ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! قەدىرلىك ئاكا،تىنىچ- ئامان تۇردۇڭمۇ؟ تىنىڭ سالامەت،كۈنلىرىڭ مەنىلىك ئۆتىۋاتامدۇ؟ ئۆگىنىشىڭ نەتىجىلىك ، ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقاندۇ- ھە!
«قۇربان ھېيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن!» بۈگۈنكىدەك خۇشال -خۇرام ئايەم كۈندە بىر ئائىلە كىشلىرى بىر يەرگە جەم بولغان بولساق نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى -ھە! بىراق سەن بىزدىن تولمۇ يىراقتا،شۇتاپ سەنمۇ دادام- ئاناملارنى،ھەدە - سىڭللىرىڭنى شۇنچىلىك سېغىنغانسەن ھە،ئاكا!
بىلەمسەن ئاكا ، دادام - ئاناملار دائىم سېنىڭ گىپىڭنى قىلشىدۇ، سېنى خاتىرجەم ئوقۇۋاتامدىغاندۇ،دەپ غېمىڭنى يەيدۇ. ھەر قېتىم ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ئىسسىق تاماق دوستىخانغا كەلتۈرۈلگەندە ئانام سىېنىڭ گىپىڭنى قىلىپ،«بىچارە ئوغلۇم ئىسسىق تاماق يىيەلىگەنمىدۇ، ئاغرىق - سىيلاق بولۇپ قالماي سالامەت تۇرغانمىدۇ؟» دەپ گېلىدىن تاماق ئۆتمەيلا قالىدۇ... چىرايىدىن ئېغىر- بېسىقلىقى چىقىپ تۇردىغان قاتتىق قول، تەلەپچان داداممۇ سەن توغۇرلۇق گەپ چىقىپ قالسىلا خىزمەتتىكى بارچە ھارغىنلىقلىرىنى ئۇنتۇپ ئېچلىپ - يېيلىپ سۆزلەپلا كېتىدۇ...
مەھەللىمىزدىكى تەڭتۇش دوسلىرىڭنى كۆرگەن مېھرىبان ئانام ئۇلارغا خۇددى سېنى كۆرگەندەك ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇزاققىچە قاراپ كىتىدۇ...
ئاكا قولۇڭغا چاقىرىق قەغىزنى ئېلىپ كۆز ئالدىمىزدىن بىر ئۇچقانچە تا ھازىرغىچە كۆرۈشۈش نىسىپ بولمىدى. قانتىڭ بولسا ئىدى ، ئۇچۇپلا قېشمىزغا كەلگەن بولساڭ نەقەدەر ياخشى بولار ئىدى ھە-ئاكا!
ئاكا ، ساڭا تولمۇ ھەۋىسىم كىلىدۇ، بىزنىڭ ئۆيدە پەقەت سەنلا ئالىي مەكتەپتە ئوقىيالىدىڭ ،تۇرۇپ ساڭا ھەسەت قىپمۇ قالىمەن. ئۆزۈمنى« نېىمىشقىمۇ ئوغۇل بالا بولمىغاندىمەن؟ >> دەپ ئويلاپ قالدىغان چاغلىرىممۇ بۇلغان . جەنۇپ تەرەپتە ئاتا- ئانىلارنىڭ قىزلارغا قويىدىغان چەكلىمسى بەكلا ئېغىر بولغاچقا ئاز بىر قىسىم ئائىلدىكى قىزلارلا ئوقۇشتىن ئىبارەت چوڭ ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولالايدۇ. كۆپىنچىسى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن سەيپۇڭلۇق ، راڭپىزچىلىق دېگەندەك ھۈنەر ئۆگۈنۈپ سودا- سېتىققا كىرىشىپ كېتىدۇ، ياكى بولمىسا كىچىكلا تۇرۇپ ياتلىق بۇلۇپ بىر ئۆينى بېشىغا كىيىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ، مەنمۇ شۇلار قاتارىدا توي قىلماقچى بولىۋاتىمەن ئاكا! مەندەك بىر ئاجىزە سىڭلىڭغا بەخىت تىلگىن ،ئاكا!...
چوقۇم تىرىشىپ ئۆگەنگىن ! ساڭا كەلگەن ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلىگىن ،جاپاكەش ئاتا- ئانىمىزنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن قان - تەر بەدىلى ،ھالال سۈتى ئۈچۈن بولسىمۇ ياخشى ئۈگەن!
بۈگۈنكىدەك خۇشال- خۇرام ھېيىت كۈندە سەن يوق، ئانام خۇددى سېنى كەپ قالارمىكىن دېگەندەك ئىشىك سىرتىغا تەلمۈرۈپ يولۇڭغا قاراپ كەتتى... بىراق ئامال قانچە ؟ ئارلىق شۇنچە يىراق تۇرسا ، سەنمۇ ئىرادىلىك بولغىن ئاكا! ئانام ساڭا ئاتاپ بىر قانچە ئايدىن بېرى بىزگىمۇ بەرگىلى ئۇنىماي يىغىپ كەلگەن تۇخۇملار بىلەن قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى ئۆز قولى بىلەن پىشۇرۇپ سېنىڭ ئېغىز تېگشىڭ ئۈچۈن ئەۋەتتى ،ھەمدە ئەتتىگەنلىك بامدات نامىزدا ساڭا ئاتاپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا دۇئا قىلىپ ئۆز تىلگىنمۇ قوشۇپ ئەۋەتتى...
ئاخىردا تېنىڭنىڭ سالامەت ، ئۆگنىشىڭنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىنى ،ئالىي بىلىم يۇرتىدا تىرىشىپ ئوقۇپ ھەممىمىزگە خوش خەۋەر ئېلىپ كېلشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاكا ھاۋا سوۋۇپ قالدى قېلىنراق كىينىۋال ،ئۆزۈڭنى ئاسىرا سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىلغىن!
خەير ئاكا، ئامان بولغىن!
خەيرلىك مىنۇتلاردا كۆرۈشكەيمىز!
سۆيۈملۈك سىڭلىڭدىن.
2008-يىل 12-ئاي 9 -كۈن . ( تەڭ بازىرى)
(ئاپتورى: ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتىتى 2007 - يىللىق قانۇن فاكۇلتىتىدا)[ بۇ يازما @otkax تەرپىدىن2008-12-23 14:55دە قايتا ت ]