ماتىرىيال: تۇخۇم 5 دانە، قىزىلمۇچ 1دانە ، غول پىياز
دورا_دەرمەك: تۇز ، قىزىلمۇچ ئۇنى،زىرە
تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ ئارلاشتۇرىمىز ،قىزىلمۇچ ،غول پىيازنى ئۇششاق چانايمىز .
تەييارلانغان تۇخۇمغا ئاز مىقداردا تۇز ،زىرە،قىزىلمۇچ ئۇنى قىزىلمۇچ ،غولپىياز سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىۋالىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا(ساپلىق بولسارتېخى ياخشى)بىرچۆمۈچ ماي قويۇپ قىزىغاندا تۇخۇمنى قازانغا تەكشى يېيىتىپ قويىمىز، تۇخۇم ئازراق قىزارغاندا يەنە بىر تەرىپىنى ئۇرۇپ پىشۇرىمىز، تۇخۇمنى قازاندىن پەم بىلەن پۈتۈن ھالەتتە تاختىغا ئېلىپ ، چىرايلىق توغراپ مېھمىنىمىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقساق بۇلىدۇ. ئۆزىمىز يىسەكمۇ بۇلىدۇ .
ئەسكەرتىش: بۇ قورىما ئۆزەمنىڭ ئىجادىيىتى پەقەت قورىما قورۇشقا ۋە بۇ كەسىپكە قىزىقىدىغان دۇستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللۇدۇم .
ئۇيغۇر تائاملىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەسىپداش دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .