ئەيدىز ۋەھىمىسىدە ئۆتۈۋاتقان كۈنلەر
<< ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> مۇخبىرى ئاينۇر مۇھەممەد
ئەيدىز كېسىلى بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۋالغۇچىلارنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى، ئۆمۈر بوستانىنى غازاڭ قىلىپلا قالماي ، يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ مەڭگۈلۈك ھەسرەتتە قويدى.ئەيدىز بىمارلىرى دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ئۇلارنىڭ كۈيۈمچان ئاتا - ئانىلىرى، بىگۇناھ پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرۇشقا ئىنتىلىگەن كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇردى. بىردەملىك ھاۋايى ھەۋەس، ئېزىقتۇرۇشلار ياكى ئېھتىياتسىزلىق تۈپەيلىدىن ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكۈچىلەر رەھىمسىز كېسەل ئازابى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىنى ئەگىپ يۈرگەن ئۆلۈم ۋەھىمىسىگىلا ئەمەس، يەنە جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلاردىن سەسكىنىشى ۋە كەمسىتىشىگىمۇ دۇچار بولماقتا. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاشۇ بىگۇناھ كىشىلەرمۇ بۇنىڭدىن خالى ئەمەس. ئەيدىزنىڭ قارا كۆلەڭگۈسى سايە تاشلىغان بۇ ئائىلىدىكىلەرمۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشى، كەمسىتىشىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار كېسەلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي ، يەنە ئەيدىزنىڭ ۋەھىمىسىدە كۈنلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپدار بولغۇچىلار ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بولسۇن ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا، ياردىمىگە ۋە چۈشىنىشىگە بەكرەك مۇھتاج.
<< كۆزۈم ئوچۇق كېتىدىغان بولدى >> - ئەگەر زەھەر چېكىش ياكى باشقا يامان يوللار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان بولسام: << ئۆزۈم تېرىغان بالا بولغاندىن كېيىن دەردىنى تارتتىم >> دەپ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلار ئىدىم. لېكىن مەن تاھازىرغىچە پاك - دىيانەتلىك ياشاپ، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋېلىپ ئەيدىزنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتىم. پات ئارىدا ۋاپادار يولدىشىم، ئوماق پەرزەنتىم، بەختلىك ئائىلەمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قارا تۇپراق قوينىغا كىرىپ كېتىدىغىنىمىنى ئويلىغىنىمدا، ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باسىدۇ. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىپ قالساممۇ نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلىرىم بىلەن كۆزۈم ئوچۇق كېتىدىغان بولدى، - ئىچ - ئىچىدىن چىقىۋاتقان ياشلىرىنى توختىتالمىغان ئالمىرە ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلرىنى ئەنە شۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىدى.
ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ئالمىرە ئەسلىدە بەختلىك ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قىز ئىدى. دادىسى زەرگەرلىك قىلىپ پۇل تېىپىپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپلا قالماي، يەنە بالىلىرىنى ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، بىلىملىك ۋە ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش نىيىتىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە بالىلىرىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرەتتى. لېكىن ئالمىرە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا، بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن كېلىشمەسلىك ئائىلە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىدى. بىر كۈنى ئالمىرەنىڭ دادىسى دۇكاننى يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، بارلىق ماللىرى سېلىنغان سومكىسىنى تاكسىدا ئۇنتۇپ قېلىپ، ھەممە دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە بۇ ئىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بۇ بىر ئائىلە كشىىلىرى دادىسىنىڭ كىرىمىگىلا قاراشلىق بولغاچقا، بالىلارنىڭ چوڭى بولغان ئالمىرە ئامالسىزلىقتىن ۋاقتىنچە مەكتەپتىن توختاپ، بىر تاللا بازىرىدا ئىشلەپ بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دادىسى ساقىيىپ بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ئەسلىگە كەلدى. ئالمىرەمۇ تاللا بازىرىدا 2 يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن يېنىپ چىقىپ بىر شىركەتنىڭ سېتىش بۆلۈمىدىن ئىش تاپتى. بۇ جەريانىدا ئۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقان نىجات بىلەن تونۇشۇپ، 1 يىلدىن كېيىن توي قىلىشقا پۈتۈشتى، ئىككى ئائىلىدىكىلەرمۇ توي ئىشغا قوشۇلدى. توي قىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئالمىرەنىڭ بويىدا قالغانلىقى مەلۇم بولۇپ، بۇ خەۋەرنى چوڭلارغا بىلدۈرۈشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا خۇشاللىق قايغۇغا ئايلاندى. ئەسلىدە ھامىلىنى تەكشۈرۈتكىلى دوختۇرخانىغا بارغان ئالمىرە ھامىلىرنىڭ تۇربا يولىغا جايلاشقانلىقىنى، بالىنى ئالدۇرۋەتمىسە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ بالىنى ئالدۇرۋەتمەكچى بولدى. ئوپېراتسىيە خىراجىتىگە 5000 يۈەندەك كېتىدىغان بولغاچقا، نىجات بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مەلۇم خۇسۇسىي دوختۇرخانىدا بالىنى ئالدۇرۇۋەتتى.
