ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 184 ـ ئوقۇرمىنى
97BIRTALGUL
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 40937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 202
شۆھرەت: 203 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1970 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 699(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 ئەلۋىدا مىنىڭ بۇلبۇلۇم -(بىرتال گۈل )

بۈگۈن مەن كىچكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلۇرۇمنى ، ئاتا -ئانامنى، گۈزەل يېزامنى تاشلاپ يۇقۇرلاپ ئۇقۇش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە يول ئالدىم .
يولدا بارغۇچە كىچىكىمدىن تارتىپ ئارزۇ قىلغان ، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقدىن بەكمۇ خوشال ئىدىم .
مەن بىلەن بىرگە ماڭغان يەنە بىر ساۋاقدىشىشممۇ بار ئىدى ، بىز يولدا بارغۇچە ئالىي مەكتەپ قانداق جايدۇ ؟ ئاتا -ئانمىز دېھقان بىزنى ئۇقۇتۇشى ئاسان ئەمەس ! چۇقۇم تىرىشىپ ئوقۇيلى دىگىنىمىزچە بىز بارماقچى بولغان مەكتەپنى خىيالى تەسۋىرلەپ چوڭقۇر ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن ماڭدۇق .
بىز تەشنا بولغان مەكتەپكە ئاخىرى يىتىپ كەلدۇق . يېڭى كەلگەن ئۇقۇغۇچلارنىڭ كۆپلىكدىن مەكتەپ ئىچى خۇددى قايناق بازارغىلا ئوخشاپ  قالغان ئىدى .
تىزىمغا ئالدۇردۇق ، مەن بىلەن  بىللە كەلگەن بىر يۇرتلۇق ھەم ئەڭ يېقىن دوستۇم ئايگۈل بىلەن بىر سىنىپقا تەقسىم قىلىندىم . ئىككىمىز خوشاللىغىمىزدىن كىچىك بالىلاردەك سەكرىشىپ كەتتۇق .
سىنىپ مەسئۇلىمىز شەمشىنۇر خانىم بىزنى ياتاققا باشلاپ باردى ، ياتاقنىڭ ئىچى شۇنداق ئازادە پاكىز ئىدى،  8  كىشلىك كارۋات قۇيۇلغان ، ياتاقتىكلەرمۇ بىر -بىرىمىز بىلەن تۇنۇشمايتۇق مەن دوستۇم ئايگۈل بىلەن ئاستى-ئۈستى كارۋاتقا ئۇرۇنلاشتۇق . مەن ئىگىز يەردىن بەك قورقاتتىم شوڭا ئايگۈلگە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ پەستىكى كارۋاتتا مەن ياتىدىغان بۇلۇپ،  نەرسىلىرىمنى يىغشتۇردۇم ، ياتاقتىكلەر بىرگە تاماق يىگەچ بىر -بىرىمىز بىلەن تۇنۇشۋالماقچى بۇلۇپ تاماققا چىقتۇق . تاماق يىگەچ پاراڭلىشىپ بىر - بىرىمىز بىلەن خېلىلا چىقشىپ قالدۇق .
سىنىپىمىزدا 50نەپەر ئۇقۇغۇچى بار ئىدى ، بۇلارنىڭ 30ئۇغۇل ، 20قىز . تۇنجى يۇز كۇرۇشىشىمىز بولغاچ ئىسملىرىمىزنىمۇ بىلىشمەيتۇق ، شوڭا سىنىپ مەسئۇلمىز ھەممىمىزنىڭ ئىسمنى بىردىن -بىر چاقىردى، ئىسمى چىققانلار بار دەپ ئورونلىرىدىن تۇرۇشتى . نۆۋەت ماڭا كەلدى. راھىلە ! بار دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم شۇ ۋاقىتتا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭلا قاراپ قالغاندەكلا خىجىلىققتىن يۇزۇم قىزىرىپلا كەتتى دەرھاللا ئولتۇرۋالدىم  .
شۇ تەرىقىدە ئۆتۇۋەردۇق مەن ئۆيدىن ئايرىلغىلمۇ توپ توغرا 20كۈن بوپتۇ . بۇ مىنىڭ دادام -ئاپامدىن تۇنجى قېتىم ئايرىلىشىم بولغاچ ئۇلارنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدىم  .
