاردىن بېرى كەلمەيسەن،
كېچە - كۈندۈز جاپاكەش ئانا.
ۋايسىتالماس كۆيدۈرگە ئاپتاپ،
سەن قۇياشتىن تۇغۇلغانمۇ يا؟
ئاتمىش يىلدا ئاتمىش باھارىڭ،
ئۆتتى ئېتىز قىرلار بېشىدا.
مۇھەببەتلىك باغرىڭدا ياشاپ،
ئەللىيىڭدە تەۋرىنەر دۇنيا.
پەرىشتىسەن جاپاكەش ئانا،
بار قەلبىڭدە ئەڭ چوڭقۇر كۈيۈم.
ساڭا ئاتاپ ناخشىلار يازسام،
كۈيەر ئەمما بۇ ئاجىز تىلىم.
( مەنبەسى: ئۆز شېئىرىم )