ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1213 ـ ئوقۇرمىنى
yarkin-2
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 2616
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1244
شۆھرەت: 1273 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2332 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 242(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 مەن بارغان بىر توي

تۈنۈگۈن مەلىكەم توي قىلدى .
توي ھەقىقەتەن ھەشەمەتلىك ، كاتتا بىر توي بولدى . يۇرتنىڭ داڭدار بايلىرى، ھوقۇقدارلار ...ئىشقىلىپ نامى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قۇتلۇق توينى مۇبارەكلەپ كەلگەن ئىدى ..ئىسىل ماشىنىلارنىڭ كۆپلىكىنى دىمەمسىز تېخى ..ئاڭلىسام يىگىت تەرەپنىڭ جەمەتى جىق كىشىلەركەن ..يىلتىزى بەك چوڭقۇر ..مەلىكەمنىڭ يىگىتى بويى ئىگىز كەلگەن ، كېلىشكەن ،خۇشخۇي بىر ئەر ئىدى ..ئۇ بىر ئورۇننىڭ مەسئۇلى ، ياش تۇرۇپلا خىزمەتتە ئۇتۇق قازانغان ..ئىشقىلىپ مەلىكەمگە شۇنداق ماسلىشىدۇ . ئۇلار <خۇدا قوشقان بىر جۇپلار>.
مەلىكەمنى كۆچۈرۈپ ئەكەلگىلى باردۇق . نىمىشقىكىن ماشىنىدىن چۈشۈشكە پېتىنالمىدىم .رېستوراننىڭ ئالدىدا ئىگىز كەلگەن ئانام يارىشىملىق ياغلىقىنى بوينىغا ئارتىپ خوشاللىق ئىچىدە مېھمانلارنى كۈتمەكتە....كۆزەينىكىنى تاقاپ داداممۇ ئادىتى بويىچە كۈلۈمسىرىگىنىچە نىمە قىلارىنى بىلمىگەن كىچىك بالىدەك ئۇياق بۇياققا قارىماقتا..ئەنە مىرادىل...
ۋىچىركا زالى . مېھمانلار زالغا لىق تولدى . رىياسەتچى قىزچاق مەلىكەم ۋە يىگىتىگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەچ شەبنەمدىكى بىرنەچچە باشقۇرغۇچى ۋە ئالىي ئەزالارنىڭ سوۋغا قىلغان گۈلدەستە ئارىسىغا قىستۇرۇپ ئەۋەتكەن بەخت تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى ...بوينۇمنى سوزۇپ ئۇلارنى كۆپ ئىزدىدىم ..كېيىن ئۇقسام ئۇلار زالغا كەلمەپتىكەن ..
مەلىكەم .
مەلىكەم ئەتلەستىن ئۆز ئارزۇسى بويىچە توي كۆينىكى كەيگەن ئىدى. باشىغا خوپمۇ ياراشقان ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىۋالغان . ياۋروپا ئاقسۆڭەك ئاياللىرىدەك ئارتىۋالغان ئىسىل پەلتوسى ئەزەلدىنلا يىراق بولغان ئارىلىقىمىزنى بەكمۇ يىراقلاشتۇرىۋەتكەندەك قىلاتتى ...قىرىق تال ئۇششاق قىپ ئۆرىۋالغان چاچلىرى ئاشۇ ئىسىل پەلتوسى ئىچىدە قالغان ئىدى..سۇس قىلىنغان يارىشىملىق گىرىمى ئۇنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىۋەتكەن (ئۇ ئەزەلدىنلا گۈزەل ئىدى)...بىردىنلا مەلىكەم يۆتىلىپ كەتتى ..قاراپ تۇرسام يۆتىلىپ كەتتى .ئىچىمدە ئۇنىڭغا كايىدىم <ھەي، نىمىشقا بارلىقىمنى ئاسرىمايدىغانسىز ھە؟..ئەجەپكەنسىز..!>..بىر ئازدىن كېيىن ئۇ چېھرىدىن بەختىيار كۈلكىسىنى ياغدۇرۇپ دوستلىرى بىلەن بىر نىمىلەرنى دىگىنىچە ھېلىقى ئىسىل پەلتوسىنى سېلىۋەتتى ..پاھ! ئۇششاق ئۆرىۋالغان چاچلىرىنى كۆردۈم! بىراق نىمىشقىدۇ سەل مەيۈسلەندىم . قىرىق تال چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ ..يىگىرمە نەچچە تالدەك قىلىدۇ ...ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىيالايدىغان ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ناھايىتى ئەپلىك بولغان بۇ ئورۇننى ئىگەللەپ ئولتۇرالىغىنىمدىن بىر خىل خوش بوپ ئولتۇردۇم ..ئۇنىڭ مېنى كۆرمەيدىغانلىقى ئېنىق . بۇنى بىلەتتىم . ئۇنىڭ كۆزى ھەقىقەتەن ئاجىز ...بىردىنلا ئۇ يىگىتى بىلەن قوزغالدى ، پەمىمچە ئىككىنجى قەۋەتكە چۈشۈپ ئايرىمخانىلارغا جايلاشقان ئىسىل مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈپ چۈشىدۇ ...مۇزىكىلار چېلىنماقتا ...ناخشا ساداسى...لەرزان يېنىك بولغان ۋالس مۇزىكىسىنى كۆرۈپ تۇرالمايلا قالدىم . زور بىر جاسارەتنىڭ تۈرتكىسىدە مەلىكەم ئولتۇرغان ئۈستەلگە بېرىپ ئۇنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن بولغان <تۇرنا>نى تانسىغا تارتتىم ...
مەلىكەم ۋە يىگىتى ئۈستىگە يېنىپ چىقتى ..ئۆز ئورۇنلىرىغا جايلىشىپ ئولتۇردى ..بۇ تويدىمۇ بارلىق تويلارغا ئوخشاش قىز بىلەن يىگىت تانسا ئويناشقا ئوتتۇرىغا چۈشتى ..مەلىكەمگە قارىدىم .ئۇنىڭ خوشاللىق ۋە ھاياجانغا تولغان ،تەبەسسۇم ئىچىدە بىر خىل بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەن ھالىتىگە قاراپ ئىچىمدە ئاستاغىنا <سىزگە بەخت يار بولسۇن مەلىكەم..> دەپ پىچىرلىدىم ...سىرتقا، ئۆزۈمگە تەۋە بولغان بوشلۇققا سىڭىپ كەتتىم ...
يەنە قىرىق ئىككى يىل بار
.
[ بۇ يازما yarkin-2 تەرپىدىن2008-12-22 23:16دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com003
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-22, 06:03