ياتاققا چىقىپلا ئۆيگە خەت يازدىم . خېتىمدە ئۆزەمنىڭ ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقمنى ، مەكتەپكە كۈنۈپ قالغانلىمنى ،تاماقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكنى مەندىن ئەنسىرىمەسلىكنى ئىشقىلىپ ئۇلارنى خاتىرجەم  قىلىش ئۈچۈن ھەممىنى ياخشى دىدىم. ئوپچە قازاننىڭ تامقى قانداقمۇ ئۆيدىكى ئاپام ئەتكەن تاماققا ئوخشىسۇن ! شۇنداقتىمۇ ماڭا ياخشى دىمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى . شۇنچە جاپادا مىنى ئۇقۇتقان تۇرسا ئۇلارنىڭ مەندىن ئەنسىرىشىنى پەقەتلا خالىمايتىم .
مەكتەپتىن يېڭى كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئەدەبىي -سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بۇلۇپ ، شۇنۇڭغا تەييارلىق قىلماقچى بولدۇق  .خانىم سەنئەتتە ئىقتىدارى بار ئۇقۇغۇچلارنى تىزىملاشقا باشلىدى ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە سىنپىمىزدىن مەن ۋە بىر ئۇغۇل ساۋاقدىشىم تاللاندۇق .
چۈشتىن بۇرۇرن دەرىسكە قاتناشتۇق چۈشتىن كىيىن مەشىق قىلدۇق . شۇنداق قىلىپ تۇنۇشمايدىغان ئۇ ساۋاقدىشىم بىلەنمۇ خېلىلا تۇنۇشۇپ قالدۇق .
پائالىيەت ۋاقتىمۇ توشتى بىر قارار كەلگەن ئۇقۇغۇچلاردىن 4سىنىپ ئۇقۇغۇچلىرى مۇسابىقىلەشتۇق . مەن شۇ ۋاقىتتا كىچىكمدىن تارتىپ ياخشى كۆرىدىغان دائىم ئاپام بىلەن ئېتىزغا بارغاندا ئۇقۇيدىغان« ئانا مىھرى» دىگەن ناخشامنى ئۇقۇدۇم ئاپامنى بەك سېغىنغان بولسام كېرەك ، ناخشىنى ئۇقۇپ بولغىچە كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمايلا قالدىم  .
نەتىجىدە بىزنىڭ سىنىپ بىرىنچى بولدى. سىنىپ مەسئۇلىمىز خوشاللىغىدا تەقدىرنامىنى ئالدى -دە يېنىمغا كېلىپ راھىلە ، ئارمان بىلەن سىلەرنىڭ تۆھپەڭلارنىڭ نەتىجىسى ! رھمەت مىنىڭ بۇلبۇللىرىم دپ تەقدىرنامنى ماڭا تۇتقۇزۇزپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى .
گىتار چېلىپ مۇڭلۇق ئاۋازدا ناخشا ئۇقىغان ساۋاقدىشىمنىڭ ئىسمى ئارمانكەندە ! ھەجەپ يېقىملىق ئىسمكەن ئاۋازمۇ شۇنداق مۇڭ بەلكىم ماڭا ئوخشاش ناخشىغا بەكرەك ھەۋەس قىلدىغان بولسا كېرەك  ،دەپ ئويلىغاچ تۇلۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدىكى بىر پائالىيەتنى ئويلاپ ئولتۇراتتىم .
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى . راھىلە ناخشىغا بەك ئۇستىكەنسىز جۇمۇ . بەك ياخشى ئۇقۇدىڭىز بۇ ناخشىنى ! خۇددى بۇلبۇلنىڭ ئۈزى . مەن سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا ياقەي بۇلبۇل دەپ سىزنى دىسە بولدۇ  ،دەپلا ئورنۇمدىن تۇرۇرپ سىرىتقا ماڭماقچى بولدۇم . ئۇ ۋاقتىڭىز بولسا بىردەم پاراڭلاشقان بولساق، مەن ھازىر ۋاقتىم يوق دىگنىمگە چىقىپ كەتتىم .
ئۆيدىكلەرنى ھەقىقەتەن سېغىنغان ئىدىم  . ياتاققا كىرىپ تازا يىغلىماقچى بۇلۇپ ياتاققا قاراپ ماڭدىم . يەنە شۇ ئارمان ۋاقتىڭىز يەتسە بىللە تاماق يەپ كىرسەك ، مەن ئۇنۇڭغا سوغاققانلىق بىلەن ۋاقتىم يوق دەپلا ياتاققا قاراپ ماڭدىم .
