ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 567 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: شىنجاڭغا 77 مىليارد 300 مىليون يۈەن تاشقى مەبلەغ سېلىندى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

uZluk
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 شىنجاڭغا 77 مىليارد 300 مىليون يۈەن تاشقى مەبلەغ سېلىندى

   مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خېرىدار چاقىرىش – تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ 11- ئېيىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىيلەشكەن تاشقى مەبلەغ 77 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.79 ئاشقان. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 187 مىليون 50 مىڭ دوللار بولۇپ، %54.10 ئاشقان.
   خېرىدار چاقىرىش – تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياۋ جيەنشىن مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىل 80 مىليارد يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىدىغان بولدى.
   بۇ يىل دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار مەۋقەنى غەربكە يۆتكەپ، شىنجاڭنى مەبلەغ سېلىش نىشانى قىلىش بىلەن بىللە، دۆلەت سىرتىدىكى چوڭ كارخانىلارمۇ جىم تۇرمىدى، ئۇلار ئارقا – ئارقىدىن شىنجاڭغا كىرىپ، پۇل تېپىشقا كىرىشىپ، مۇھىم نۇقتىنى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، ئېكسپورت ئۈچۈن پىششىقلاش قاتارلىق تۈرلەرگە قاراتتى. 11 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئامېرىكا ‹‹سېمىنىس›› مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئۇرۇقى تۈرى، ئامېرىكا ‹‹پىڭتيەن›› شىركىتى تۈرى، ئاۋمېن ‹‹خېڭخې›› مەبلەغ سېلىش تۈرى، سىنگاپور ‹‹فېڭيى›› تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەۋزەل تۈرلەر ماھىيەتلىك خىزمەت باسقۇچىغا كىرگۈزۈلدى.
   بايلىق ۋە سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدا ماكانلاشقان چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ قايتا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ئاشتى. ھازىر بۇ كارخانىلار خوجايىنلىرى كۆپ تۈر، چوڭ كۆلەم بويىچە مەبلەغ سېلىشقا ئاتلاندى، بەزى كارخانا خوجايىنلىرى ھەتتا ئون نەچچە تۈرگە مەبلەغ سالدى، سالغان مەبلىغى نەچچە ئون مىلياردقا يەتتى. جېجياڭ ‹‹شېڭشيۇڭ›› گۇرۇھى تۇرپان ۋىلايىتىدە مېتاللوئېد ئېچىشقا 10 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالدى، ئۇلارنىڭ بۇ بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيتىپ سالغان مەبلىغى 600 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.
   ئاپتونوم رايون بويىچە جەلپ قىلىنىپ ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەلپ قىلىنغان رايون سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى بىر تۈركۈم چوڭ تۈردە چوڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىگە كىرگەن، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. يېقىندا، جۇڭگو ‹‹ۋەنشياڭ›› گۇرۇھى مەبلەغ سالغان تۇرپاندىكى 50 مىڭ توننىلىق نىتراتىن تۈرىنى سىناق قىلىش ئوڭۇشلۇق بولدى، كېلەر يىلى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، مۇشۇ ئاساستا يىللىق مەھسۇلاتى 600 مىڭ توننىلىق تۈرمۇ باشلىنىدۇ.
   چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ تەسىرى ۋە باشلامچىلىقىدا، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىزغا 1200 ئادەم – قېتىم سودىگەر كېلىپ، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولدى؛ چوڭ تىپتىكى مەبلەغ سېلىش مۇددىئاسىدىن 90 ى تۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭراق تۈر .32 ھازىر بۇ تۈرلەر ئالدىنقى قارارلىق يولغا قويۇلۇش باسقۇچىغا كىردى.

                                  مەنبە : 2008- 12- 18 12:42 شىنجاڭ گېزىتى

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-23, 09:43

 

ئۆزەمنىڭ نادىر تور ئويۇنلىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-23 14:43 |
Rexisur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 10390
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 744
شۆھرەت: 755 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7454 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 254(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 

شىنجاڭغا 77 مىليارد 300 مىليون يۈەن تاشقى مەبلەغ سېلىندى.


بۇ مەبلەخلەر كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدى؟

ھەقىقىي مىسۋاك
      مائارىپ ئارمىيەدىن مۇھىم.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 17:54 |
azhar888
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 17569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 540
شۆھرەت: 541 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 216(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

مەن  تىخى  دۇلەت  مەبلەغ  سالغان ئۇخشايدۇ   دەپ  تىنىقىم يىتىشمەي
يۇرەك  كىسىلىم قۇزغۇلۇپ كەتكىلى ئازلا قالغان.
تىمىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن  يۇرەك  ھەركىتىم نۇرمالاشتى
  بۇ يىل دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار مەۋقەنى غەربكە يۆتكەپ، شىنجاڭنى مەبلەغ سېلىش نىشانى قىلىش بىلەن بىللە، دۆلەت سىرتىدىكى چوڭ كارخانىلارمۇ جىم تۇرمىدى، ئۇلار ئارقا – ئارقىدىن شىنجاڭغا كىرىپ، پۇل تېپىشقا كىرىشتى
    

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 18:07 |
Martian
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 64311
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 349
شۆھرەت: 380 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3480 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 242(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

بۇ ساننى شىنجاڭنىڭ يەر مەيدانى 1 تىرلىيون 600مىليات (1600000000000) كىۋادرات مىتىرغا بۆلىدىغان بولساق، بۇنىڭ نەقەدەر بىر ئاز سان ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز...

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
ئانا تىل كۆزدۇر، ئۆزگە تىل كۆزئەينەك.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 18:18 |
palta
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 13316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 533 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4899 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 307(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 

شىنجاڭنىڭ يەركۆلىمى بىر مىليون ئالتە يۈز ئاتمىش كۋادرات (166مىليون)كىلومېتىر
يۇقۇردىكى تورداش خاتا يېزىپ قويۇپسىز

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
52522
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-24 00:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » خەۋەر-ئۇچۇرلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-24 06:51, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