بىر ئادەم ئۆمۈر بويى پالاقشىپ، جاپا چەككەن بولسىمۇ، يۇقسۇزلۇقتىن قۇتۇلالماي ھالىدىن كېتىپتۇ. بىر كۈنى كېچىدە، يەنە داۋاملىق ياشاۋېرىشكە رەغدى قالمىغان بۇ ئادەم، ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن بىر تىك قىيانىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
ئۆزىنى تاشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇ ھۆڭگىرەپ قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزى يولۇققان مەغلۇبىيەت، ئوڭۇشسىزلىقلارنى بىر -بىرلەپ سۆزلەپ چىقىپتۇ. قىيادىكى بىر تاش ئۈستىدە بىر تۈپ پاكار دەرەخ بار ئىكەن. دەرەخ بۇ ئادەمنىڭ تۈرلۈك سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ ئىختىيارسىزلا يىغلاپ ياش تۆكۈپتۇ. ئادەم دەرەخنىڭ يىغلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ:
- سەنمۇ يىغلاۋاتىسەنغۇ، ئەجەبا، سېنىڭ بەختسىزلىكىڭمۇ مېنىڭكىگە ئوخشامدۇ، نېمە؟- دەپ سوراپتۇ.
- مەن بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ بەختىسز، ئەڭ شورپىشانە دەرەخ ئوخشايمەن. مەن مانا بۇ تاشنىڭ قىسىلىچىقىدا ياشايمەن. ماڭا ئوزۇق بەرگىدەك تۇپراق، سۇ بەرگىدەك مەنبە يوق بولغاچقا، يىلبويى ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىمەن، مۇھىت ناھايىتى يامان بولغاچقا، شاخلىرىمنىمۇ ئەركىن - ئازادە كەڭ يايالمايمەن، شۇڭا چىرايىممۇ بەك سەت، كۆرۈمسىز بولۇپ قالدى، يىلتىزىم تېيىز بولغاچقا، شامال چىقسا يىقىلىپ كەتكىلى ئارانلا تۇرىمەن، سۇغۇقتا بولسا قېتىپ ھالىمدىن كېتىمەن. ئەسلىدە مېنىڭ تىرىك تۇرغىنىمدىن ئۆلگىنىم مىڭ ئەلا ئىدى،- دەپتۇ دەرەخ.
ئادەمنىڭ ئىختىيارسىزلا بۇ دەرەخكە ئىچى ئاغرىپ كېتىپتۇ. ۋە دەرەخكە:
- ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ دۇنيادا يەنە ياشاپ نېمە قىلىسەن، ئۇنىڭدىن كۆرە مەن بىلەن تەڭ ئۆلۈۋال!- دەپتۇ.
مېنىڭ - دەپتۇ دەرەخ،- ئۆلۈۋالمىقىم بەك ئاسان. ئەمما، بۇ تىك قىيادا مەندىن باشقا دەرەخ يوق، شۇڭا مەن ئۆلسەم بولمايدۇ.
- ئادەم بۇنى چۈشەنمەپتۇ. دەرەخ يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپتۇ،- سەن مېنىڭ بېشىمدىكى بۇ قۇش چاڭگىسىنى كۆرۈدۈڭمۇ؟ بۇ دېگەن ئىككى دانە سېغىزخاننىڭ چاڭگىسى. ئۇلارنىڭ ئىزچىل مۇشۇ يەردە ياشاپ، ئەۋلاد قالدۇرۇپ كۆپيىۋاتىدۇ، ئەگەر مەن بولمىسام، بۇ ئىككى سېغىزخان قانداق قىلىدۇ؟
ئادەم بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇشتۇمتۇتلا بىر نېمىنى چۈشەنگەندەك بوپتۇ- دە، دەرھال تىك قىيانىڭ يېنىدىن ئارقىغا يېنىپتۇ.
ئەمەلىيەتتە، ھەربىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىمايدۇ. ھەرقانداق ئەرزىمەس، پەس ئادەممۇ بەزىلەر ئۈچۈن تىك قىيادا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گېگانت دەرەخكى ئوخشايدۇ.
ئىسمائىل ئىبراھىم(ات)
