ھازىر نۇرغۇنلىغان ئادەملەر كۈندە قېتىق ئىچىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالدى. بەزىلەر ئەتىگەندە ئىچىدۇ، بەزىلەر كەچتە ئىچىدۇ، يەنە بەزىلەر خالىغان ۋاقىتتا ئىچىدۇ. ئۇنداقتا قېتىقنى قانداق ۋاقىتتا ئىچىش ساغلاملىققا پايدىلىق؟
سەھىيە مىنىستىرلىكى ئوزۇقشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، قېتىقنى كەچتە ئىچىشنىڭ پايدىسى ئەڭ كۆپ . چۈنكى كالىتسىي تولۇقلاش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كېچىدە ئادەم بەدىنىگە تەركىبىدە كالىتسىي بولغان يېمەكلىكلەر كىرمىگەچكە، كالىتسىي مېتابولىزىم داۋامىدا يوقاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چوقۇم مۇۋاپىق مىقداردا كالىتسىيلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىش زۆرۈر . ئۇنداقتا كەچتە سۈت ئىچىش بىلەن قېتىق ئىچىش قايسىسى ساغلاملىققا پايدىلىق؟
نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۈت بىر خىل ئاسان ھەزىم بولمايدىغان ئىچىملىك، ئەتىگەندە ئىچكەندىن كېيىن بىر كۈنلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق ھەزىم بولىدۇ. كەچتە ئىچكەندە ، ھەرىكەت ئاز بولغانلىقتىن ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ، ئاشقازىنى ياخشى ئەمەسلەردە ھەزىم قىلىش نورمال بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. قېتىق ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈت كىسلاتاسى كېچىدە ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىگە پايدىلىق ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقىرى قان بېسىم، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدىلىق . ئوزۇقشۇناسلار يەنە شۇنى تەكلىپ قىلىدۇكى، قېتىقنى ئەڭ ياخشىسى كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىر ئاز توختاپ ئىچىش كېرەك، ئاچ قورساققا ئامال بار ئىچمەسلىك كېرەك. ئاچ قورساققا ئىچكەندە سۈت كىسلاتاسى ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئۆلتۈرۈپ ، قېتىقنىڭ ساغلاملىق رولىنى يوقىتىدۇ.
مەنبە : (خەنزۇچە) تېنچ ئوكيان ئاياللار تورى