بۇنداق «نەپ يەتكۈزۈش»نى كۆرگەنمۇ؟
مەن ئادىتىم بويىچە بۈگۈنكى دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، گەرچە بىرەر نەرسە سېتىۋالمايدىغان بولساممۇ، لېكىن سودا سارايلىرىنى ئايلىنىپ كېتىپ باراتتىم. زامانغا لايىق كۆركەم لاھىيىلىنىپ ناھىيە بازىرى مەركىزىگىلا سېلىنغان، خېلى ھەشەم-پەشەم بىلەن بېزەلگەن، تۇخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى دېگۈدەك تولۇقى بىلەن تېپىلىدىغان بۇ ئاۋات سودا سارىيىدا شۇنچە كۆپ كىشىلەر توپلىشىۋالغان بىر جايغا بېرىپ قىسىلىپ دېگۈدەك مىڭ بىر مۇشەققەتتە كىشىلەر توپى ئارىسىغا كىرىپلا قاتتىق ھەيرەتتە قالدىم. چۈنكى شۇنچە كەڭرى سودا سارىيىنىڭ خېلى بىر قىسىمنى ئىگىلىگەن ئائىلە ئېلىكتېر سايمانلىرى سېتىلىدىغان بۇ ئورۇنغا تىقما-تىقماق بولۇشۇپ، كونا تېلىۋىزورلارنى تۇتقىنىچە شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكى مېنى قاتتىق ئەجەبلەندۈردى ۋە تولىمۇ قىزىقتۇردى! بۇ قايناق بازارغا بىردەم ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇرۇش ۋە بولىۋاتقان ئېلىم-بېرىم، مۇنداقچە ئېيتقاندا، «پايدىنى خېرىدارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۇلارغا كەڭ-كۆلەمدە نەپ يەتكۈزۈش» مەقسەت قىلىنغان بۇ خالىسانە پىدائىلىق بىلەن يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىكتە تولىمۇ قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ پائالىيەتتىن، يۇقىرى ماھارەتتە لاھىلىنىپ خېلى نەپىس بېزىلىپ، ئىنتايىن سېخىيلىق بىلەن ئارقا-ئارقىدىن تۈركۈملەپ تارقىتىلىۋاتقان پالىيەت تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ مەزمۇنى ئارقىلىق مۇنۇلارنى بىلدىم.
بۇ قېتىمقى بۇ«پايدىنى خېرىدارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۇلارغا كەڭ-كۆلەمدە نەپ يەتكۈزۈش» تۈپكى مەقسەت قىلىنغان پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى تولىمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئالتۇندەك پۇرسەت بولۇپ، قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە(ئاران ئىككىلا كۈن) ئۆتكۈزىلىدىكەن. بۇ مەزگىلدە خېرىدارلار ئۆيىدىكى تېلىۋىزورلارنى ئېلىپ كەلسىلا، تېلىۋىزورنىڭ ماركىسى، چوڭ- كىچىكلىكى ۋە ئىشلىتىش يىل چەكلىمىسى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، سۈرىتى، ئاۋازىنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا قاراپ، ئەڭ تۆۋىنى 150 يۈۋەندىن 600 يۈۋەنگىچە باھاغا سۇندۇرۇلۇپ، TCL شاھ ماركىلىق تېلېۋىزورغا ئالماشتۇرىلىدىغانلىقى... تەنتەنە بىلەن جاكارلىنىۋاتاتتى ۋە ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىنىۋاتاتتى....
مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ قايناق مەنزىرىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ، ئائىلەمدىكى ئىشلەتكىلى تۇرغىلى بىرقانچە يىل بولغان «كونا» تېلىۋىزورۇمنى دەرھال مانا مۇشۇنداق «يېڭى ،ئېنىرگىيە تىجەيدىغان، ئالاھىدە باھادىكى كىرىستال ئىكرانلىق ئالىي تېلىۋىزورلار»دىن بىرىگە دەرھال ئالماشتۇرغۇم كېلىپ كەتتى. چۈنكى بۇ ماڭىمۇ نەپ يەتكۈزۈش پائالىتى ئەمەسمىدى!!؟؟ بىراق، بۇ «نەپ»كە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئۇچىرەتتە تۇرىشىۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك يېزا-قىشلاقلاردىن كەلگەن جاپاكەش دېھقانلىرىمىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا مېنىڭمۇ دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىكىم كەلدى-دە، بۇ «پايدا»نىمۇ بولسىمۇ شۇلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش قارارىغا كېلىپ، كەينىمگە ياندىم. ئەمما قەلب ئىكرانىمدا يەنە مۇنۇ سىماھلار، يېشىمىنى ئالدىراپ تاپقىلى بولمايدىغان تېگى يوق چوڭقۇر خىياللار ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى:بۇ راستىنلا نەپ يەتكۈزۈشمىدۇ؟ ھەممىمىزنىڭ دېگۈدەك تۇرمۇش سەۋىيىمىز خېلى ياخشىلانغاچقا، ئالدىن بېيىغان مانا مۇشۇنداق بىرقىسىم «ئىنسانپەرۋەر ساخاۋەتچىلەر» مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرى زىيان تارتسىمۇ، بىزگە ئەڭ كۆپ ساندىكىلەرنىڭ مەنئەتىنى كۆزلەپ نەپ-ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ بىزگە زىمىستاننى ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن چېكىۋاتقان خالىسانە رىيازەتلىرىمىدۇ؟؟؟!!!
ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان، جاھاندىكى كۇللى مەۋجۇدىيەت پۇل-پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈنلا دېگۈدەك تېىنىمسىز تىپىرلاۋاتقان مۇشۇ پەيتتىكى يالغۇز بۈگۈن مەن كۆرگەن جايدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ئورۇنلاردىمۇ خېلى بەرىكەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پايدىنى خېرىدارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۇلارغا كەڭ-كۆلەمدە نەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت بۇ سېخىيلىقنى زادى قانداق چۈشەنسەك بولار!؟ مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاز-تولا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!
( ئەسكەرتىش: بۇ پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ نام –ئابرويىنى كۆزلەپ، يەر-جاي ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر يوللانمىدى)
( مەنبە: دەۋران )