بۇ دىيارىم مۇنبىرىگە يوللانغان ئەرز ئىكەن . مەن ئەمىلىي ئىشلارنى كۆرمىگەن بولساممۇ ، ئىشىنىمەن . ئەمما مەزكۈرتېمىدىكى بۇ ئەھۋالنى ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان جەنوبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن تەڭسىزلىكلەرنى ھەممە ئۇيغۇر تورداشلار ئاسماندىكى ئاينى ئېنىق كۆرگەندەك كۆرىدۇ ، ۋە بىلىدۇ . ھەم مۇشۇ ئىشنىڭ راستلىقىغا ئۇيغۇر تورداشلارمۇ تامامەن ئېشىنىدۇ . !!!!______________________________________
بۇنداق پارتكوم شۇجىسىنىڭ قىلمىشلىرى قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلار؟(ئەرز)
دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيىمىز خەلىققە توغرا رەھبەرلىك قىلىپ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن ، بەزى دۇنياۋى مەسىلىلەردە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان ئۇلۇغ دۆلەت ياراتتى.
پارتىيىمىزنىڭ مەركەزدىكى سىياسىتى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىۋاتقان ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ھەر قانداق ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ ،پارتىيىنىڭ خەلققە قىلىۋاتقان غەمخورلۇقى چەكسىز بولۇپ، بۇنىڭدىن خەلق ئىنتايىن رازى.
لېكىن بىر قىسىم جايلاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇق سودىسى ، خەلققە سېلىۋاتقان زۇلمى، پارتىيىمىزنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ ، جايلىرىمىزدا يۇقىرىنى ئالداپ ، تۆۋەننى بېسىپ قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمايۋاتىدۇ .خەلق ئۆز ئاسمىنىدىكى بۇلۇتنىڭ تارقىلىشىنى ئۈمۈت قىلىۋاتىدۇ، پارتىيىنىڭ پارلاق نۇرىنى سېغىنىۋاتىدۇ . ھال ئېيتىپ بارسا سورايدىغان ئورۇن تاپالمايۋاتىدۇ . شۇڭا خەلق پارتىيىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلىرىدىن تەكشۈرۈشتە شەكىلۋازلىقنى تاشلاپ << كاڭشى خاننىڭ ئەل ئىچىدىكى خۇپىيانە زىيارىتى >>نى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
پەيزاۋات ناھىيىسى خوشاۋات يېزىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى لى شۇجى ئەنە شۇنداق زۇلۇمكار شۇجىلارنىڭ بىرى .
1. ئىقتىسادىي جەھەتتە :
1) ھەر يىلى يەر ھۆددىگە بەرگەندە چىققان ئارتۇق يەرگە پۇل يىغىدۇ، ھەتتا يېڭى ئىچىلغان يەرلەرگىمۇ يەر پۇلى يىغىدۇ ( سۇ پۇلىدىن باشقا 100-150 يۈەن )
2)سېلىق تۈرلىرى ۋە سوممىسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ھەميانىنى تولدۇرىدۇ ، ئەقەللىسى ، بۇ يىلنىڭ ، يەنى2008- يىلنىڭ ئۆزىدىلا سېلىق تۈرى20 خىلدىن ئېشىپ كەتكەن .
3)ياچىيكا شۇجىلىرىنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق پۇل يىغىدۇ. يەنى كەنت ياچىيكا شۇجىلىرىغا ھەر خىل سىلىق پۇلى، يەر پۇلى قاتارلىقلاردىن قانچىلىك پۇل يىغسا يېرىمىنى ئۇلارغا مۇكاپات قىلىپ بېرىش چارىسىنى يولغا قويۇپ ، ھەر 100 مىڭ يۈەنگە 25 مىڭ يۇەننى كەنت شۇجىلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن ، شۇنداق قىلىپ ھەر بىر ياچىيكا شۇجىسى 30 مىڭ يۇەندىن 60 نەچچە مىڭ يۇەنگىچە مۇكاپات ئالغان . ئەجىبا ئۇلارنى شۇجى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ مۇكاپاتلىدىمۇ ، ياق ! بۇ پۇللار خەلق ئاممىسىنى زار قاخشىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئاچچىق قان - ياشلىرى بەدىلىگە كەلگەن پۇل .
4) قىمار ئارقىلىق كىرىم قىلغان .
كەنت ياچىيكا شۇجىلىرىنى مۇكاپاتلىغان كۈنى بىر مەيدان قىمار سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ ، ماھىيەتتە بۇ مۇكاپات بەرگەن پۇلنى قايتۇرىۋېلىش سورۇنى ئىكەن . ياچىيكا شۇجىسى پارتكوم شۇجىسىغا ئۇتتۇرۇپ بەرسە ئەتىۋارلىنىدىكەن .پارتكوم شۇجىسى قىمار ئوينىمىغان كادىرلارغا ئاشكارا ھالدا : قىمار ئوينىمىغان كادىر بەدىنىدە ئەركەك تۈكى يوق كادىر ، بەدىنىدە ئەركەك تۈكى يوق كىشى قانداقمۇ كادىرلىق قىلالىسۇن ؟ دەپ ھاقارەت قىلىدىكەن ۋە ئۇلارنىمۇ قىمار ئويناشقا مەجبۇرلايدىكەن.
5) ئەمەل سودىسى .
دۆلەت كادىرلىرىنى ، ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپ يۆتكەش ئارقىلىق بايلىق توپلايدۇ . شۇجىنى پات- پات يوقلاپ تۇرغانلار يېقىندا ، ياخشى يەردە ئىشلەيدۇ ، يوقلىيالمىغانلار چەت - يىراق جايلارغا ئىۋەرتىۋېتىلىدۇ .
6) پىلانلىق تۇغۇت ئارقىلىق بايلىق توپلايدۇ.
مەسىلەن :بىر كەنتتە پىلاندىن ئارتۇق 20 بالا تۇغۇلغان بولسا، يۇقىرىغا 10 دەپ يوللايدۇ ، جەرىمانە ئالىدىغان چاغدا ئۇنىڭ 3 نەپىرى ئۆلدى دەپ يوللاپ، 7 نەپىرىنىڭ پۇلىنى يۇقىرىغا يوللاپ ،قالغان 13 نەپەرنىڭ پۇلىنى ھەميانىغا سالىدۇ.
7) تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى.
بۇ پۇل پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ نامرات دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇل ئىدى، شەھەر - بازارلاردا بۇ پۇلغا ئېرىشىدىغانلارغا بانكا كارتىسى بىجىرىپ بېرىلگەن بولۇپ ، ئۇلار ھەر ئايدا قەرەللىك تۈردە بانكىدىن خۇددى كادىرلار مائاشىنى ئالغاندەك ئالىدۇ ، لېكىن بىزنىڭ يېزىدا بۇ كارتا بىجىرىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، بۇ ئايدا بىر كىشىگە ، يەنە بىر ئايدا يەنە بىر كىشىگە بېرىپ قويۇپلا يوقاپ كېتىدۇ، بىر كىشىگە بىر قېتىم بەرسە ، 3 - 4 يەرگە ئارتۇق قول قويدۇرىۋالىدۇ - دە ، يۇقىرىدىن تەكشۈرگىلى كەلگەنلەرگە شۇنى كۆرسىتىپ كۆزىنى بوياپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ . ئۇلار بۇنىڭدىكى سىرنى ھەرگىزمۇ بىلەلمەيدۇ .
8)شەكىلۋازلىق قىلىپ ھەممە يەرگە پارنىك ۋەزىپىسى قويۇپ ، تېرىپ ھوسۇل ئېلىۋاتقان يەرلەرنى بۇزۇپ پارنىك قىلدۇردى.
باي توقاي كەنت 5 -زۇدىن 50 مو يەرگە پارنىك كولاتقۇزغاندىن كېيىن، 1- دەرىجىلىك يەر 3 يىلدىن بۇيان يا ئۈستى يېپىلماي يا تېرىلماي( يېتەكچىلىك قىلمىغان) قۇرۇق تۇرغان. يەنە پارنىك كولىتىش ئۈچۈن دىھقانلاردىن 162 مىڭ يۈەن پۇل يىغقان ، 2008- يىلى 11- ئايغا كەلگەندە ھەر بىر پارنىكقا 1000 يۇەندىن پۇل بەرسە تۈزلىتىپ بېرىمەن دىگەن .
2.ئىجتىمائىي كەيپىياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ .
1) سېلىق يېغىشتا، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن ،بالدۇرلا جەمئىيەتكە چىقىپ كەتكەن ، قىمارۋاز ، لۈكچەك ، كوچا بالىلىرىدىن<< تېز ئىنكاس قايتۇرۇش >> گۇرۇپپىسى خادىملىرى تەشكىللەپ ئىشقا سېلىۋاتىدۇ ، بۇلارنىڭ ئازراقمۇ قانۇن ئېڭى يوق بولۇپ سېلىق بېرەلمىگەنلەرنى ئۇر دېسە ، نېرى- بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەي ، ئۆلۈپ قېلىشى بىلەن كارى يوق ئۇرىدۇ.
