ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 829 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئاپتونوم رايونىمىز پۇل مۇئامىلە خەۋپىدىن قانداق ساقلىنىشى كېرەك؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

uZluk
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 ئاپتونوم رايونىمىز پۇل مۇئامىلە خەۋپىدىن قانداق ساقلىنىشى كېرەك؟

2008- 12- 22 15:54 شىنجاڭ گېزىتى

خۇاڭ يەن

   ھازىر ئامېرىكا ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كرىزىسى پەيدا قىلغان پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پۈتكۈل يەرشارىغا يامرىدى. شۇڭا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى قىزىق پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى. قانداق قىلغاندا خەۋپتىن ساقلىنىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئازايتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇلار بارغانسېرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلاندى.
   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇيمىن مۇنداق دېدى: گۈللىنىش ۋە خەۋپ ئەزەلدىن پۇل مۇئامىلە بىلەن قوشكېزەك. پۇل  مۇئامىلە ساھەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ‹‹سۇ كەلگىچە توغان سېلىش›› قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەرقانداق مەزگىلدە ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.  بۇ يىل 10 – ئاينىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى ۋە خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبىسى، شىنجاڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاكسىيە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىسى، سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئورگانلىرى شىنجاڭ دائىرىسىدە پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋپلەرنى ئېنىقلىدى. بۇ، پۇل مۇئامىلە خەۋپىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ مالىيە مەھسۇلاتلىرىدا يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەر ساقلانغان بولۇپ، بۇ مۇئامىلىدارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە موھتاج.
   ئۈرۈمچى، قاراماي، ئاقسۇ، كورلا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاش ۋە قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋاللىرى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ساقلىنىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە كەسپىي پائالىيەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسى كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، قانۇنسىز پائالىيەتلەر يەنىلا باش كۆتۈرۈپ قالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن زەربە بېرىش ۋە تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.
   ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان شەھەرلىك سودا بانكىلىرى بىلەن شەھەرلىك ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ كرېدىت خەۋپى مەسىلىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.
   بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بانكا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك كەسپىدە ئالاھىدە يۈكسىلىش بولدى، لېكىن 1 – ئايدىن 9 – ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىسى تاپشۇرۇۋالغان بانكا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىكىدە سېتىشقا خاتا يېتەكچىلىك قىلىش ئىنكاس قىلىنغان ئەرز دېلولىرى بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %50 ئاشقان.
   ۋاڭ خۈيمىن: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى يۇقىرىقى مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىلىرى بىلەن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى تۈزۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشنى مۇزاكىرە قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۆتكەن تۆت – بەش يىلدا پۇل مۇئامىلە خەۋپى ۋاقتىدا تۈگىتىلمىگەچكە، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ قېتىم پۇل مۇئامىلە خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، زور بەدەل تۆلەپ، چوڭقۇر ساۋاق ئالدى.
1
   2003 – يىلى 10 – ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹قۇلماق ۋەقەسى››، ‹‹دېلۇڭشى›› كرىزىسى، شىنجاڭ ئاكسىيە شىركىتى تىجارەت خەۋپى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ۋەقەلىرى كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر زەربە بولدى. تۆت – بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز پۇل مۇئامىلىسى زور سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈردى.
   پۇل مۇئامىلە ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرىدە، 2004 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن %10 پوئېنت تۆۋەنلىگەن، بەزى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ناچار قەرز پۇل نىسبىتى %5.8 پوئېنت ئۆرلىگەن، بۇلارغا 500 نەچچە كارخانا، ئورۇن چېتىلغان.
   شىنجاڭ قۇلماق پاي چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ قۇلماق خام ئەشياسى، قۇلماق كومۇلىچى بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ئىدى، لېكىن قۇلماق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەكرەم ئەيسايوف كېپىل بولۇش قاتارلىق مۇناسىۋەت ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ نۇرغۇن مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىپ پاي چېكى سېتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن كارخانىدا مەبلەغ ئۈزۈكچىلىكى كۆرۈلۈپ، زور قەرز پۇل كرىزىسى يۈز بەرگەن. 2003 – يىلى 10 – ئايدا ئەكرەم ئەيسايوفنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان ‹‹قۇلماق ۋەقەسى›› يۈز بەرگەن.
   ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىشىچە، 2003 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىركەتنىڭ قەرزى ۋە ئاز ساندىكى پايچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەت سوممىسى 2مىليارد 294 مىليون يۈەن، ساپ مال – مۈلۈكى 1 مىليارد 161 مىليون يۈەن بولۇپ، شىركەتنىڭ مەبلىغى قەرزگە چىقىش قىلالماي قالغان.
   بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن شىركەتنىڭ ۋەيران بولۇپ، ھېسابنى ئېنىقلاش ياكى قايتا تەشكىللەشتىن باشقا يولى يوق ئىدى.
   شىركەت ۋەيران بولۇپ بازاردىن چېكىنسە، 3000 دىن كۆپ ئىشچى – خىزمەتچى ئىش ئورنىدىن قالاتتى، پايچىلارنىڭ سالغان مەبلىغى بىكارغا كەتكەن بولاتتى. تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋال شۇكى، قۇلماق شىركىتىنىڭ ‹‹كېپىل مۇناسىۋەت زەنجىرى›› مەسىلىسى مۇرەككەپ بولغاچقا، كېپىللىك ۋە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلسە، زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلاتتى؛ پاي چېكى بازارغا سېلىنغان نۇرغۇن شىركەتنىڭ مەبلىغى ئۈزۈلۈپ قالاتتى، بانكىنىڭ پاسسىپ قەرز نىسبىتى شىددەت بىلەن ئېشىپ، 9 مىليارد يۈەنلىك قەرز خالاس بولۇپ، ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پارتلايتتى.
   بۇنداق ئەھۋالدا قايتا تەشكىللەش بىردىنبىر يول ئىدى.
   2004 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ‹‹قۇلماق ۋەقەسى›› ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ئەينى چاغدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇاڭ جۈگە ئەھۋالنى دوكلات قىلدى. خۇاڭ جۈ مۇنداق يوليورۇق بەرگەن: پرىنسىپ جەھەتتە قۇلماق شىركىتىنى بازار ئەندىزىسى بويىچە قايتا تەشكىللەپ، قەرزىنى كېمەيتىش مەسىلىسىنى يەككە دېلو سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
   ئاخىرىدا قۇلماق شىركىتىنىڭ قەرزىنى كېمەيتىش سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، مال – مۈلۈك بىلەن قەرز ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتۈرۈلگەن. ‹‹لەنجيەن›› شىركىتى، ‹‹جياشىبو›› شىركىتى بېيجىڭدا مال – مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ شېرىكچىلىكىدىكى شىركەت شىنجاڭ ‹‹لەنجيەن جيەنياڭ›› مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قۇلماق شىركىتىنىڭ %50 پاي ھوقۇقى ۋە 179 مىليون يۈەن پۇلىنى ‹‹شىخۇ پىۋىسى›› شىركىتىگە شەرتسىز ئۆتكۈزۈپ بەردى. قۇلماق شىركىتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ پىۋىسى››نىڭ %55 پاي ھوقۇقىنى ‹‹شىخۇ پىۋىسى›› شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بىلەن ‹‹شىخۇ پىۋىسى›› شىركىتى بىلەن  ‹‹شىنجاڭ پىۋىسى›› شىركىتىنىڭ بىرلىشىشى ئەمەلگە ئاشتى.
   قۇلماق شىركىتى قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىن، باشقا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ كېپىللىك خەۋپى تۈگىتىلىپلا قالماستىن، قەرز زەنجىرى ئۈزۈپ تاشلاندى، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.
   قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى قۇلماق شىركىتى ياخشى تەرەققىيات يولىغا ماڭدى. كەينى – كەينىدىن يولغا قويۇلغان مال – مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەش ۋە پاي ھوقۇقىنى تەقسىملەش ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ‹‹شىخۇ پىۋىسى›› شىركىتى بىلەن ‹‹شىنجاڭ پىۋىسى›› شىركىتى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىنىپ، شىركەت غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ پىۋا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گېرمانىيە ‹‹پۇلوست›› شىركىتى ئاسىيادا دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە ‹‹ئەقلىي ئىقتىدارلىق›› قۇلماق كۇمۇلىچى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، قۇلماق شىركىتىنىڭ قۇلماق پىششىقلاش ئىقتىدارى 5000 توننىدىن ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۇنيادا 2 – ئورۇنغا ئۆتتى.
2
   2008 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى ‹‹بازارغا كىرىشنى مەنئى قىلىش قارارنامىسى››نى ئېلان قىلىپ، بىر مەھەل زىلزىلە قوزغىغان سابىق شىنجاڭ ئاكسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز يۇتۇۋېلىش دېلوسىدىكى جاۋابكار گاۋخۇ، جوچىڭنىڭ بازارغا كىرىشىنى چەكلىدى.
   2005 – يىل 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى سابىق شىنجاڭ ئاكسىيە شىركىتى دېلوسىنى تەكشۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئاكسىيە ۋەقەسى شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق سىناق بولدى.
   ئەينى چاغدا شىنجاڭ ئاكسىيە شىركىتى قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھاۋالىلىك روزىغار باشقۇرۇش كەسپىنى يولغا قويغان، شىركەتتە مەبلەغ جىددىيچىلىكى كۆرۈلگەندىن كېيىن، مۇئامىلىدارلارنىڭ كاپالەت سوممىسىنى ھاۋالىلىك روزىغار باشقۇرۇشتىكى مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە يۆتكەپ ئىشلىتىپ، شىركەت مەبلىغىنىڭ يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق 2006 – يىل 2 – ئاينىڭ 17 – كۈنىگىچە شىنجاڭ ئاكسىيە شىركىتى نەقلەشتۈرمىگەن ھاۋالىلىك روزىغار باشقۇرۇش مەبلىغى 987 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئورگان مەبلىغى842 مىليون يۈەن، تەبىئىي شەخس مەبلىغى 145 مىليون يۈەن بولغان. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ساپ مال – مۈلكى 1 مىليارد 365 مىليون يۈەن ئىدى.
   ھېسابات تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئورگان قەرزى ئىچىدە يەنە 470 مىليون يۈەن تۇرالغۇ جامائەت فوندى، سۇغۇرتا مەبلىغى قاتارلىق زىل ھەقدارلىق ھوقۇقىمۇ بولۇپ، ھاۋالىلىك روزىغار باشقۇرۇش مەبلىغى زىيانغا ئۇچرىسىلا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار زىيان تارتىپ ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالاتتى. بۇ، ‹‹قۇلماق ۋەقەسى››، ‹‹دېلۇڭشى›› كرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك ئىقتىسادى ئۈچۈن ‹‹ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك›› دېگەندەك ئىش ئىدى.