بۇ ئىشتىن كېيىن ئالمىرەنىڭ سالامەتلىكىمۇ تېزلا ئەسلىگە كەلدى. بۇ جەرياندا ئالمىرەنىڭ چىشى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ كېتىپ، بىر خۇسۇسىي دوختۇرخانىدا چىشىنى تارتقۇزدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئالمىرەنىڭ يەنە بويىدا قالدى. بۇ مەزگىلدە گەرچە نىجات ئىمتىھان بېرىپ قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان بولسىمۇ، ئالمىرەنىڭ يالغۇز قېلىشىدىن ئەنسرەپ بۇ خىزمەتتىن ۋاز كەچتى. بۇ بالىنى ساق - سالامەت يەڭگىش ئۈچۈن ئالمىرەمۇ ياخشى كۈتۈندى. بالا تۇغۇلۇشقا 1 ئاي قالغاندا ئالمىرە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتتى. تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇرلار ئالمىرەگە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، يولدىشى بىلەن كېلىپ قايتا تەكشۈرۈتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. يول بويى ئالمىرەنىڭ كاللىسىغا نۇرغۇن خىياللار كەلدى: << ئەيدىز كېسىلىنى زەھەر چېكىش ياكى قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ، دەپ ئاڭلىغان، مەن تاھازرىغىچە پاك - دىيانەتلىك ياشاپ كەلگەن تۇرسام، بىرەرسىدىن ئەيدىز يۇقتۇرۋالدىممىكىن دېسەم ئەتراپىمىدا يا ئۇنداق كىشىلەر بولمىسا ، ياكى نىجاد .... >> ئالمىرەگە نىجاتنىڭ ئىستىلى، ئەخلاق - پەزىلىتى بەش قولدەك ئايان ئىدى.
نىجاد ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئالمىرەنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ چۈچۈپ كەتتى. نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان ئالمىرە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ھەمدە مىڭ تەسلىكتە دوختۇرلارنىڭ گېپىنى دېيەلىدى. ئالمىرەنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان نىجاد ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالدى. نىجادنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن خىياللار قالمىدى. ئۇ ئالمىرەگە تەسەللىي بېرەي دېسىمۇ، نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشىنى بىلەلمەي قالدى. بۇ ئازابلىق كېچە ئۇلارغا بىرقانچە يىلدەك ئۇزاق بىلىنىپ كەتتى. ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئۇلار دوختۇرخانىغا بېرىپ ھەر ئىككىسى قايتا تەكشۈرۈتتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتكىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرئىككىسى مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلدى دېيىشكىمۇ بولاتتى. نەتىجىدىن ئالمىرەنىڭ ھەقىقەتەن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى، نىجادنىڭ ساق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. دوختۇر ئالمىرەنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرخانىدا بالا ئالدۇرغانلىقى ۋە چىش تارتقۇزغانلىقىنى بىلىپ << بەلكىم ئەيدىز ۋىرۇسىنى شۇ چاغدا يۇقتۇرۋالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن >> دېدى.
