ئادەم بەدىنىگە دائىر سانلىق قىممەتلەر ـــ ئادەمنىڭ ھەر كۈنى تەخمىنەن 45تال، كۆپ بولغاندا 60 تال، ئۆمۈر بۇيى 1مىليۇن 500 مىڭ تال چېچى چۈشىدۇ. ـــ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە 10 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسى بۇلىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قانداق بىر باشقا ئەزا ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى چوڭ مىڭىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسى ھەر كۈنى 86 مىليۇن ئۇچۇرنى خاتىرلەيدۇ. ـــ ئەگەر چوڭ مېڭىنىڭ كونىسىنى چىقىرۋېتىپ يېڭىنى ئالماشتۇرشىنى ئېنىرگېيىگە ئايلاندۇرغىلى بولسا، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئېنېرگىيە بىلەن 20 ۋاتلىق ئېلىكتىر لامپىسىنى ياندۇرغىلى بۇلىدۇ. ـــ يۇتقۇنچاق ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئالدىراش ئەزا بۇلۇپ، ئادەم ئۆمرۈدە ئۇنىڭدىن 40 توننا يىمەكلىك، 380 مىڭ كۇپ مېتىر ھاۋا ئۆتكۈزۈشكە مۇھتاج بۇلىدۇ. ـــ ئادەم قاتتىق چۈشكۈرگەندە ،شۆلگەي دانىچىلىرى سائىتىگە 103.6 ئىنگلىز لى تېزلىك بىلەن ئېغىزدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ـــ ئادەم قاراڭغۇلۇقتا تۇرغاندا كۆزنىڭ نۇرغا بولغان سېزىمچانلىقى بىر مىنۇتتىن كىيىن 6000 ھەسسە، 40 مىنۇتتىن كىيىن 25 مىڭ ھەسسە ئاشىدۇ. ـــ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە سېكۇنىتىغا ئوخشىمايدىغان 100 مىڭ خىل خىمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بىرىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى 490- سان |