   2006 – يىل 2 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە قۇرغان شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاكسىيە خەۋپىنى رەسمىي بىر تەرەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاكسىيە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ ئالاقىدار مال – مۈلكىنى تاپشۇرغۇزۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى.
   گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو ئاكسىيىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداش فوندى شىركىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ئاساسەن شەخسىي ھەقدارلىقنى سېتىۋېلىپ، مۇئامىلىدارلارنىڭ سودا راسچوت مەبلەغ بوشلۇقىنى تولدۇردى.
3
   ‹‹دېلۇڭشى›› كرىزىسى پارتلاپ ھازىرغىچە تۆت يېرىم يىل ئۆتتى، لېكىن كۆپچىلىك ئۇنىڭغا يەنىلا ئىلگىرىكىدەك دىققەت قىلىۋاتىدۇ.
   ‹‹دېلۇڭشى›› كرىزىسى ‹‹جىنشىن›› ھاۋالە دېلوسى، ‹‹تەڭرىتاغ›› پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنى قايتا تەشكىللەش، ‹‹تۇنخې›› پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنى قايتا تەشكىللەش قاتارلىق دېلولارغا چېتىلىدۇ، بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەل قىلىش نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە ئەگرى – توقايلىقلارغا دۇچ كەلدى. ۋاڭ خۇيمىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بېشىدىن كەچۈرگەن پۇل مۇئامىلە خەۋپى ۋەقەلىرىگە ئوخشاش ‹‹دېلۇڭشى›› كرىزىسىنىڭ تېز، پۇختا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى گوۋۇيۈەننىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ بىردەك قوماندانلىقى ۋە كەسكىن تەدبىر بەلگىلىگەنلىكى، ‹‹دېلۇڭشى›› خەۋپىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۈگىتىشكە قاتناشقان مىنىستىرلىك، كومىتېت ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ ئىجتىھاتلىق خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى.
   ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ‹‹دېلۇڭشى›› كرىزىسىگە ‹‹قۇلماق ۋەقەسى››دىكى قايتا تەشكىللەش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شىركىتى ‹‹تەڭرىتاغ›› پاي چەكلىك شىركىتىنى قايتا تەشكىللىگەن، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹تۇنخې›› پاي چەكلىك شىركىتىنى قايتا تەشكىللىگەن. ھازىر، بۇ بىر نەچچە كارخانىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ئوبدان، ‹‹دېلۇڭشى›› شىركىتىنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاش ئىشلىرىمۇ تەرتىپلىك بولۇۋاتىدۇ.
   ۋاڭ خۇيمىن مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە خەۋپى ھەر قاچان مەۋجۇت، ئۇ كاللىمىزغا تەڭلەنگەن قوش بىسلىق شەمشەر. تارىختىن بۇيانقى پۇل مۇئامىلە خەۋپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى تەدبىرى ئېتىراپ قىلىندى، بولۇپمۇ مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى پۇل مۇئامىلە ئوبرازى تىكلىنىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئاشۇرۇلدى. بۇ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئاپتونوم رايونىمىز پۇل مۇئامىلە خەۋپى ۋەقەسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، پۇل مۇئامىلىنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالدى، بۇ، 2007 – يىلى ۋە 2008 – يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تولۇق ئىپادىسىنى تاپتى.
   2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى ۋە قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى 13 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇ يىل دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پېيىنى بازارغا سالغان شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاپ قالغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە پېيىنى بازارغا سالغان 29 شىركەت پايدا ئالدى. ‹‹شىنجاڭ بۆلىكى›› ئېلىمىز ئاكسىيە بازىرىدىكى ئەڭ جانلىق بۆلەكلەرنىڭ بىر بولۇپ قالدى.
   شەرقىي ئاسىيا چەت ئەل مەبلىغى بانكىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يەنىمۇ زورايتىلدى، تۈرلۈك ئامانەت پۇل، قەرز پۇل كەسپى ئۇزاق مەزگىللىك ئاستا سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلدى، بۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كرېدىت ئومۇمىي سوممىسى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، كرېدىت قالدۇق سوممىسى بۇلتۇرقىدىن 30 مىليارد يۈەن كۆپ بولدى، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسى تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
   بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تۈزۈمنى ئاساس قىلغان كاپىتال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشكارا، ئادىل، ئېنىق كاپىتال بازىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئامانەت – قەرز پۇل مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئاساس، قانۇن كاپالەت قىلىنغان ئىجتىمائىي ئامانەت – قەرز پۇل تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار، بولۇپمۇ مەبلەغ سالغۇچى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ. ۋاڭ خۇيمىن كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈستىدە توختالغاندا: بۇ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكىلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىغا باغلىق، دېدى.
   خۇيمىن ناھايىتى ئىشەنچلىك ھالدا: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش 30 – يىلىغا قەدەم قويغان پەيتتە شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، دېدى.
مەنبە : تەڭرىتاغ تۇرى