ياتاققا كىرىپ ئاۋازىمنى قۇيىۋېتىپ تازاقانغۇدەك يىغلاپتىمەن ئىچىم خېلىلا بوشاپ قالغاندەكلا ھىس قىلىپ قالدىم .
بۈگۈن يەكشەنبە ، يەنە كىلىپ تۇنجى قار ياققان كۈن ئىدى.  مەن قارنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ئارام ئېلىش كۈنى بولغاچ باشقا ساۋاقداشلىرىم ئۇخلاۋاتاتتى. مەن ئاستا كىيمىمنى كىيىپ سىرتقا چىقتىم ئاپئاق قارنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ قاردىن توپ ياساپ خۇددى كىچىك بالىلاردەك ئويناۋاتقىنمدا ئۇ يېنىمغا تۇيۇقسىزلا پەيدا بولدى .
سىزنىڭ كۈلگىنىڭىزنىمۇ كۆرگىلى  بولدىكەن ھە ؟ مەن ،  ئۇدۇللا مىنى يىغلاڭغۇ دەپ قاپتىكەنسىزدە ؟ مەنمۇ كۈلەلەيمەن جۇمۇ دەپلا كۈلۈپ كەتتىم .
قارىغاندا قارنى ياخشى كۆرىدىكەنسىزدە ؟
شۇنداق ، مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن قارنى ، ئىككىمىزدا خېلى كۆپ ئوخشاشلىقلار باركەن خالىسىڭىز بىز دوست بۇلۇپ قالساق بولامدۇ ؟
مەن ئەزەلدىن ئوغوللار بىلەن دوست  بۇلۇپ باقمىغان بولغاچ  ئۇنىڭ بۇ گىپىگە تۈزلا كەچۈرۈڭ !مىنىڭ ئوغوللار بىلەن پەقەتلا دوست بولغۇم يوق .
دەپلا  ماڭدىم ئۇ نىمە دىيىشنى ئۇقماي تۇرۇپلا قالدى . كەينىمگىمۇ قارىماستىن ياتاققا قاراپ ماڭدىم .
ياتاققا كىرسەم ھىچقايسىسى قوپماپتۇ  .مەنمۇ كارۋېتىمغا چىقىپ ياتقاچ ئاپامنىڭ  بۇ گىپى ئىسمگە كەلدى  ؛ قىزىم سىز ئۆيدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بىر تۇرمۇش يۇلغا قەدەم قويدىڭىز ، بۇ مۇساپىڭىز تولمۇ ئەگرى تۇقاي شوڭا ھەر قانداق ئىشتا بەك دىققەت قىلىڭ ئوغوللار بىلەن ھەرگىز دوست بولماڭ ! مانا بۇ سۆزلەر مىنىڭ يۈرۈكۈمگە ئورناپ كەتكەن سۆزلەر ئىدى .
شوڭا مەن ئوغوللار بىلەن پەقەتلا دوست بۇلۇشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم . سىنىپىمىزدا مەن ئۆگىنىش باشلىغى ، ئۇ سىنىپ باشلىغى ئىدى . كۆپرەك قىلدىغان ئىشىمىز تەڭ چىقىپ قالاتتى . بىر كۈنى سىنىپتا ماتىرىيال رەتلەۋاتسام تۇيۇقسىز ئۇ كىردى ئەسلى  بۇ يەردىكەنسىزدە ؟ ئىشىڭىز تۈگىدىمۇ ؟ مەن ياردەملىشەي دەپ كەلگىنىچە ماتىرىيالنى قۇلغا ئالدى .
شىرە ئۈستىدە تۇرغان مىنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرەمنى قۇلغا ئېلىپ كۈندۈلۈك خاتىرە يېزىۋېتىپسىزدە؟
مەنمۇ يېزىۋاتمەن كىيىنچە ئالماشتۇرۇپ كۆرەيلى ھە !
مەن نىمىشقا كۆرسەتكۈدەكمەن ؟ بۇنداق ئادەمگە دەپ ئىچىمدە  ئاچچىقىم كىلىپ ئىشىمنى قىلدىم  .ئۇ يانچۇقىدىن كەمپۈت ئېلىپ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويدى، كەمپۈت يەڭ  ! مەن ھەيران بولغاچ كەمپۈتكە ئامراقلىقىمنى ئۇ قانداق بىلگەندۇ ؟  دىگەچ كەمپۈتتىن بىرنى قۇلۇمغا ئالدىم .