 

ھەقىقىي مىسۋاك
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ .......................
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-22 13:11 |
nazim219
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68343
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

يەنە نىمىگە قىرىق ئىككى يىل باردۇ ؟؟؟؟؟؟
                  

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 14:19 |
adalat09
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67839
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

 

مەن بۇنداق تويلارغا قاتنىشىپ باقماپتىمەن.ئاللاھ خالىسا نىسپ بولارمۇ!

ئەزىز بوۋاق
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 14:20 |
padixa51
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 54566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 182
شۆھرەت: 183 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1769 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 192(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

 

ئالامەت توي بوپتۇ ھە بۇ     

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
QQ :434448044
مىنى تۇنۇدىڭىزمۇ ؟ مەن سىزنى تۇنىدىم
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 14:27 |
ABD123
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 24752
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 484
شۆھرەت: 585 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىnazim219نىڭ2008-12-22 14:19 دە يوللىغان يازمىسى   :
يەنە نىمىگە قىرىق ئىككى يىل باردۇ ؟؟؟؟؟؟
                  

شۇنى دەيمىنا.................

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 14:32 |
arzul01
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 32517
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 868
شۆھرەت: 884 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 27265 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1237(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

مەن ھىچنېمىنى چۈشىنەلمەيلا قالدىمغۇ؟.......... ھەي، راستىنلا گالۋاڭ ئىكەنمەندە............

ھەقىقىي مىسۋاك
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 14:34 |
玫瑰人生
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 64475
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

ئاخىرسىنى مەنمۇ چۇشەنمىدىمغۇ ؟

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 14:45 |
saba109
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 34718
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 76 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 517 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

ئاسماندىن ۋەھى كەلگەندەكلا  يەنە  42يىل بار دەپ قاپتىغۇ،42يىلدىن كىيىن بەخىت تىلىمەيدىكەندە؟؟؟

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 15:24 |
berna08
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 53712
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 305
شۆھرەت: 326 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2880 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 641(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

نەۋرىلىرىنىڭ تويمىكىن ئۇ 42 يىلدىن كېيىنكىسى..........

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چۈشكە نىمە كىرمەيدۇ ،دۇشمەن نىمە دىمەيدۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 15:33 |
saba109
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 34718
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 76 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 517 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

چاچنى چىرايلىق ئۆرۈپ،ئۇچىسىغا ئەتلەس، بېشىغا دوپپا كىيىپتۇيۇ، لىرىك ۋالىسقا  چۈشۈپتۇ...ھەقىقى «قاملاشقان مىللىچە توي» بوپتۇ  بۇ...

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 15:35 |
arkhon
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9172
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1108
شۆھرەت: 1184 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10730 سوم
تۆھپە: 215 نۇمۇر
ياخشى باھا: 254 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3923(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 

مەن  بۇ  توينى تۈنۈگۈن ئاڭلىدىم ،تېخى سىز  بىلەن قىلغان ئوخشايدۇ  دەپتىمەن  خەيىر ئاللاھ  نىسىپ  قىلماپتۇ ... يارقىن 2 بۇرادەر ئاللاھ  يۇلىدا  سەبرى  قىلىڭ ئەركەك  كىشى  دەرتكە ئۈلۈپ قالمايدۇ..ھەممە ئۈتۈپ كىتىدۇ ..جانابى ئاللاھ ئەڭ مىھرىبان ئۆز  بەندىسىنى  تاشلىۋەتمەيدۇ ..ئۈمىدۋار بۇلىشىڭىزغا ھاياتقا  كۈلۈپ  مۇئامىلە  قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن..

ئەزىز بوۋاق
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 15:55 |
maxal1
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

  ياخشى يېزىپسىز، ھازىر ھىچ بولمىغاندا ئەتلەس كىيىپتۇ، كىيىنچە پۈتۈن مىللى ئورۈپ ئادىتىمىز بويىچە بوپمۇ قالا............

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 16:15 |
yahxiapandi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68124
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

 

نىمە؟ بۇنىئڭدكىمەخسەت نىمىدۇ، مەن ئەجەپ چۇشىنەلمىدىمخۇ.

ئەزىز بوۋاق
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 16:15 |
alsu
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 63797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 870 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

     مەنمۇ چۈشىنەلمىدىم ............................

ئەزىز بوۋاق
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 16:31 |
MITRO
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 58346
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

 

يەنە نىمىگە 42يىل  باردۇر؟  ھەجەپ چۈشىنەلمىدىمغۇ؟؟؟؟

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 16:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-24 06:42, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