ئەينى ۋاقىتتا نەچچە مىڭ يۈەننى تېجەپ قالغاندىن خۇش بولغان ئالمىرە مانا ئەمدىلىكتە پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي، ئۆزىنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى نېمىشقا بالدۇرراق خىيالىغا كەلتۈرمىگەنلىكىدىن ئۆكۈندى. ئاخىرى ئۇلار بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرەيلى دېگەن نىيەتكە كەلدى ھەمدە بۇ ئەھۋالنى ئالمىرەنىڭ ئائىلىسدىكىلەرگە ئېيتتى، ئەمما نىجادنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇردى. ئالمىرەنىڭ ئاتا - ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي دادىسىنىڭ ئاران دېگەندە ساقىيىپ قالغان كېسىلى قايتا قوزغىلىپ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى، ئاپىسىمۇ ئاغرىقچان بولۇپ قالدى. بۇ ئىشلار بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئالمىرە بىر قىز تۇغدى. قىزنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالغانلىقىنى بىلگەن نىجادتنىڭ ئاتا - ئانىسى: << ياش تۇرسا نېمىشقا ئۆزى تۇغمايدۇ >> دەپ، خېلى خاپا بولۇپ باقتى، نىجاد << ئالمىرە سەل ئاجىزلاپ قاپتىكەن، تۇغۇت جەريانىدا خەتەر چىقىپ قالمىسۇن دەپ، ئوپېراتسيە قىلدى > دەپ بۇ ئىشنى جىمىقتۇردى. بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا بولمىغاچقا، ئالمىرە بالىغا سۈت پاراشۇكى بېرىشكە مەجبۇر بولدى. بالىنى ئېمىتمەي سۈت پاراشۇكى بىلەن باققانلىقىنى بىلگەن قېيىنئانىسى : << سىزگە زادى نېمە بولدى، بالىنى نېمىشقا ئېمىتمەيسىز؟ >> دەپ ئالمىرىگە خاپا بولدى. ئالمىرەمۇ ئامالسىزلىقتىن << بالا ئەمگىلى ئۇنمىدى >> دەپ ئۇلارنى ئالداشقا مەجبۇر بولدى. كۈندىن - كۈنگە تاتلىق قىلىقلىرىنى چىقىرىپ ساغلام چوڭ بولىۋاتقان قىزىغا قاراپ ئالمىرەنىڭ كۆڭلى ئاۋۇنسىمۇ ئۆز ئۆمرىنىڭ بارغانسىېرى قىسقىراۋاتقانلىقىنىنى، ئەجەل بوسۇغۇسىغا ئاز قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىدا ئالمىرەنى قورقۇنچ باساتتى. ئالمىرەنىڭ دادىسى ئىچ ئاغرىقىنى بەك تارتىپ كەتكەچكە، بۇ يىل 2 - ئايدا ئالەمدىن ئۆتتى. دادىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئالمىرەنى : << مەنمۇ ئاز كۈندىن كېيىن دادامنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالسام ئاپام، ئېنى - سىڭىللىرىم، يولدىشىم، قىزىم قانچىلىك ئازابلىنار ؟ >> دېگەن خىياللار چىرمىۋالاتتى. نىجاد بولسا دائىم ئالمىرىگە قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئەكىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆزىنى ياخشى كۈتۈشكە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا رېغبەتلەندۈرەتتى.
ئالمىرەگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغىنى ۋە تارتىشىدىغان ئادىمى قىزى ئىدى. دوختۇرلار << قىزىڭىز 1 ياشقا كىرگەندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان - يۇقۇملانمىغانلىقىغا دىئاگنوز قويىمىز >> دېگەن. قىزى 1 ياشقا توشۇشقا ئاز قالغانسېرى ئالمىرەنىڭ ئەندىشىسىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىشىكە باشلىدى...