مەن كەمپۈتكە بەك ئامراق شوڭا يانچۇقىمدىن پەقەت ئايرىمايمەن ، دىگەچ شىرە ئۈستىدىكى كەمپۈتنى ماڭا ئۇزاتتى ياتاققا چىقىپ يەڭ بولدى  . ئۆزىڭىز يەڭ  مەن شۇنداق دەپلا ئورنىمدىن تۇردۇم ئۇ خا لتىدىكى كەمپۈتنى ماڭا تەڭلەپ، نىمانداق تارتىنچاق سىز ئېلىڭە دەپلا ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى ئىككىمىز بىرلىكتە سىنىپتىن چىقتۇق .
بارا -بارا سىنىپىمىزدا يۈرگەنلەر كۆپەيدى، ھەتتا مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ئايگۈلمۇ تاھىر ئىسىملىك بىر بالا بىلەن يۈردى . مەن ئۇنى ئەيپلەپ نىمشقا ئۇنداق قىلسەن ؟ بىز دىگەن شۇنداق جاپادا كەلگەن  تۇرساق بىزنىڭ مۇھەببەتلىشدىغان ۋاقتىمىزمۇ بۇ تىرىشىپ بىلىم ئېلشىمىز كېرەك دەپ كايىشقا باشلىدىم ، ئاچىقمدا ھەتتا ئۇنۇڭغا 2كۈن گەپمۇ قىلمىدىم .
بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچ ياتاقتا مەنلا قالغان ئىدىم  زىرىكىپ گۈللىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردۇم، تۇيۇقسىز ئارمان راھىلە سىزنىڭ ختىڭىز دەپ بىر پارچە خەتنى ماڭا ئۇزاتتى مەن خوشالىغمدا خەتنى ئالدىم ئۇ خەت ئۆيدىن كەلگەن ئىدى .
خەتنى ئۇقۋېتىپ ئۆزەمنى تۇتۋالامايلا يىغلاشقا باشلىدىم بولدى راھىلە يىغلىماڭ ئۆيدىكلەرگە بىرە ئىش بوپتىمۇ ؟ ياق ئەمسە نىمگە يىغلايسىز   ؟
مەن يېشىمنى سۈرتكەچ ئۆيدىكلەرنى سېغىنغانلىغمنى ئۇنۇڭغا دىدىم ئۇ ماڭا تەسەللى ئېتقاچ
ئۆزنىڭ دادسىنىڭ كىچىك ۋاختىدا  تۈگەپ كەتكەنلىكنى ئاپسىنىڭ   شۇنداق جاپادا ئۇقتۋاتقانلىقنى سۆزلەپ بەردى بۇ مىنڭ ئوغوللا بىلەن تۇنجى قېتىم سەمىمى پاراڭلىشىشم ئىدى شوڭا ئۇنىڭ دىگەن گەپلىرنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاچ كۆڭلۈمدە ئۇنۇڭغا ئىچ ئاغىرتىتىم دادامنىڭ دادسىمۇ كىچكىدە تۈگەپ كىتىپتىكەن چوڭ ئانام توي قىلغاندا دادام چوڭ ئانامنىڭ ئۈيگە بارماپتىكەن داداممۇ يىتىملىكنىڭ دەدنى خېلىلا تاتىپتىكەن بۇلارنى ئويلاپ ئارمانغا ئىختىيارسىزلا بۇ گەپپلەرنى قىلىپ سالدىم .
بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشپ كۆڭلۇم خېلىلا ئېچىلىپ قالغان ئىدى .
بۈگۈن كۈندۈلۇك ئادىتىم بۇيچە كۈندۈلۈك خاتىرەمنى قۇلۇمغا ئالدىم يەرگە چۈشكەن بىر پارچە خەتنى كۈرۈپ ھەيران بولغان ھالدا خەتنى قۇلۇمغا ئالدىم دە خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم .
ئۇ خەت ئارمانىڭ ماڭا يازغان سۆيگۈ ختكەن مەن كۆڭلۇمدە بۇ بالا پاراڭلىشىشپ قويسام ئەمدى مىنى خاتا چۈشۈنۇپ قالدىىمۇ نىمە ؟ سىنىڭ ئۇنداق شىرىن گەپلىرىڭگە ئالدىندىغان راھىلە ئەمەس مەن ۋاي ئەخمەق دىگىنمچە ئۇنى ئىچىمدە تىللاۋاتاتتىم .