مەسىلەن : بىنام مەيدانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەيدان بولۇپ، شۇ يەردىكى نېرۋىسىدا مەسلە بار بىر كىشى سلېىقنى بەرگىلى ئۇنىماي تۇرىۋالغاندا ، شۇجى ئۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ، باشقا كىشىلەرنىڭ بۇ كىشىنىڭ كاللىسى نورمال ئەمەس ، ئۇرماڭلار دەپ توسىغىنىغا قويماي ئۇرۇپ مىيىپ قىلىپ قويۇپ سېلىقنى ئالغان ھەمدە ،قارشىلاشساڭلار بۇ ساراڭنىڭ بۈگۈنى سىلەرنىڭ ئەتەڭلار بولىدۇ ،سېلىقنى بەرمەي قۇتۇلالمايسىلەر، دېگەن . يېڭى مەھەللە كەنتىدىكى بىر بالىنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان .
2)ھالقىلىق مەزگىلدە 1 - قول يېزا باشلىقىنى يىغىن ، ئۆگۈنۈش ، زىيارەت ، ساياھەت قاتارلىقلارغا ئېۋەرتىۋېتىپ ئۆز مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .
بۇ يىل كۈزدە يېزا باشلىقىنى شىئەنگە ئىۋەرتىۋېتىپ 6 مىليوندىن ئارتۇق سېلىق يېغىپ قىمار ۋە ئەيش - ئىشرەتكە سەرپ قىلغان.
3) يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قورۇسىدىن 3 ئېغىز ئۆيدە مەخسۇس كەكلىك ، قىرغاۋۇل ، كۆك كەپتەر بېقىلىدىغان بولۇپ ، ئۇنى باقىدىغان ، ئۆلتۈرۈپ تازىلايدىغان ، سەي قورۇپ تەييارلايدىغانغا مەخسۇس ئەمگەك كۈچى ئاجراتقان بولۇپ ، 2-3 نەپەر ئەر خىزمەتكار، 5-6 نەپەر ئايال خىزمەتكار لى شۇجىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ . ( ئۇلار دۆلەت كادىرىمۇ ياكى خىزمەتكارمۇ بىلمەيمىز ) ئۇلار كىچە - كۈندۈز لى شۇجىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ ، بۇ ئەھۋال كەنتتە ناھايىتى يامان تەسىرلەرنى قالدۇرماقتا.
سەھىپە چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن مۇشۇنچىلىك سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇق . بىز شۇنى سورىماقچى، شۇجى خەلق ئۈچۈن ئىشلەشكە ، مۇقىملىقنى ساقلاشقا كەلدىمۇ ياكى خەلقنى شىلىپ يېيىشكە ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا كەلدىمۇ ؟
نۆۋەتتە لى شۇجىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى مەلۇماتقا كۆز سالايلى:
لى شۇجى ئەينى ۋاقىتتا شېكەر كۆلدە مېھمانساراي ئېچىپ قىمارخانا ، پاھىشىخانا ئېچىپ يۈرگەن كىشى بولۇپ، كېيىن پۇلنى كۆپ تېپىپ ئەمەل سېتىۋېلىپ شۇجى بولغان. ئالدىنقى يىللىرىپەيزاۋات ناھىيە مىشا يېزىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى بولۇپ خەلققە قاتتىق بېسىم قىلغان . زىددىيەت تازا كۈچەيگەندە خوشاۋاتقا يۆتكىلىۋالغان ، ئارقىدىنلا مىشا قىزىلبويى يېزىسىدا بۆلگۈنچىلىك ، قاتىللىق ، ساقچىلارنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغان ئېغىز ۋەقە يۈز بەرگەن.
بىر كەنتنىڭ سىياسي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقىنى كونترول قىلىشنى بىلمەي ، كۆز ئالدىدىكى بۆلگۈنچىلىك ، ئىتتىپاقسىزلىقنى ۋاقتىدا سېزىپ ، ئالدىنى ئالالماي ، ئەكسچە خەلىققە زۇلۇم سالىدىغان مۇنداق ئادەم قانداقمۇ شۇجى بولالىسۇن؟
بىز ئادالەتلىك رەھبەرلىرىمىزنىڭ ،يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە - ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىزنىڭ ئەرزىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلماي تەۋەيىمىزگە ئىشەنچلىك كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن مەخپىي خىزمەت ئەترىتى ئېۋەرتىپ تەكشۈرۈپ بېقىشىنى ، ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمىز.
پەيزاۋات ناھىيە خوشاۋات خەلقىدىن.
2008-يىل 12- ئاينىڭ 22-كۈنى.
بۇ ئەرزنامە مەزكۇر شۇجىنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەردار كادىر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ ، ئۇلار ئەرزنى ناھىيىگە سۇنسا ناھىيىنىڭ يەنە شۇجىغا چۈشۈرۈپ بېرىشىدىن ئەنسىرەپ تورغا يوللاشنى توغرا تاپقان.
[ بۇ يازما uyghurjan تەرپىدىن2008-12-23 02:17دە قايت ]