<< قىزىم ساق - سالامەت بولسا، مەندە ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد تۇغۇلاتتى. قىزىمنىڭ ئانا مېھرىگە قانماي تۇرۇپلا يېتىم بولۇپ قېلىشىنى ئويلىسام ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ گۇناھكاردەك ھېس قىلىمەن. ھەر كۈنى كەچتە ئەتە ئەتىگەندە ساق - سالامەت قوپارمەنمۇ ، دېگەن قورقۇنچ ۋە دەككە - دۈككىدە ياتىمەن >>. ئالمىرە ئۆزىنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىنى ئەنە شۇ سۆزلەر بىلەن ئاياغلاشتۇردى.
مەنبە : يۈكسەل بلوگى
------------------------------------------------------
ماقالەمنى مېنىڭ رايىمسىز تەھرىرلەپ - ئۆزگەرتىپ قويغان باشقۇرغۇچى جانابقا : ئەي ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ( ئەپەندىم ياكى خانىم ) ، يازما يازارمەنلەرنىڭ بارلىقى ، يازما يازارمەنلەرنىڭ ئاداققىي ۋەتىنى. مېنىڭچە سىز بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيدىغان جايدا ئەمەس. شۇنىمۇ سەمىڭىزگە سېلىپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىمىكى ، باشقىلارنىڭ يازمىسىنى سەۋەب - مۇددىئاسى ئېنىق بولمىغان ، تەھرىرلەش - ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتى چوڭ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزگەرتمەسلىك - تەھرىرلىمەسلىك كېرەك. ئۆزگەرتىش - تەھرىرلەش توغرا كەلگەندىمۇ يازما ئىگىسىنىڭ ماقۇللىقى - قۇشۇلىشىنى ئېلىپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىش كېرەك. باشقىلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماستىن يازمىسىنى تەھرىرلەپ - ئۆزگەرتىپ قويۇش ، بولۇپمۇ يازمىكار يازمىغان ياكى قوشمىغان مەزمۇنلارنى قېتىپ قويۇش، ئەسلىدە يازغان قۇرلارنى ئۆچۈرۋېتىش بۇ پەزىلەت ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس. بەلكى شۇ يازارمەننىڭ ئىززەت - غورۇرىغا تەگكەنلىك، ئۇنىڭ يازمىدىن ئىبارەت قان تەرىدىن پۈتكەن ۋەتەن چىگراسىغا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك ، ئۆزىنى ھەممدىن چوڭ كۆرۈدىغان، نېمىلا قىلسام بولىۋېرىدۇ دەپ قارايدىغان چېكىدىن ئاشقان مەمەدانلىق .
پېقىر ئەسلى يۇقىرىقى يازمىدا ئاداققىي قۇرلارنى مەقسەتلىك ئېلىپ قالغان ۋە يۈكسەل بلوگىنىڭ مۇۋاپىق ئۇلىنىشنى بەرگەن ئىدىم. ئەمما، بەزىلەر ئىچى تارلىق قىلىپ مەن قاتمىغان مەزمۇننى قېتىپ ، پېقىر يازغان ئەسلى مەنبە ھەققىدىكى ئەسكەرتمە ۋە ئۇلانما مەنزىلىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. ئەمما، بۇ ھەقتە پېقرىغا كىچىچىككىنە بولسىمۇ تىنىپ قويمىغان.
يۈكسەل بلوگى خېلىدىن بېرى ئۆز دوستىخنىدا بارنى شەبنەم ئەھلى بىلەن ئورتاقلىشىپ، ھەمكارلىق ۋە دوستانىلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ كەلگەن ئىدى. شەنبەم تور مەسئۇللىرىمۇ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتىپ پېقىرغا << ئالىي ئەزا >> لىق شەرىپىنى بەرگەن ئىدى. يۇقىرىقى باشقۇرغۇچىنىڭ قىلمىشى مەيلى قايسىخىل مۇددىئا بىلەن سادىر بولغان بولمىسۇن، پېقىرنىڭ غورۇرىغا تەگدى. پېقىر يۇقىرىقى باشقۇرغۇچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىشنىڭ ئالدى - كەينى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تۆۋەنچلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن!
ھۆرمەت بىلەن يۈكسەل بلوگىدىن
يۈكسەل
[ بۇ يازما Uzer تەرپىدىن2008-12-23 21:29دە قايتا تەھ ]