شۇندىن باشلاپ ئۇنۇڭغا بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدىم مەن ئۇقۇش پۇتتۇرگىچە ھېچكىم بىىلەن يۇرمەيمەن دەپ ئويلىغاچقا ئۇنۇڭغا جاۋاپ خەتمۇ يازمىدىم .
شۇ تەرىقدە 15كۈن ئۆتتى ئۇ جاۋابنى سورىمىدى مەنمۇ ئۇنۇڭغا گەپ قىلمىدىم . شۇنداق قىلىپ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان يېقىنلىشىشپ قالدى ، ئىمتىھان يېقىنلاشقانسىرى ھەمىمىز ئۆگىنىش قىلۋاتاتتۇق .
ئىمتىھان نەتىجىسنى ئېلان قىلغاندا سىنىپ مەسئۇلمىز ئارماننى ئىشخانسىغا ئەكىرىپ كەتتى . ئۇنڭ نەتىجىسى سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇغچلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئوخشاش چىققانلىقىنى ئۇنىڭ دوستىدىن ئاڭلاپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى . سىنىپىمزدا ئۆگىنىش نەتىجىسى شۇنداق ياخشى بىر ئۇقۇغۇچى قانداق قىلىپ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغاندۇ ؟ مەن ئويلىغانسىرى ئۇنىڭ تىگىگە يىتەلمىدىم .
بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلمىز مىنى ئىشخانسىغا چاقىرىپ ئارمان بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىشىمنى دىدى ، مەن ماقۇل دەپ ئۇدۇللا ئوغوللار ياتاق بىناسغا قاراپ ماڭدىم .
ياتىقنڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە ئۇ ئىسمىمىنى چاقىرىپ بىر نىملەرنى دەۋېتىپتىكەن . ئىشكنى چەكتىم ئارمان قۇلدا ھاراق بوتۇلكسنى تۇتقان ھالدا  ئىشىكنى ئاچتى - دە ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالدى .
مەن سىرىتقا چىقىڭە ، گىپىم بار دەپلا كەينىمگە ياندىم .
بىز مەن يىغلاپ بەرگەن بىر - بىرىمىزگە تەسەللى ئېيىتقان  گۈللۈكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتوردۇق .
مەن سىزگە نىمە بولدى ؟ نىمشىقا بۇنداق قىلسىز ؟ سىزنى   ئاپىڭىز شۇنداق جاپادا ئۇقۇتۇۋاتسا
ياخشى ئۇقىماي نىمە قىلغىنىڭىز بۇ ؟  
ئۇ خۇددى جىنايەتچىگە ئوخشاش بېشىنى كۆتەرمەيلا ھەممىسى سىز ئۈچۈ ن  !      
بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى دە -ئۇنۇڭغا مەن نىمە  قىلدىم سىزگە تازىمۇ  بىر .....
دىگنىمچە ئورنۇمدىن تۇردۇم ئۇ مىنىڭ قۇلۇمنى تۇتۇۋالدى بۇ ئوغوللارنىڭ قۇلۇمنى تۇنجى قېتىم تۇتۇشى بولغاچ جېنىم چىقايلا دىدى دە - كەينمگە بۇرۇلۇپلا ئۇنىڭ يۈزگە بىر تەستەك سالدىم -دە يۈگۈرگۈنىمچە ياتاققا كىردىم .
بولغان ئىشلارنى ئويلاپ ئۇنى راسا تىللىدىم مۇشۇ خانىمنىمۇ زە -ئادەمنى پاراڭلىشىپ بېقىڭ دەپ ئۈزى دىمەي دەپ ئىچىمدە خانىمغىمۇ ئاچچىققلاپ ئولتۇردۇم .
ئارماننىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بارا -بارا تۆۋەنلەشكە باشلىدى ، كۈندىلا مەس ھاراق ئىچىپ نەچچە قېتىم ئۇقۇتقۇچلىرىمىزدىن تاپا -تەنە ئاڭلىدى.
مەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرساممۇ بىلمەسكە سېلىپ يۇرۇۋەردىم .
