بىر زاۋۇت بار ئىكەن، ئىشچىلار ناھايىتى چېچىلاڭغۇ بولۇپ، كېچىكىدىغان، بالدۇر كېتىدىغان ئىشلار بۇ زاۋۇتنىڭ كونا كېسىلىگە ئايلىنىپ قالغان ئىكەن. كارخانا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىمنىڭ يەنە بىرىگە يامان بولغۇسى كەلمىگەچكە قائىدە بۇزۇلۇپ، ئاخىرىدا كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپتۇ. يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش مۇدىر بىر يېڭى چارە قوللىنىپتۇ، يەنە ئۇ چىقىش ۋاقتىدا ھەممىدىن بۇرۇن زاۋۇتقا كېلىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپتۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىشقا كەلگەن ئىشچىنى خاتىرىلىۋاپتۇ؛ ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدا دەرۋازا ئالدىدا بالدۇرلا پەيدا بولۇپ، «ئىشتىن ئەڭ بۇرۇن چۈشكەن ئىشچى» نى تىزىملىۋاپتۇ . كېيىن ئۇ زاۋۇتنىڭ چوڭ يىغىنىدا ئاشكارا ئېلان قىلىپ، بۇ ئىككى ئىشچىنىڭ يىللىق مۇكاپاتىنى بىكار قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا، كېچىكىدىغان ۋە ئىشتىن بالدۇر قايتىدىغان ئىشلار تۈگەپتۇ .
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 22-دېكابىر سانىدىن ئېلىندى . |