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-23, 06:43

 

ئەزىز بوۋاق
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-23 14:40 |
kaynam1137
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61758
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

خەۋەردار قىلغىنىڭزغا رەھمەت.

ئەزىز بوۋاق
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 15:01 |
uZluk
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىkaynam1137نىڭ2008-12-23 15:01 دە يوللىغان يازمىسى   :
خەۋەردار قىلغىنىڭزغا رەھمەت.


مانا ... تېما تەستىقلىنىپ چاقماق تېزلىكىدە بىر ئىنكاس چۈشتى.
ئۇقۇدىڭىزمۇ تېمىنى ؟!   نېمىلەرنى چۈشەندىڭىز .....

ئەزىز بوۋاق
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 15:05 |
arkhon
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9172
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1108
شۆھرەت: 1184 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10730 سوم
تۆھپە: 215 نۇمۇر
ياخشى باھا: 254 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3923(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 

ئىقتىسادى  كىرىزىس ئاللىقاچان ئۆز تەسىرىنى ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا كۆرسىتىشكە باشلىدى..ئويلاپ  قالىمەن بۇ  كىرىزىستىن ئاللاھ  قۇتقۇزمىسا ئۇيغۇرنىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادى  كۈچى يوق كىرىزىسقا تاقابىل تۇرغۇدەك..

ئەزىز بوۋاق
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 16:57 |
555rikabatqi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59451
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 321
شۆھرەت: 322 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3210 سوم
تۆھپە: 570 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 531(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

بۇ تېمىدا خەلقارا پۇلكىرىزىسى توغرىسىدا تۈزۈك راق چۈشەنچە بېرىلمەپتىغۇ ؟..ھەممە كەلگۈلۈك مۇشۇ بىچارە دېھقانلارغا كىلىدىكەن ........بۇندىن كېيىن قانداق بولار......   

ئەزىز بوۋاق
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 18:12 |
BaY_WaQQi
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 56837
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 167 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 867 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 19:11 |
mollatapkak
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 30490
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

          

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 20:56 |
okyan0805
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68304
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

كەلگۇلۇك دېھقان ئاكىمزغىلا  كەلمەيدۇ ؟سز ۋە بىزگىمۇ  كېلىدۇ                     

ئەزىز بوۋاق
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 23:56 |
uZluk
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 

ئىنكاس ئۈچۈرۈش قۇلۇمدىن كەلگەن بۇلسا يۇقىرىدىكى بىرقانچە ئىنكاسنى تازىلاپ ئەخلەت ساندۇقىنىڭ كۆرۈنمەيدىغانلا يېرىگە تېقىۋىتەكەنمە

ئەزىز بوۋاق
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-24 00:04 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » خەۋەر-ئۇچۇرلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-24 06:50, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