بىر كۈنى كەچ سىنىپتا كۈندۈلۈك خاتىرە يېزىۋاتسام مەكتىۋېمىزدە لۈكچەك دەپ نامى چىققان  قاھار سىنىپقا كىردى. مەن قورۇققىنمدىن نىمە قىلشمنى بىلمەي ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم راھىلە توختا مەن ساڭا ئۇزۇندىن بىرى كۆز سېلىپ يۇرىۋاتمەن بۈگۈن مەن سەن بىلەن دەپ سەت ھىجىيىپ ئالدىمغا كەلدى .
قۇلۇمنى تۇتقان ۋاقتتا لۈكچەك دەپ ئۇنڭ يۈزىگە بىر تەستەك سالدىم - دە ، قۇلۇمنى تارىتتىم ئۇ يۈزىنى تۇتقاچ سەن مېنى ئۇرۇۋاتامسەن بۈگۈن ئۆزەمنى ساڭا كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام خەپ دىگىنچە ماڭا يۇپۇرلۇپ كەلدى .
مەن ئۇنۇڭغا يالۋۇرۇشقا باشلىدىم يىغلىدىم پەقەت ئالادىن مىنى قۇتقۇزۋېلىشنى ئۈتۈندىم .
ئۇ منىڭ قۇلۇمدىن تارتقاندا ئۇنىڭ قۇلنى چىشلدىم ئاغرىق ئازابدا قۇلۇمنى قۇيىۋەتتى شۇنىڭ بىلەن مەن قاچتىم .
ئىشىشكتىن شۇنداق ئېتىلىپ چىقشىمغا ئارمانغا ئۈسسىۋېلىپ يەرگە يىقلدىم ئۇ مىنى يۆلەپ تۇرۇپ نىمە بولدى ؟ مىنى قۇتقۇزۋېلىڭ ئۇ ئادەم ئەمەسكەن دىگنىمچە يىغلاشقا باشلىدىم .
قاھار راھىلە توختا قاچما دىگنچە كەينىمدىن قوغلاپ چىقتى .
شۇنڭ بىلەن سىلەر قاتتىق سۇقۇشتىڭلار مەن ئادەم چاقىرىش ئۈچۈن ياتاققا قاراپ يۈگۈردۈم .
6مىز يۈگرەپ سىنىڭ يېنىڭغا كەلگگندە سىنىڭ پۇتۇڭددىن چىقۋاتقان قاننى كۈرۈپ قورقىنمدىن يېنىڭغا كەلدىم ئارمان ئىسمىڭنى چاقىرغىنمدا سەن كۈزۈڭنى ئېچىپ ماڭا قارىدىڭ سىنى دوختۇرخانغا ئاپاردۇق ، بىر ھەپتە دەرىسكىمۇ قاتناشماي ساڭا قارىدىم شۇ كۈندىكى ئىشلارنى ئويلاپ ئۆزەمنى خۇددى گۇناھكاردەك ھىس قىلدىم سەندىن شۇنچە خۇرسەن ئىدم .
سەن بولمىغان بولساڭ مىنىڭ پاكلىغىم ئاللبۇرۇنلا  ئاشۇ لۈكچەكنىڭ قۇلدا تۈگەيتى رەھمەت ساڭا مىنىڭ بۇلبۇلۇم دىگەچ ساڭا ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن ئۇخلاۋاتقان ھالتىڭگە قاراپ ئولتاردىم  .
شۇ كۈندىن باشلاپ مەن كىشلىك ھاياتىمدا بىر نەرسىنىڭ پەيدا بولغانلىغنى ھىس قىلدىم بۇ نەرسە مىنىڭ ساڭا بولغان پاك مۇھەببىتىم  ئىدى .
كۈندە كۈلكە چاقچاق بىلەن ئۆتتۇق ئاخىرى سەنمۇ ساقايدىڭ سەن ئاخىرى ھاراقتىن قول ئۈزدۇڭ بىز يەنلا بىر - بىرىمىز بىلەن بەسلىشىپ ئۆگەندۇق سەن كۆڭلۇڭ يېرىم بوپ قالغان ۋاقىتلىرىڭدا دائىم مىنىڭ ناخشىلىرىمنى ئاڭلايتىڭ ، مەنمۇ خوشالىق بىلەن پەقەت ساڭىلا ناخشا ئۇقۇپ بىرەتتىم سەن دائىم مىنى سەن مەن ئۈچۈن مەڭگۈ تۇزۇمايدىغان پۇراقلىق بىر تال گۈلۈم ! دەپ تۇرۇۋالاتتىڭ مەنمۇ سىنى سەنمۇ مىنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىر تال گۈلگە ئاشىق بىرلا بۇلبۇلۇمسەن دەپ قوياتىم .
