بېيجىڭ ۋاقتى 21-دېكابىر سائەت نۆلدە ئىتالىيىنىڭ A دەرىجىلىك كۇلۇبى AC مىلان بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيە پۇتبول چولپىنى بېكھام بىلەن توختام ئىمزالىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يانۋاردىن 9-مارتقىچە بۇ كۇلۇبتا توپ تېپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . 9-مارتتىن كېيىن كېيىن بېكھام يەنىلا داۋاملىق ئامېرىكىدا مۇسابىقە ئوينايدىكەن.
بۇ نۆۋەت مىلان كوماندىسى ئۇنىڭغا 32 نومۇرلۇق كىيىمنى تەييارلاپ قويغاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشچە، 19-دېكابىر چۈشتىن كېيىن شۋېتسارىيىدە كۇلۇبلارنىڭ چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىلىشىدىغان كۇلۇبلار تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
(ئالاھىدە يېزىلغان ساھىبخان كوماندىلار)
چېلسى VS يۇۋېنتۇس
بليارىيار VS پاناسىناكوس
لىسسابون VS بايرىن
مادىرىد VS بورتو
لىئون VS بارسېلونا
خان جەمەتى مادرىد VS لىۋېرپۇل
ئارسېنال VS رىم
مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى VS خەلقئارا مىلان
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 23-دېكابىر سانىدىن ئېلىندى