كۈنلەر شۇنداق خوشال ئۆتىۋاتاتتى ، سەن مىنىڭ ھاياتىمدىكى مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بىر نەرسىگە ئايلاندىڭ سەندەك بىر دوستۇمنىڭ بارلىقدىن ئۆزەمنى ئەڭ بەختلىك بىر قىز دەپ ئويلايتىم ئەتە مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم  بۇ مىنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈشۈم ئىدى، سەن ، مەڭگۈ ئىسىڭدىن چىقمىغۇدەك ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دىدىڭ بىز شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ خوشلاشتۇق .
ۋاقىت مۇناسۋېتى بىلەن شۇنچىلىك يازاي داۋامنى ئەتە يازاي .

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-23, 06:42

 

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
8&fm=0&gp=28.jpg
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-23 14:39 |
97BIRTALGUL
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 40937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 202
شۆھرەت: 203 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1970 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 699(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

تىمنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى قېرنىدىشمغا كوپ رھمەت .
تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
8&fm=0&gp=28.jpg
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 15:01 |
maylamqi
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 15435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 555
شۆھرەت: 556 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5350 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

ئوقۇش دىگەن تۇگىمەيدىغان نەرسىكەن شۇنداق ھەر بىرئىگەلەنگەن  بىلىمنى بىر چەبىرەك دىسەك ئادەم بەدىندە چەمبىرەك بەك كۆپكەن جۇمۇ ،،
ئاھ نۆلدىن باشلانغان بىلىم سەن نىمدىگەن مۇنبەت نىمدىگەن مول ، نىمدىگەن ئىنچىكە نىمدىگەن نازۇك ھە !  ھالىڭ قانداق تۇگۇنىڭ نەدە ئىنسان سېنى نىمسى ئارقىلىق بويسۇندۇرالايدىغانلىقىنى ماڭا دەپ بېرەلەم سەن ؟  
جاۋاپ يوق ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، لېكىن مەن جاۋاپ تاپقان ئىمان ئىتقات ، ئىشەنچە ۋە چۇشەنچە بىلىمنىڭ يۇگىنى  چۇنكى بىلىم شۇنداق  تۇيقىدىن ئوت چاچىرتىپ تۇردىغان تۇلپار ئىكەن .
ئۇ تۇلپار كىم ،،،،،،،،،،،،،،،، بەزدە كىتاپ بەدە مەن ، شۇنداق قىلىپ ئوقىۋاتىمەن دەڭ ، بىرتال گۇل تىرىشىڭ يىغلاڭغۇلۇقنى تاشلاڭ بوللامدۇ  

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
http://images13.51.com/120/a/a9/11/janu88/1208331369_61341000.jpg
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 16:14 |
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 5344
شۆھرەت: 5746 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 37020 سوم
تۆھپە: 796 نۇمۇر
ياخشى باھا: 595 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-28

 

داۋامىنى يازغاندا مۇشۇ تېمىڭىزنىڭ «تەھرىرلەش» دىگەن يېرىدىن كىرىپلا ئاخىرىغا ئۇلاپ قويۇڭ ياكى ئىنكاس شەكلىدە يېزىڭ.شۇنىڭدا تېمىڭىز مەزمۇن جەھەتتىن بۆلۈنۈپ كەتمەي ياخشى بولىدۇ،رەھمەت.

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
مېنىڭ تېمىلىرىمنى  Ark-zat.Xabnam.com   دىن كۆرۈڭ.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 18:02 |
KIMLARBAR
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 15084
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 45 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 440 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

ۋاھ...  نىمىدىگەن تەسىرلىك ئاخىرنى ئوقۇشقا تەقەززا بولۇپ كىتىپ بارىمەن ،
شۇنداق ئوقۇش ناھايىتىمۇ كوڭۇللۇك بىر ئىش ئۇ ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ كوڭۇللىك مەزگىلى.  
ئاخىرنى قاچان  كورارمەن ئەمدى>>>>>>>>>>؟

ئەزىز بوۋاق
كىم لەربار
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 22:38 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-24 06:50, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